ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-08-31
«يېڭى دۇنيا قۇرۇلۇشى» دېگەن كىتاب پېگاسۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى ئامېرىكىلىق ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى پاراگ خاننا ئىنگلىز تىلدا يازغان بولۇپ، كىتابنى تۈركىيىلىك يازغۇچى ئەلىف نىھان ئاقۋاش تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىغان.
2012-08-31
ھەر يىلى 29 - ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا خەلقى ئاتوم يادرو قوراللىرىنى چەكلەش ھەرىكىتى خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
2012-08-31
بىر قانچە كۈندىن بۇيان مەتبۇئاتلاردا، مېركېلنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىنىڭ پەقەتلا ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇنازىرىلەر بولماقتا.
2012-08-31
يېقىندىن بېرى بىرمىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا تۈرك مەتبۇئاتلىرى كەڭ كۆلەمدە يەر بەرمەكتە. تۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈركىيىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرمىدىن قېچىپ قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلىق تىلىگەن كىشىلەرگە ياردەم بويۇملىرى ئەۋەتمەكتە.
2012-08-31
يېقىندا خىتاي ئۆلكىسىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى مىكرو بلوگدا قەشقەر ۋوگزالىدىكى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇنىڭ قولىدىكى كىملىكنىڭ خىتاي ئۆلكىسىدىن تارقىتىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان كومپيۇتېرىنى ئالاھىدە تەكشۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
2012-08-31
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان 17 مىڭ نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئاۋۋال بەلگىلەنگەن مەكتەپلەردە مۇلازىمەت قىلغاندىن كېيىن، رەسمىي ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2012-08-31
ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىنى قوغداش نازارىتى يېقىندا سېنكاكو ئارىلى ھەققىدە قارار ئېلىپ، كېلەر يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، سېنكاكو ئارىلىدا ئارالنى قوغداش قوشۇنى تۇرغۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2012-08-31
26-ئاۋغۇست شەنشى ئۆلكىسىدىكى ئاپتوموبىل قازاسىدا كارىۋاتلىق ئاپتوبۇستىكى 39 نەپەر يولۇچىدىن 36 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، خىتايدىكى يولۇچىلاردا قاتناش بىخەتەرلىكىگە بولغان ۋەھىمىنى كۈچەيتىۋەتكەن.
2012-08-31
كلىنتون خانىمنىڭ 30-ئاۋغۇست باشلىغان زىيارىتى 11 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كلىنتون خانىمنىڭ بۇ جەرياندا تىنچ ئوكياندىكى كۇك تاقىم ئاراللىرى، ھىندونېزىيە، خىتاي، شەرقىي تىمۇر، برۇنېي، رۇسىيە قاتارلىق 6 دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.
2012-08-30
ناماز ئوقۇغانلىقى ۋە ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبلىك جازا مۇددىتىنى 12 يىلدىن 24 يىلغا ئۇزارتىش، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سوت سەھنىلىرىدە ئاز ئۇچرىشى ۋە بەلكىم ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن.
2012-08-30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن 30-ئاۋغۇست «خەلقئارا غايىب بولغانلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارانى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي قاراشقا چاقىردى.
2012-08-30
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىلىۋاتقان قوش تىل مائارىپ تەدبىرلىرى مائارىپ ئىلمىگە، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا ۋە خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىش.
2012-08-30
ئۇيغۇر دىيارىدا چەتئەل تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى 1990-يىللاردىن باشلاپ 2000-يىللىرىغا كەلگەندە تېخىمۇ ئەۋجى ئالدى. كېيىنچە، تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ كىرىشى بىلەن تۈركچە ئۆگىنىش دولقۇنى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا يېيىلدى.
2012-08-30
خەلقئارادا تېررورلۇققا قارشى دولقۇن پەسەيمەكتە. لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت»لەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
2012-08-30
قىرغىزىستاننىڭ ئالىي كېڭەش پارلامېنتىدىكى 5 پارتىيىدىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاق بىرلىكى پارچىلىنىپ، ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەن.
2012-08-30
تۆرەلمىشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇتەخەسسىسى روبېرت گىلھىم ئېرىدىن تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى توغرىلىق كەلگەن قۇرئان كەرىم ئايىتى سەۋەبلىك ئىمان ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
2012-08-30
خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 29-ئاۋغۇست دۇنيا يادرو سىناقلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
2012-08-30
بۈگۈن بېرما ھۆكۈمىتى بېرمىغا كىرىشى چەكلەنگەن 2082 كىشىنىڭ قارا تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ، سىياسىي تۈزۈلمىسىنى يۇمشىتىشقا قاراپ ماڭغان بېرما ھۆكۈمىتى تاشلىغان يەنە بىر ئىسلاھات قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2012-08-30
بۈگۈن سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
2012-08-30
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى پائۇل رايىن چارشەنبە كۈنى ئاخشام جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا رەسمىي نامزاتلىقنى قوبۇل قىلدى.
2012-08-30
خىتاي ھۆكۈمىتى 2-سېنتەبىر كۈنى ئېچىلىدىغان 2-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى باشلىنىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىلگىرىلەپ چىڭىتقان.
2012-08-29
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي بويىچە 10 مىڭدىن ئارتۇق مىللىي ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 21 خىل مىللەت تىلىدا «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى يولغا قويغان.
2012-08-29
ھەر يىلى 29-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا خەلقى ئاتوم يادرو قوراللىرىنى چەكلەش ھەرىكىتى خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
2012-08-29
25-ئاۋغۇست كۈنى قۇددۇس غوجامىياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا، ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى(ئىلگىرىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى)نىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 1985-ۋە 2012-يىللار ئارىلىقىدىكى ئۇچۇمكارلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتتى.
2012-08-29
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە قاراتقان زىيارىتىنى باشلاش ئالدىدا تۇرماقتا.
2012-08-29
دوكتور بالمۇ ئەپەندى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قىزىقىپ، ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كۆپ ماتېرىياللارنى كۆرۈش ۋە ئوقۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قىسىم كىتابلارنى نېمىس تىلىغا ھەقسىز تەرجىمە قىلماقتا.
2012-08-29
تۈركىيە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، ھەر يىلى خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا يۇرتىغا قايتىدۇ.
2012-08-29
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھېلارى كلىنتون 4- ۋە 5-سېنتەبىر كۈنلىرى بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي بىلەن قوشنا ئەللەر ئارىسىدىكى جەنۇبىي دېڭىز ۋە سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پەيدا قىلغان ئىختىلاپ ۋە تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىشىپ، خىتاينى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قورال كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدىكەن.
2012-08-29
سانجىدىكى خۇڭشىڭ ناملىق بىر كۆمۈر كېنىدا سەيشەنبە كۈنى ھادىسە يۈز بېرىپ، 6 ئادەم ئۆلگەن، 6 ئادەم يارىلانغان. ھادىسە يۈز بەرگەن كان تۇدۇنخابادا بولۇپ، سانجى شەھىرىگە 70 كىلومېتىر كېلىدۇ.