ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-06-30
خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ خوڭكوڭ زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنى خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىنىڭ «تيەنئەمېن ۋەقەسى» ھەققىدىكى كۈچلۈك سوئاللىرى ۋە خوڭكوڭغا دېموكراتچىلىرىنىڭ قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى.
2012-06-30
ئامېرىكا جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ھاۋاي ئارىلىدا رۇسىيە ۋە ھىندىستانمۇ قاتناشتۇرۇلغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيە ئۇرۇش مانېۋىرىغا ساھىبخانىلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا 22 دۆلەتتىن كەلگەن 25 مىڭ ھەربىي خادىم قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، خادىملار سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى بايقاش ۋە دېڭىز قاراقچىلىرىنى تۇتۇش قاتارلىق مەشىقلەرنى ئېلىپ باردى.
2012-06-29
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان 20 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن قاتنىشۋاتقان مايك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
2012-06-29
خىتاي ساقچىلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۆي ئاختۇرۇشلىرى داۋامىدا 55 ياشلىق ئانا رابىيگۈل ياسىننى ئوق ئېتىپ يارىلاندۇرغان ۋە بۇ خەەۋەر تېخى يېقىندىلا رادىئومىز تەرىپىدىن دۇنياغا ئاشكارىلانغان ئىدى.
2012-06-29
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا دېھقانلارنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا كەنت باشلىقلىرىنى سايلاپ چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلمەكتە. ئۇنداقتا نۆۋەتتە خىتايدا يېزىلاردا ھەقىقەتەن دېموكراتىك ئۇسۇلدا كەنت باشلىقى سايلاش ئومۇملاشتىمۇ؟ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى كەنت باشلىقى سايلاملىرى قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟
2012-06-29
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ساندا كىتاب نەشر قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يېقىندا ياپونىيە شىنچو نەشرىياتى تەرىپىدىن ياپونىيە دولەت مۇداپىئە ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور تاتەياما رىيوجى ئەپەندى يازغان «دۇنيادىكى دىنلارنىڭ خەرىتىسى» ناملىق كىتابتا «ئۆزلۈكسىز مۇستەقىلىققا ئىنتىلىۋاتقان شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ماۋزۇلۇق بۆلۈمى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
2012-06-29
تۈركىيىدە چىقىدىغان تۈركىيە گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى 29 - ئىيۇندىكى سانىدا «چوڭ پاجىئەنىڭ قۇربانلىرى ئالبانىيىدە» دېگەن تېمىدا بىر زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە گۇەنتانامۇ تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تۈرمۇش ھاياتى ۋە ئارزۇ - ئىستەكلىرى توغرىسىدا ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان سوھبەتكە ئورۇن بېرىلگەن.
2012-06-29
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 29-ئىيۇن تيەنجىن ھاۋا يوللىرىنىڭ خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئەمەلگە ئاشمىغان.
2012-06-29
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جۈمە كۈنى خوڭكوڭغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ خوڭكوڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى ۋە خوڭكوڭ ۋالىسى لىياڭ جېڭيىڭنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
2012-06-29
سۈرىيە تۈركىيىنىڭ F-4 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن كېيىن تۈركىيە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەربىي قىسىملىرىنى سۈرىيە چېگراسىغا توپلاشقا باشلىغان.
2012-06-29
ئۈرۈمچى شەھىرى دائىرىلىرى يېقىندا مەزكۇر شەھەرنىڭ مەركىزى رايونلىرىدىكى بىر قىسىم مەھەللىلەرگە پۇل ئاجرىتىپ، ئامانلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2012-06-29
ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ پىكىرلەرنى قوللايدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ خىزمەت پروگراممىسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
2012-06-28
ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-ئەركىنلىك سارىيى پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 2012-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى بىر يۈز نەچچە دۆلەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى جەھەتتىكى ئەھۋالىنى باھالاپ چىقتى.
2012-06-28
خىتاي دائىرىلىرى غايىبلار ھەققىدە يالغان ھېكايە توقۇشقا باشلىدى.
