ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-08-26
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2012 - يىلى تاللاپ چىقىلغان 64 نەپەر نازىر دەرىجىلىك كادىر 22 - ئاۋغۇستتىن 24 - ئاۋغۇستقىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇيۇشتۇرغان مەخسۇس تەربىيىلەش كۇرسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇراسىم بىلەن بەلگىلەنگەن خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىلىشكە باشلىغان.
2012-08-26
تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئافغانىستان ساقچىلىرىنى تەربىيىلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. رۇسىيىنىڭ رېگنۇم ئۇچۇر تورىنىڭ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، يېقىندا 500 نەپەر ئافغانىستان ساقچىسى تۈركىيىگە بېرىپ، مەخسۇس تەربىيە ئالىدىكەن. كېلىشىم بويىچە بۇ 500 ئادەم ئۈچ تۈركۈمدە تەربىيىلىنىدىغان بولۇپ، بىرىنچى تۈركۈمدە 165 ئادەم تۈركىيىگە يۈرۈپ كەتكەن.
2012-08-26
سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ پايتەخت دەمەشق يېنىدىكى دارايادا 200 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىنىڭ ئاۋام پۇقرانى قىرغىن قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، سۈرىيە ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەنى چۈشەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ بۇ جايدىكى «قالدۇق تېررورچىلارنى يوقاتقانلىقى» نى مەلۇم قىلغان.
2012-08-26
< «تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 26 - ئاۋغۇستتىكى سانىدا سىلەر بىشكەكتە چاقىرىلغان تۈركىي دۆلەتلەر كېڭىشىنىڭ يىغىنى ۋە يىغىندا ئېلىنغان قارارلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاڭلايسىلەر.
2012-08-25
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي دۆلەت بايرىمى كۈنى خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ھەققىدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ، ئالمىشىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ئەۋلاد خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ 63 يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىكەن.
2012-08-25
خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيىدىكى «خىتاي يىلىنى» خىتاي - تۈركىيە ئىسلام مەدەنىيەت كۆرۈكى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خاتىرىلەيدىغانلىقنى، كۆرەككە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرىنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-08-25
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش رادار سىستېمىسىنىڭ شىمالىي كورىيىدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە قارىتىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا مەزكۇر رادار سىستېمىسىنىڭ خىتاينى نىشان قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2012-08-25
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ كەملىكىنى ئىگىلىرى سۈرۈۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي شەھەرلىرىدىن بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ئاققۇن ئىشچى 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
2012-08-25
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك يېڭى سانىغا خۇش كەلدىڭلار. بۇ ھەپتىلىك سەھىپىمىزدىمۇ يېڭى تېما، يېڭى مەزمۇنلار ئارقىلىق سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىمىزگە ئىنتايىن خۇشالمىز. كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىڭلارغا تىلەكداشمىز.
2012-08-25
20-دېكابىر قىشنىڭ قاتتىق سوغۇق كۈنلىرى ئىدى. ئەتراپ ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان، كەڭ جىمجىت دالانىڭ ئوتتۇرىسىدا سۇ ئامبىرىنىڭ ئېغىر، مۇشەققەتلىك ئەمگىكىنى ئىشلەۋاتقان ئاياللاردىن باشقا ئەتراپتا باشقا ھېچبىر مىدىرلىغان جان كۆرۈنمەيتتى. ئاسمان قويۇق قارا بۇلۇت بىلەن قاپلىنىپ، قېلىن قارنىڭ دېرىكىنى بېرەتتى.
2012-08-24
خىتاي ھۆكۈمىتى پۇتۇن كۈچى بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدىكى چوڭ شىركەتلەرنى سېتىۋېلىش ئۇچۇن غەرب دولەتلىرىدىن يىغىۋالغان دوللار بىلەن «يۇقىرى باھا» تاكتىكىسىنى كوتۇرۇپ چىقىپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئامېرىكا ۋە كانادادىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ۋە ھۆكۈمەت قانۇنچىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇچۇن كۈچلۈك لوبىيچىلارنى ئىشقا سالماقتا.
2012-08-24
مەشھۇر دىنىي زات كېرەم ئابدۇۋەلى، 1980-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان مىللىي ئاڭ ۋە دىنىي ئېتىقاد تەلىم تەربىيىسى سەۋەبلىك ئەكسىلئىنقىلابچى دەپ ئەيىبلىنىپ، 1991-يىلى قولغا ئېلىنغان.
