ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-11-22
شەرقىي جەنوبى ئاسىيا دۆلەتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش يىغىنى كامبودژا پايتەختى پىنومپىندا 18-نويابىر باشلاندى. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ كامبودژاغا كەلدى.
2012-11-22
خىتاينىڭ يېڭى ئىشلەنگەن پاسپورتىغا جەنۇبىي دېڭىز خىتاينىڭ تېررىتورىيىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن خەرىتىنىڭ چۈشۈرۈلۈشى فىلىپپىن ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى.
2012-11-22
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى پىكىر ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
2012-11-22
بۈگۈن ئىتالىيىنىڭ مودا پاتېنت ھوقۇق دائىرىلىرى خىتاينى مودا كىيىم ساھەسىدىكى كۆچۈرۈپ ئىشلەش قىلمىشىغا خاتىمە بېرىپ، ماركىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى.
2012-11-22
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان «چەتكە قېقىلىپ ياشاش-خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىشى» ماۋزۇلۇق دوكلات خىتايچىغا تەرجىمە قىلىندى.
2012-11-21
ئادەم بېدىكلىرىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئېلىپ-سېتىش، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئوغرىلىق قىلىش، زەھەرلىك چېكىملىك سېتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا سېلىش ھەرىكىتى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى زور ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.
2012-11-21
بىر خىتاي ساقچى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىنىي تۈستىكى كىيىنىش ۋە يۈرۈش-تۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشى ئىسلام دىنىغا بولغان باغلىنىشتىن كۆپرەك، ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2012-11-21
ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە قۇرۇلغان «تەڭرىتاغ ئانىلار گۇرۇپپىسى» قىسقىنىغا بىر يىل ئىچىدە ئۆز تىرىشچانلىقلىرى بىلەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
2012-11-21
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قازاقىستانلىق ئادۋوكات ئامىنە تۇرغۇنوۋا خانىمدىن ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان تۈرمىسىدە قاماق مۇددىتى توشقان ئەزىز تۇرسۇنتاي قازاقىستان ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
2012-11-21
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاينىڭ كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقى ھەققىدە بەس-بەستە مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىدى.
2012-11-21
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسى ساھەسىدە ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش باشلاندى. تېخىمۇ قاتتىق قول سىياسەتچىلەر ھوقۇق ئىگىلەشكە باشلىدى.
2012-11-21
9-ئاينىڭ 29-كۈنى ياپونىيە كوزايدوشۇ شۇبان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان مورى ئىشى ۋە قاتارلىقلار ئاپتورلۇقىدىكى «خىتايدىكى ئەمەلدارلار تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى بابىدىكى شى جىنپىڭنىڭ تارىخىدا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى باستۇرغۇچى شى جىنپىڭ خىتاي دۆلىتىگە رەئىس بولىدۇ دېگەن تېمىدا مەخسۇس توختالغان.
2012-11-21
شەنبە كۈنى، خىتاي باش ئەلچىسى جاڭ جۇنسەي كانادا دۆلەتلىك رادىئو قانىلى ك ب ك نىڭ مۇخبىرى ئەۋان سالموننىڭ خىتاي 18-قۇرۇلتىيى، خىتاي-كانادا سودا مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدا تىجارەت قىلىشى چەكلەنگەنلىكىگە ئائىت بىر قاتار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
2012-11-21
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېڭى رەھبىرى شى جىنپىڭ 15-نويابىردىكى تۇنجى قېتىملىق مۇخبىرلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا بۇ ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىچكى-تاشقى سىياسەت جەھەتتە ئېغىر كرىزىسقا پېتىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
2012-11-21
خىتايدا ئۇيغۇر بالىلارنى بۇلايدىغان جىنايى گۇرۇھلار پاش قىلىنىپ، 3 مىڭغا يېقىن گۇماندار قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى كۆزەتكۈچىلەر دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكەتنى خىتاي شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە زەربە بېرىش ۋاسىتىسى قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
2012-11-21
قازاقىستاننىڭ ئالىي مۇفتىسى ئابدۇساتتار ھاجى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى «جەيمىستوۋن فوندى جەمئىيىتى» دە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام ۋە قازاقىستاندىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئېلىپ باردى.
2012-11-21
ياپونىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە-ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سايلام كىتابچىسىدا، سېنكاكۇ ئاراللار گۇرۇپپىسىغا ھۆكۈمەت خادىمى جايلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئوينىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-11-21
ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى خىتايدىن يۆتكەلگەن 246 مىليون دوللار قىممىتىدىكى زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈرگەن.
2012-11-21
ئامېرىكا ۋە مىسىر ئەمەلدارلىرى چارشەنبە كۈنى غەززە ۋە ئىسرائىلىيە ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مىسىردا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-11-20
پاتىگۈل غۇلام مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە كەلگەن كۈنىدىكى ئۆزىنىڭ ساقچىلار بىلەن بولغان جېدىلى ۋە رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا دېيەلمەي قالغان سۆزلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
2012-11-20
بالىلار گەرچە قوغدىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئەمما ھەرخىل شارائىتلاردا، تەڭسىز مۇھىتتا چوڭ بولۇۋاتقان بالىلار تۈرلۈك ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچار بولماقتا. بۇلارنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى دەل ئۇيغۇر بالىلىرىدۇر.
2012-11-20
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن شېھىتلەرنى خاتىرىلەش يىغىندا سۆز قىلغان تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ ۋەكىلى يۈكسەل يۈكسەل ئەپەندى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجران ئازابىدىن قۇتۇلۇشى مۇستەھكەم ئىرادە ۋە بىرلىك-باراۋەرلىككە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2012-11-20
ئىسھاقبېك مونونوف، 1949-يىلى ئاتالمىش ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئۇلارنىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلاردا بۇنىڭغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئاساسەن يوق.
2012-11-20
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈرك مىنىستىرلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەندىن سىرت، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.
2012-11-20
يېقىندا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ كلاسسىك دۇردانىلىرىدىن «غېرىپ-سەنەم» درامىسى قازاقىستاندىكى قۇددۇس غوجامىياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى سەھنىسىدە تاماشىبىنلار دىققىتىگە سازاۋەر قىلىنىپ، بۇ ئەسەرنىڭ مۇشۇ كۈنگە قەدەر ئۆز ماھىيىتىنى يوقاتمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2012-11-20
1930-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە زالىم، مۇستەبىتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئومۇميۈزلۈك خەلق قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلارنىڭ كۆپ قىسمى چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئىكەن.
2012-11-20
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيى يېپىلغان بىرنەچچە كۈندىن بۇيان يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەرزدارلار بېيجىڭغا كەلگەن.
2012-11-20
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت 20-نويابىر كۈنى رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ 18-قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
2012-11-20
ئىسرائىلىيىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى سەۋەبلىك ئوتتۇرا شەرقتە جىددىي ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇھىم خەۋەر تېمىسىغا ئايلاندى.
2012-11-20
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 20-نويابىر كۈنى كامبودژادا ئېچىلىۋاتقان ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا سۆز قىلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار تالاش-تارتىشىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى.