ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-08-10
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باش سېكرېتارى مۇستافا دەستەچى ئەپەندى تۈركىيىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا ئىپتار زىياپىتى بەردى. ئىپتار تامىقىدىن كېيىن مۇستافا دەستىچى زىياپەتكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.
2012-08-10
ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، گېرمانىيىدە ھاكىمىيەت ئۈستىدە بولغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا «خىتايدىكى رەھبەرلىك ئۆزگىرىشى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى» ناملىق يىغىن 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە باۋارىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلماقچى.
2012-08-10
ئالماتادا 10 يىل ئىلگىرى سېلىنغان خانىم، قىزلار نۇر مەدرىسىسىنىڭ قۇرغۇچىسى پاتىمەھاجىم شەرىپوۋا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي كەمسىتىش سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
2012-08-10
ئۆلىمالار پارىخورلۇقنىڭ ئەڭ يامان ئىجتىمائىي جىنايەت ئىكەنلىكىنى ۋە پارا بەرگەن ۋە ئالغان، ئۇنىڭغا سايە قىلغان، ۋاسىتە بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ جىنايەتكە شېرىك ئىكەنلىكىنى سۆزلىمەكتە.
2012-08-10
چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، قوشۇمچە شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ كېلەر ھەپتە چۇڭچىڭدا سوتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2012-08-10
ئامېرىكا پەيشەنبە كۈنى تېھراندا چاقىرىلغان سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە 29 دۆلەت يىغىنىنى تەنقىدلەپ، بۇ يىغىنغا باشار ئەسەدنى قوللاپ، ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنى قىرغىن قىلىشىغا ياردەم قىلىۋاتقان ئىراننىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2012-08-10
د ئۇ ق باياناتچىسى رادىئومىزغا ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى چىقارماقچى بولغان «يېمەك-ئىچمەك يايمىكەشلىرىنى ۋە يېمەكلىك تەييارلاش سەرەمجانلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇر يايمىكەشلەرنىڭ مەنپەئىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلدى.
2012-08-10
ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىق دۇنيادىكى 22 تەشكىلات پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىدىغان 10 تۈرلۈك يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2012-08-10
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «خەلق تۇرمۇشى» پروگراممىسى مۇخبىرى لى جياڭيۆنىڭ 6-ئاۋغۇست ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىدا ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر يانچۇقچى بالىلار مەسىلىسىگە پىكىر بىلدۈرۈپ، «ئۇلارنى بايقىغان يەرنىڭ ئۆزىدە ئۆلتۈرۈپ تاشلاش كېرەك» دېگەن سۆزى تالاش-تارتىش قوزغىغان.
2012-08-09
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «ئۇيفۇربىز» تورىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختىنى، «ئۇيفۇربىز» تور بېكىتىدە يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي بېسىم ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى سەۋەبلىك ئاگاھلاندۇرغان.
2012-08-09
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئەقىدىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت بولغاچقا، دىنىي جەھەتتىن تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى، تىلىنى ۋە مۇقەددەس دىنىنى قوغداش ئىرادىسىنى يوقىتالمايدۇ.
2012-08-09
11 ئاينىڭ سۇلتانى دەپ ئاتالغان رامزان ئېيىدا تۈركىيىدىكى مۇسۇلمانلار دىنىي ئىبادەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
2012-08-09
بو شىلەينىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ قاتىللىق قىلمىشىغا چېتىلىپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. گۇ كەيلەي پەيشەنبە كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى خېفېيدىكى بىر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلاندى.
2012-08-09
بۈگۈن گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەردىن يىغىلغان بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر ۋە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى تەكلىپكە بىنائەن ۋېنگرىيىدە چاقىرىلىدىغان ھونلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پايتەخت بۇداپېشتقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
2012-08-09
ئىسلام دىنىدا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرز قىلىندى. روزا تۇتۇش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرز ئىبادەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى 5 ئاساسىي پەرز ئىبادەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
2012-08-09
ئادەمىزاد تارىخىدا ئىسلام دىنىنىڭ تۇتقان ئورنى ئالاھىدىدۇر. ئىسلامنىڭ كېلىپ-چىقىشى ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا تارقىلىش تارىخىنى ئۆگىنىش بۈگۈنكى كۈندىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2012-08-09
بۈگۈن 9-ئاۋغۇست بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن دۇنيا يەرلىك خەلقلەر كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، يەرلىك خەلقلەر ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
2012-08-09
خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى بۈگۈن خوڭكوڭدا بۇندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ كىيىمىگە مىكرو تىپلىق ۋىدىئو كامېرا ئورنىتىش ئارقىلىق سىنغا ئېلىش تۈزۈمىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ يىل ئاخىرىغىچە خوڭكوڭدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2012-08-09
خەلقئارا ئەركىنلىك سارىيى چارشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئەركىنلىك سارىيى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت ۋە دىنىي بېسىم سىياسىتى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالدى.
2012-08-09
رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترىي مېدۋېدېۋ پەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، رۇسىيىنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا چەتئەللىك كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
2012-08-09
خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلىكى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇ كەيلەي ۋەقەسى ۋە خىتاي تەنھەرىكەتچى ليۇ شاڭنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن چېكىنىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە چەكلىمە قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن تەنقىد قىلدى.
2012-08-08
ئۇيغۇر زىيالىيسى روشەنگۈل خانىم قازاقىستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردە قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
2012-08-08
رامزان ئېيى 3-ھەپتىسىگە قەدەم قويغان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش ھەرىكىتىنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيگەن.
2012-08-08
ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ تارماقلىرى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۆز دائىرىسىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپكە قەرەللىك كېلىشكە، سىياسىي ئۆگىنىش ۋە باشقا سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىغان.
2012-08-08
11 ئاينىڭ سۇلتانى دەپ ئاتالغان رامزان ئېيىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، بولۇپمۇ دىنىي بېسىم سىياسىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئورۇن ئالماقتا.
2012-08-08
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
2012-08-08
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى 7-8-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە، 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان خىتايدىكى ئاخبارات، نەشرىيات ساھەسىنى قامال قىلىش ھەرىكىتىگە بولغان نارازىلىقلارنى بايان قىلدى.
2012-08-08
ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غازالىنىڭ «مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى» ناملىق ئەسىرىدە تەنقىدتىن قورقماسلىقنىڭ گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن.
2012-08-08
1940-يىللاردا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، قانلىق ئۇرۇشلاردا قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ مېداللارنى ئالغان پېشقەدەم ئوفېتسىر قۇربان ئاكا يېقىندا بېشكەكتە ئالەمدىن ئۆتتى.