2012-08-24
خىتاينىڭ كومپارتىيە باشقۇرۇشىدىكى ئاخبارات ئورگىنى بولغان خەلق گېزىتىنىڭ تەھرىرى شۈ خۈەيچەن چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى بىنادىن ئېتىپ ئۆلۈۋالغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمى خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قويۇلۇۋاتقان قاتتىق بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ۋەقە خىتايدا قاتتىق ئىنكاس قوزغىماقتا.
2012-08-24
ھەر يىلى 29 - ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا خەلقى ئاتوم يادرو قوراللىرىنى چەكلەش خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتوم بومبىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلقلەرنى ئەسلەش ئارقىلىق، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
2012-08-24
8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى رۇزا ھېيتلىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنى، ھەرقايسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئاڭلاتقان ئىدى.
2012-08-24
ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ياۋروپا سىياسىي - ئىقتىسادىغا ئائىت ئەسەرلىرى بىلەن ياپونىيىدە تونۇلغان سىياسى - ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ياردەمچىسى، كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەدەنىيەت - ئۇچۇر فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى نىشىھارا سېئىجە ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق.
2012-08-24
مىسىر بىلەن ئىران ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نەچچە يۈز يىللىق مۇناسىۋەت بولۇپ، بو مۇناسىۋەت بەزىدە دوستلۇق، بەزىدە نەپرەت ئارىسىدا شۇنداق داۋام قىلىپ كەلگەن.
2012-08-24
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىس سىمىس، يېقىندا ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىكى دىنىي باستۇرۇش ھەم ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلارغا ھەمدەمدە بولۇشنى تەكىتلىدى.
2012-08-24
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان، 2012-يىل 1-سېنتەبىردىن باشلاپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، چۇڭچىڭ، گۇاڭجۇ، شېنجىن قاتارلىق ئالتە چوڭ خىتاي شەھىرىدە ئىشلەۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2012-08-24
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش مەركىزى 22-ئاۋغۇست دوكلات ئېلان قىلىپ، 2011-يىل ئاخىرىغا قەدەر خىتايدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 780 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2012-08-24
2011-يىلى 21-ئىيۇل كۈنى نورۋېگىيىدە 77 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئاندرېس بېھرىڭ بىرىۋىك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بۈگۈن 24-ئاۋغۇست كۈنى 21 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
2012-08-24
ياپونىيە باش ۋەزىرى نودا 24-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى ئېچىپ، يېقىندىن بۇيان ياپونىيە بىلەن خىتاي ۋە كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان، سېنكاكو ئارىلى ۋە تاكوشىما ئارىلىنىڭ ياپونىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2012-08-23
خىتاي دائىرىلىرى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدىكى پوزىتسىيىدە ئۆزگىرىش ياساپ، مىللىي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئانا تىل ئوقۇتۇشىغىمۇ ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىش، خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش بىلەن ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش توغرىلىق بىر قاتار قارارلارنى ئالغان.
2012-08-23
تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىر يەرگە جەم بولۇپ، سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى چاقىردى.
2012-08-23
ياپونىيە توخۇ نەشرىياتى تەرىپىدىن ياپونىيىنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى قىز-ئايال تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرلىكتە ئوخشىمىغان تېمىلاردا ئېلىپ بارغان يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ماقاللىرى نەشر قىلىنغان.
2012-08-23
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى «خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات» نى ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ ھاكىمىيەتكە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
2012-08-23
يېقىندا تۈركىيە ئىقتىسادىي سىياسەتلەر تەتقىقات فوندىنىڭ تور بېتىدە، «چوڭايغان خىتاينىڭ كىچىكلىمىگەن مەسىلىسى شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى ئىقتىسادىي سىياسەتلەر تەتقىقات فوندىنىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى ھۈسەيىن راشىت يىلماز ئەپەندى يازغان.
2012-08-23
يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف قوشنا قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇپ قايتتى.
2012-08-23
ئۆتكەن بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە مىسىردا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى خەلقنىڭ ئۈستىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەسكەر ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى.