ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-01-31
پاكىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، بۈگۈن يەنى 31 -يانۋار كۈنى دەۋاگەر ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى بىلەن جاۋابكار ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى سوتقا چاقىرغان ئىدى.
2012-01-31
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالداپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن سەرگەردان بالىلاردىن 1332 نەپىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر بالىلاردۇر.
2012-01-31
«خىتاينىڭ قۇدرىتى ھەققىدە بەش ئەپسانە» ناملىق ماقالىدە، خەلقئارا جامائەت ئارىسىدا كەڭ ئېقىپ يۈرگەن خىتاينىڭ قۇدرىتى ھەققىدىكى 5 ئاساسىي كۆز قاراشقا قارىتا ئۆزىنىڭ قارشى مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2012-01-31
تۈركىيىدە چىقىدىغان مىللەت گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى سانىدا، «خىتاينىڭ يۈكسىلىشىدىكى 5 چوڭ كەچۈرمىش» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى.
2012-01-31
دۇنيا سودا تەشكىلاتى سېرەك توپا دەۋاسى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقاردى: ئامېرىكا، ياۋروپا، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى غەلىبە قىلدى دەپ جاكارلىدى. خىتاينى مەغلۇپ بولدى دەپ جاكارلىدى.
2012-01-31
غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم دىنىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلەر ئويلىنىش ھەم جاۋاپلىنىش ۋەزىيىتىنى تەقەززا قىلماقتا.
2012-01-31
1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغاندىن كېيىن مەيدانغا چىققان ئوتتۇرا ئاسىيا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرى ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە سىياسەت يۈرگۈزسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، رۇسىيە، خىتاي ۋە ياۋروپانىڭ تەسىرى ئاستىدا بولۇپ كەلمەكتە.
2012-01-31
26-يانۋار كۈنى ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدە «ھەج ۋە ئۇنىڭ تارىخىي باسقۇچلىرى»ناملىق چوڭ كۆرگەزمە ئېچىلدى. كۆرگەزمە 15-ئاپرېلغا قەدەر داۋام قىلىدىكەن.
2012-01-31
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، سىچۈەندە يۈز بەرگەن تىبەتلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن كېيىن، 30-يانۋار دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بېيجىڭدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئۇلارغا ياتاق بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.
2012-01-31
سىچۈەننىڭ ئابا رايونىدا يۈز بەرگەن تىبەتلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن كېيىن، خىتاينىڭ تىبەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، لخاسانىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى.
2012-01-31
يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سكايپې، تۋىتېر قاتارلىق خەلقئارا ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە قاراتقان نازارەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2012-01-31
مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدىكى ئىسلام ئۆكتىچى تەشكىلاتى بېدوئۇئىنلار 31-يانۋار سەيشەنبە كۈنى 25 نەپەر خىتاي ئىشچىسىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-01-31
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى راخمانوۋ بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بەشەر ئەساد ھۆكۈمىتىگە قارشى قارار ماقۇللىسا، سۈرىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
2012-01-30
خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەردىن ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە ساقچى قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنى تەسىس قىلغان ئىدى.
2012-01-30
گەرچە ھازىرغىچە مەجبۇرىي مائارىپ چېكىنى ئۇزارتىش رەسمىي قانۇنلاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا مەجبۇرىي مائارىپنىڭ غەيرىي رەسمىي يوسۇندا ئۇزارتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
2012-01-30
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن «تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە ئېتىبار بېرىش» نامىدا ئۈرۈمچى شەھەر سىرتىغا ئۆي سېلىپ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرگەن.
2012-01-30
يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى سۇ قىسلىقى مەسىلىسى ھەققىدە ئېچىلغان دوكلات بېرىش يىغىنىدا، مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-01-30
سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشر ئەل ئەسەدنىڭ قوراللىق قىسىملىرى ھازىر قوزغىلاڭچىلارنىڭ قوراللىق قىسىملىرى بىلەن سۈرىيە پايتەختى دەمەشق شەھىرىدە، ھۆكۈمەت بىناسىغا بىر نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كوچىلاردا ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ.
2012-01-30
گېرمانىيىدە 2012-يىلى خىتاينىڭ مەدەنىيەت يىلى دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1-ئاينىڭ 30-كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
2012-01-30
مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى سايلام ئۆتكۈزۈپ جەمئىيەت باشلىقى ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقتى.
2012-01-30
پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى دەۋاگەر ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى بىلەن جاۋابكار پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىللىرىنى سوتقا چاقىرتقان.
2012-01-30
نورۋېگىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى سوت ئېچىپ، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن مىكايىل داۋىد قاتارلىق 3 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى.
2012-01-30
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى كۈچلەر بىلەن موسكۋادا سۆزلىشىشكە ماقۇل بولغان.
2012-01-30
كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن 16 نەپىرىگە 16 يىللىقتىن مۇددەتسىزگە قەدەر پەرقلىق قاماق جازالىرى بېرىلگەنلىكى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا تەشكىلات ۋە مەتبۇئاتلار خىتايدىن مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە قايتىدىن مەلۇمات سوراشقا باشلىدى.
2012-01-30
پولات زاۋۇتىنىڭ سابىق ئىشچىلىرىدىن ئەرزدار گۆلجەننەت، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭدا ئەرز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىدى. شۇ كۈنلەردە ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن دائىرىلەر گۆلجەننەت بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنى قايتىپ كېتىشكە يەنە بىر قېتىم ئۈندىگەن.
2012-01-29
تارىخ ۋە بۈگۈن سەھىپىمىزنىڭ 29 - يانۋاردىكى قىسمىدا 1944 - 1949 - يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلىرىدىن بىرى مەرغۇپ ئىسقاقوفنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە، 1914 - يىلى تۈركىيە مائارىپچىسى ئەخمەت كامالنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان مائارىپ - ئاقارتىش پائالىيەتلىرىگە ئائىت مەلۇماتلارنى دىققىتىڭلارغا تەقدىم قىلىمىز.
2012-01-29
مەركىزى دارىمسالاغا جايلاشقان تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى 29 - يانۋار كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا قارىتا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇنى تىبەت خەلقىغە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.
2012-01-29
سۇدان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆز ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان قوراللىق تەشكىلات سۇداندىكى خىتاي ئىشچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 29 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى تۇتىۋالدى.
2012-01-29
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، فىلىپپىن دائىرىلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ فىلىمىدىكى ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى شۇنىڭدەك يەنە ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر تۇرغۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يەكشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «مۇناسىۋەتلىك تەرەپنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
2012-01-29
خىتاينىڭ تارىم نېفىتلىكىنىڭ تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى يېقىندا تارىم ئويمانلىقى رايونىدىن يەنە زور مىقداردىكى زاپاسقا ئىگە يېڭى تەبىئىي گاز مەنبەلىرى تاپقان.