ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-12-31
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 2012-يىلىنىڭ ئاخىرلىشىپ، 2013-يىلىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى يېڭى يىل بىلەن تەبرىكلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ يېڭى بىر يىلدىكى ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى ئىپادە قىلدى.
2012-12-31
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ كەلگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2013-يىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يېڭى بىر يىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-12-31
ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئۆلمەس ئابىدە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنىڭ يېقىندا رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان.
2012-12-31
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ يېقىندا مەملىكەت خەلقىگە يوللىغان يىللىق خېتىدە، قازاقىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەللىك دۆلەت سېپىدىن ئورۇن ئالغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.
2012-12-31
ياپونىيە دېڭىز قوغداش ئەترىتى ياپونىيىنىڭ ياكۇشىما ئارىلىغا 180 كىلومېتىر كېلىدىغان ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن «مىڭشا يۈيۈن 05307» ئىسىملىك، 200 توننىلىق بېلىقچىلار كېمىسىنى 9 نەپەر بېلىقچى بىلەن تۇتقان.
2012-12-31
ئىلى تەۋەسىدە جامائەتكە كەڭ تونۇلغان مەرىپەتپەرۋەر زات ئىمىنجان باۋۇدۇن ئەينى چاغدا خۇنخاي مازار رايونىدا دەسلەپ پەننىي مەكتەپ ئېچىپ، ئۇيغۇر مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش يولىدا جان كۆيدۈرۈپلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ ئىگىلىگەن بىلىمى ۋە كۆرگەن ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن ئىلى تارىخىغا ئائىت تارىخ كىتابىنى يېزىپ، پەرزەنتلىرىگە بۇ كىتابنى ئەخمەتجان قاسىمغا تەقدىم قىلىشنى ۋەسىيەت قالدۇرغان.
2012-12-31
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ مو يەنگە بېرىلىشى نارازىلىق قوزغىغانغا ئوخشاش، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە بېرىلىشىمۇ نارازىلىق پەيدا قىلدى.
2012-12-31
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ كورلا ۋە بورتالادا باشئەگىم، ئالاتاۋ شەھەرلىرىنى قۇرۇش قارارىنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق پايدىلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-12-31
يېقىندا ساقچىلار غۇلجا دۆڭ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئائىلىگە، ئاتۇشتىن مېھمان بولۇپ كېلىپ قونۇپ قالغان بىر تىجارەتچىنى ساقچىغا كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرمىغان، دېگەن سەۋەب بىلەن جەرىمانە قويغان.
2012-12-31
تاجىكىستان دائىرىلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان 1-يانۋاردىن باشلاپ تاجىكىستاننى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى كېسىپ تاشلىغان.
2012-12-31
ئۆتكەن يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەھبۇس ليۇ شاۋبونىڭ 26 ئايدىن بېرى نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئايالى ليۇشيانى، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى يوقلىغان ئىدى.
2012-12-31
ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان جاڭ يىڭ بۈگۈنكى يېڭى يىل نۇتقىدا، خىتاي خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ يېڭى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.
2012-12-31
شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايوندىكى نېفىت تۇرۇبا يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.
2012-12-29
خىتاي ھۆكۈمىتى 29 - دېكابىر ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە بىر يېڭى شەھەر قۇردى. بۇ شەھەر كورلىنىڭ باشئەگىم رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەرنى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىرلىكتە باشقۇرىدىكەن. شەھەرگە خىتايچە «تيېمېنگۇەن» ئۇيغۇرچە «باشئەگىم» دەم نام بېرىلگەن.
2012-12-29
خىتايدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە رىقابەت ئېلان قىلغان بولسا، بەزى مۇناسىۋەتلىك ئالىملارنى دېڭىزىدىكى بېلىق مەنبەسىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن ئىبارەت ئەندىشىگە سالغان.
2012-12-29
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، ئەزىز قېرىنداشلار! مىلادى كالېندارى بويىچە 2012 - يىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2013 - يىلىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا سىلەر بىلەن «يورۇق ساھىللار سەھىپىمىز» ئارقىلىق دىدارلاشقانلىقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدارمىز. يېڭى يىلدا ھەممەيلەنگە يېڭى نەتىجە، يېڭى ئۇتۇق، غەلىبە ۋە شان - شەرەپ تىلەيمىز.
2012-12-29
يېڭى يىل ھارپىسى كېلىش ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ياشلىرىنى ئاتا - ئانىلىرىنى يوقلاشقا مەجبۇرلايدىغان بىر قانۇن ماقۇللىدى.
2012-12-29
1990 - يىلى 5 - ئاپرېلدا قوزغالغان بارىن ئىنقىلابى دەھشەتلىك باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھۆرلۈك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ئېغىر توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى قەدەممۇ - قەدەم كۈچەيتىپ بارىدۇ. بولۇپمۇ 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ.
2012-12-29
ئەتىسى ئەتىگەن سائەت ئالتىدە ئاران ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشقا چىقسام، ھېلىقى قالپاقلىق بىچارىلەر ئىشلەۋېتىپتۇ. مەنمۇ ئالدىراپ بېرىپ لايغا چۈشتۈم.«ئۇف!» مۇزدەك لايغا چۈشكەندە سوغۇق مېڭەمگە چىققاندەك بولدى...
2012-12-28
خەلق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى جۈمە كۈنى تور كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى رەسمىي ماقۇللىدى. تور ئابۇنىتلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى ئىشلىتىپ، تىزىمغا ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان مەزكۇر قانۇن لايىھىسى جۈمە كۈندىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىندى.
2012-12-28
فىلىپپىن ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا يېڭى چارلاش پاراخوتلىرىنى سەپلىگەنلىكىگە كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-12-28
خىتاي دائىرىلىرى چىڭخەينىڭ تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان خۇاڭنەن ۋىلايىتىدىكى تىبەت ئىبادەتخانىلىرىنىڭ تېلېۋىزور ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئانتېننالىرىنى يىغىۋالغان.
2012-12-28
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 26-ۋە 27-دېكابىر كۈنلىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، 2013-يىلى قىلىدىغان مۇھىم ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغان.
2012-12-28
يېقىندا بايقالغان غايىپلاردىن بىرى ئالىمجان بەكرى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 5 - ئىيۇل كۈنىدىكى نامايىشتا، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغانلاردىن بىرى، ئۇ شۇ كۈنى كەچتىن ئېتىبارەن ئىز - دېرەكسىز غايىپ. بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا ئالىمجان بەكرىنىڭ كىملىكى ۋە غايىپ بولۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۇمچىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنىڭ بىرقىسىم غايىپلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا بەرگەن يېڭى جاۋابلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
2012-12-28
ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى 1988 - يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «مايتىرى سىمىت» ناملىق بۇددا درامىسىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇرغان.
2012-12-28
12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋىي شياۋنىڭ ۋە «تۈركىيە خىتاي دوستلۇق فوندى» باشلىقى ھاسان چاپان، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىلغان ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بەردى.
2012-12-28
ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا، بولۇپمۇ مىللىي مائارىپنىڭ ئالاھىدە رول ئوينايدىغانلىقى، ئانا تىلىدىكى مەكتەپلىرى بولمىغان خەلقنىڭ ئاڭ - سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقى، مەدەنىيىتىنىڭ، ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ چۈشكۈنلۈككە ئۇچرايدىغانلىقى ياخشى مەلۇمدۇر.
2012-12-28
ياپونىيە كوسايدو نەشرىياتى تەرىپىدىن كوللىكتىپ تۈزۈلگەن «خىتايدىكى ئەمەلدارلار دەستۇرى» ناملىق كىتابتا خىتايدىكى يېڭى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان شى جىڭپىڭ باشلىق خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ تەرجىمىھالى، ئەمەلدارلىققا ئېرىشىشىدىكى سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.
2012-12-28
قازاقستان ھۆكۈمىتى 27 - دېكابىرنى ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلدى. 25 - دېكابىر كۈنى قازاقستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا ئائىت بىر ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى چېمكەنت ئەتراپىدىكى سايرام يېزىسى يېنىغا چۈشۈپ پارتلاپ كەتكەن.