ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-07-14
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى تىبەتلەر پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى. نامايىشتا تىبەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
2011-07-14
چارشەنبە كۈنى ئاخشام سائەتلىرىدە ھىندىستاننىڭ مۇھىم سودا شەھىرى بولغان مۇمبايدا پارتلاش مەيدانغا كېلىپ، 17 ئادەم ئۆلگەن، 130 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. پارتلاش مۇمباي شەھىرىدىكى ئادەم زىچ مەركەزلەشكەن مۇھىم سودا مەركەزلىرىدە ئايرىم-ئايرىم 3 ئورۇندا مەيدانغا كەلگەن.
2011-07-14
پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون لىۋىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان دىپلوماتىيە سەپىرىنى باشلىدى. كىلىنتون ئەتە ئىستانبۇلدا لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى قوللايدىغان 40 تىن ئارتۇق دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە لىۋىيىلىك ئىسيانچىلار بىلەن بىر ئارىغا كېلىپ، مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.
2011-07-14
خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېقىندا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىلى، قەشقەر، بۆرتالا، ئالتاي قاتارلىق جايلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىنى مەڭگۈلۈك ئەمىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تېخى ئۇزۇن مۇساپىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.
2011-07-13
ئۇيغۇر رايونىدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلار قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىنىشتىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي ھەم ئىقتىسادىي بېسىملار ئىچىدە ياشىماقتا.
2011-07-13
خىتاينىڭ يول قۇرۇلۇشى پىلانى ئەمەتجان ساۋۇت ئائىلىسىنى ئاتا مىراس قورۇ-جاي ۋە باغ-ۋارانلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرغان.
2011-07-13
موڭغۇلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئورال ئالتاي تىللىرى قەلەمكەشلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇر قەلەمكەش ۋە تىلشۇناسلار، يىغىننىڭ ئىنتايىن نەتىجىلىك، ئەھمىيەتلىك بولغان.
2011-07-13
خىتاي بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك تەنقىدلەرنى رەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا ئىزچىل ۋەدە بېرىپ كەلگەن.
2011-07-13
50 يىللىق قارشىلىق كۈرەشلەردىن كېيىن، جەنۇبىي سۇدان شەنبە كۈنى رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلاپ تۇنجى قېتىم دۆلەت بايرىقىنى چىقاردى.
2011-07-13
ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونلىرىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرى ئېچىلدى.
2011-07-13
قىرغىزىستان چۈي ۋىلايىتى ئىسسىقئاتا ناھىيىسىنىڭ كەڭبۇلۇڭ يېزىسىدىكى ئۈمىد يېمەك-ئىچمەك فابرىكىسىنىڭ باشلىقى غەيرەت ئابدۇللا ئەتراپتىكى 12 يېزىغا بىردىن تراكتور ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرى تەقدىم قىلىپ، ئۆزىنىڭ ساخاۋەتچى ئەخلاقىنى نامايان قىلدى.
2011-07-13
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر ئىنتېرنېتقا نازارەت قىلىدىغان تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمە چىققانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
2011-07-13
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنى خەلقئاراغا تارقاتقان ئىنگلىزچە خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقارغان.
2011-07-13
ئامېرىكا س ب س تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى قاارر ماقۇللاپ،، جەنۇبىي سۇداننى ب د ت د نىڭ رەسمىي ئەزاسى قىلىش ئۈچۈن ب د ت ئومۇم يىغىنىغا تەكلىپ سۇندى.
2011-07-13
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرى، 8 دەريادىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتايدىكى نەك، ئادىداس قاتارلىق كىيىم شىركەتلىرىنى، چاڭجياڭ، خۇاڭخې دەريالىرىغا قۇيۇلىدىغان دەريالارغا زەەھەرلىك خېمىيېۋىى بىرىكمىلەر بار پاسكىنا سۇلىرىنى قويۇپ بېرىپ، خىتايدا كەڭ دائىرىلىك سۇ بۇلغىنىش پەيدا قىلماقتا دەپ ئەيىبلىدى.
2011-07-13
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ب د ت دىن بايان قىلىشىچە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، قوراللىق توقۇنۇشتىكى جايلاردا ئۆسمۈرلەر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىدە يېڭى قارار ماقۇللىدى.
2011-07-12
ئورال ئالتاي تىللىرى قەلەمكەشلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 1-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتور قاتارلىق بىر قانچە شەھەردە ئېلىپ بېرىلدى.
2011-07-12
توققۇزاقلىق 50 ئۇيغۇرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكىگە 10 يىلدىن ئېشىپ قالغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ بۇ 50 ئۇيغۇرغا ئېلىپ كەلگەن پالاكەتلىرى تېخى ھازىرغىچە تۈگىمىگەن.
2011-07-12
ئەزەربەيجان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋە بەدىئىي تەرجىمىلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رامىز ئەسكەر ئەپەندى تۈرك دۇنياسىنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2011-07-12
تىبەتنىڭ مۇستەقىل بولۇش-بولماسلىقىنى تىبەتلەر ئۆزى بەلگىلەش شوئارى ياڭرىدى. تىبەتتە ئەنئەنىۋى دېموكراتىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش تىبەتنىڭ تەرەققىيات نىشانى قىلىپ بېكىتىلدى.
2011-07-12
يازغۇچى مەمەتئېمىن ھەزرەت يازغان «ئەجدىھانىڭ قورقىدىغىنى تۈركىيە» ناملىق كىتاب تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە نەشردىن چىقتى.
2011-07-12
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما رۇڭ «21-ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ بۆلۈنۈپ كېتىش خەۋپى بارمۇ-يوق» ماۋزۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھازىرقى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2011-07-12
خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋنىڭ ئولتۇرسا-قوپسا تەكىتلەيدىغىنى «تەرتىپ» بولۇپ قالدى. ئەمما خىتايدا «تەرتىپ» نىڭ بۇزۇلۇشى يۇقىرى سەۋىيىگە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.
2011-07-12
5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە 2 يىل تولغان پەيتتە، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان دىنى زات ئىبراھىم قارىم 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە پىداكارلىق كۆرسەتكەن، ھەق-ئادالەت ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر خانىم، قىزلىرىغا ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەردى.
2011-07-12
يېقىندا مارالبېشى ناھىيىسى تەۋەسىدىكى قوغدىلىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى تەبىئىي توغراقلىق ئىچىدىكى 50 مىڭ مودىن ئارتۇق دائىرىدە بوز يەر ئېچىلىپ كېۋەز تېرىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
2011-07-12
خىتاينىڭ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 8-ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا تارىم دەرياسى ئېقىنىنى باشقۇرۇش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زېڭ خاۋ ئىسىملىك خىتاي ئەمەلدارى 640مىڭ يۈەن خىيانەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
2011-07-12
خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن گۇاڭجۇدا سوت ئېچىپ، بۇ يىل 11-ئىيۇن كۈنى گۇاڭجۇنىڭ زېڭچېڭ رايونىدا يۈز بەرگەن سىچۈەنلىك ئىشلەمچىلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشىدا قولغا ئېلىنغان 19 ئادەم ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى.
2011-07-12
فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روسارىئو دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، فىلىپپىننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى تالاش-تارتىش مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا ھاۋالە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2011-07-12
فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالائىن جۇپپې بۈگۈن فرانسىيە رادىئوسىغا بايانات بېرىپ، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئالاھىدە ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ، كازافېي ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-07-11
تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلىپ، رادىئونىڭ بىر قىسىم خادىملىرىغا نۇتۇق سۆزلىدى ۋە رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.