2012-06-28
كان يېزىسى دېھقانلىرىنىڭ ئەرزى يەرلىكتە قوبۇل قىلىنمىغاچقا، كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان پارىخورلۇق قىلمىشىدىن غەزەپلەنگەن دېھقانلار يۇقىرى ئورۇنلارغا ئەرز قىلىش يولىنى تۇتقان ۋە پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشلىرىنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىغان.
2012-06-28
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بۈگۈن خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا يۈز مىڭ بېلىقچىنى «خەلق ئەسكىرى» گە ئايلاندۇرۇپ، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە قارشى خەلق ئۇرۇشى قوزغاش تەشەببۇسىنى ئېلان قىلدى.
2012-06-28
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئالاھىدە ۋەكىل ئەۋەتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن ھال سوراش بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەن ئاي ياپونىيىدە چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.
2012-06-28
خوڭكوڭ ئاخبارات ساھەسى خادىمى 26-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ ھوقۇق يۈرگۈزگەن 10 يىل ئىچىدە قولغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكى تەركىبىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ئورۇن ئالغان.
2012-06-28
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1997-يىلى 28-ئىيۇندا قازاقىستاندا «مەتبۇئات ۋە باشقىمۇ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى توغرىلىق قانۇن» قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ھازىر جۇمھۇرىيەتتە 2695 ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، شۇ جۈملىدىن 2427 مەتبۇئات نەشرىياتلىرى ۋە 11 ئاخبارات ئاگېنتلىقى بارلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
2012-06-28
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى قەشقەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېچىش ۋە بۇ جايغا تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن جەلپ قىلىش ئۈچۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.
2012-06-28
بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى جەنۇبىي سۇداندىكى ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەرەپلەرنى قورال بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئېچىش بىلەن ئەيىبلىدى.
2012-06-28
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش نامى ئاستىدا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
2012-06-28
خىتاينىڭ شۋېتسىيىدىكى ئەلچىخانىسى بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەن.
2012-06-28
جەنۇبىي كورىيە بىلەن ياپونىيە بۈگۈن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە ئائىت كېلىشىم ئىمزالىدى.
2012-06-27
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، قەشقەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى يې لىن بۈگۈن قەشقەر يەرمەنكىسى ئاخبارات يىغىنىدا، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە قەشقەر رايونىدا يۈز بەرگەن «تېررورلۇق» ۋەقەلىرىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولدى، ئىشلىرىمىزغا مۆلچەرلەپ يەتكۈسىز ئېغىر زىيان كەلتۈردى دېگەن.
2012-06-27
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ تىبەتكە قويغان ئەمەلدارى چېن چۇەنگو بۈگۈن تىبەت پارتكوم يىغىندا، دالاي لاماغا ئەگەشكەن، دالاي لامادىن ئۈمىد كۈتۈپ خام خىيالدا بولۇۋاتقان كىشىلەرنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2012-06-27
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي يېقىندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان جۇمھۇرىيەتلەردىن ئەڭ نامرات قوشنىسى تاجىكستاننى، ئۆزىنىڭ ئەڭ سادىق ئىتىپاقدېشىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.
2012-06-27
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيرۇتتىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن سۈرىيىدە بەشار ئەسادنى ھېمايە قىلىدىغان ئىقبارىيا تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىىنىڭ بىناسى پارتلىتىلدى ۋە ئۈنىڭ ئۈچ نەپەر خىزمەتچىسى ئېتىپ تاشلاندى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەساد «بىز ھازىر ئۇرۇشقا يۈزلەندۇق» دەپ جاكارلىدى.
2012-06-27
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خانۇيدىن بايان قىلىشىچە، ۋېيتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليوڭتاگى بۈگۈنكى پاراسىل، سپراتىل ئاراللىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ دېڭىز - ئوكيانلاردا نېفىت قېدىرىش شىركىتى ۋېيتنامنىڭ 200 دېڭىز چاقىرىمىلىق ئىقتىسادى رايونى دائىرىسىدىكى 9 جايدا تەبىئىي گاز ئېچىش ئۈچۈن چەتئەللەردىن خېرىدار چاقىرىشقا باشلىغانلىقى قانۇنسىز ھەرىكەت، دەرھال بۇ جايلاردىن چېكىنىشى كېرەك دەپ جاكارلىدى.