ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-07-31
ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈن ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن تەتۈر قىسمەتكە ئىمان ۋە ئېتىقادىنىڭ كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسا، بۇ قىسمەتنىڭ جاراھەتلىرىنى ناخشا-مۇزىكا ۋە كۈلكە-چاقچاقلىرى بىلەن داۋالاپ كەلمەكتە.
2012-07-31
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى» نى 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇشنى قارارلاشتۇردى.
2012-07-31
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاشقا باشلىدى.
2012-07-31
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىم سىياسەتلىرى تۈركىيە ئاخباراتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
2012-07-31
بۇ خىل چەكلىمە قازاقىستانغا زىيارەتكە چىقىپ، بۇ يەردىكى رامزان ۋە ئىبادەت كەڭچىلىكىنى كۆرگەن بەزى ئۇيغۇر ساياھەتچىلەردە خىتاينىڭ سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتكەن.
2012-07-31
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىنى ۋە خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى ھەر پۇرسەتتە خەلقى ئالەمگە تونۇشتۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بۇرچى، دەپ بىلىدۇ.
2012-07-31
قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن چېگرىداش ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئالاكۆل ناھىيىسىگە قاراشلىق ئارقان كەرگەن چېگرا پونكىتىدا مۇشۇ يىلى 29-ماي كېچىسى يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ۋەقە بويىچە تەرگەۋ ئىشلىرى يەنە بىر ئايغا سوزۇلدى. بۇ ھەققىدە ئازادلىق رادىئوسى خەۋەر قىلغان.
2012-07-31
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويۇشنى قارار قىلغان «تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش چارىسى» نى ئەيىبلىدى.
2012-07-31
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەۋاتقانلىقىغا دائىر تېخىمۇ كۆپ پاكىتلار ئاشكارىلانماقتا.
2012-07-31
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھەققىدە ئېلان قىلغان 2012-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
2012-07-31
31-ئىيۇل كۈنى ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيىسىنىڭ ئارالتۆپە بازىرىدىكى تۆمۈر كان رايونىدا ئېغىر دەرىجىدىكى تاغ سىيرىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
2012-07-31
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە، ياپونىيىنىڭ 2012-يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسى ئاق تاشلىق كىتابىدا ياپونىيىنىڭ خىتاينى تەھدىت دەپ قاراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2012-07-30
خىتاي، ئۆزبېكىستان، پاكىستان، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ يىلمۇ يەنە بىر قېتىم دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
2012-07-30
پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن غۇلجا شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى جاۋ باۋخۇانىڭ دۇ فامىلىلىك ئاشنىسىنىڭمۇ پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى تور بەتلەردە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم ئىنكاس قوزغىدى.
2012-07-30
ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر رەسسامى لېكىم ئىبراھىمنىڭ «مىڭ بىر پەرىشتە» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى چېخنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە 9- ئىيۇل داغدۇغىلىق ئېچىلىپ، 21- ئىيۇل غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
2012-07-30
«تۈرك ۋە تۈركچە» ئاتالغۇلىرى تۈركىيىدە ھەر قايسى تۈركىي تىللاردا ھەر خىل مەنىدە ئىشلىتىلمەكتە.
2012-07-30
بۈگۈن خوڭكوڭ ۋە خىتايدىكى بەزى گېزىت-ژۇرناللار، ئىنتېرنېتلار قامال قىلىنىپ، ھەتتا تاقىلىپ، خەلق رايىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز-ئىبارىلەر بىردەك چەكلەنمەكتە.
2012-07-30
قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن ياش مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي، مەدەنىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن راۋاجلىنىشىغا، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە رازىمەنلىكنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇشقا باشلىغان ئىدى.
2012-07-30
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس، ئاتاقلىق ناخشىچى سۇلتان كېرىموفنىڭ ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ 35 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەدەبىيات، سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.
2012-07-30
مۇتەپەككۇرلار ئۈمىدنى مەقسەتكە يېتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئىماننىڭ مېۋىلىرىدىن بىرى ۋە ئادەمنى تۇرماستىن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ تۇرىدىغان تۈرتكە دەپ تەرىپلەيدۇ.
2012-07-30
شىخەنزە كونا بازاردا ئولتۇرۇشلۇق ياش دىنىي زات شەمشىدىن قارى، 3 ئاينىڭ ئالدىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ئائىلىسىگە ياكى مەسچىت جامائىتىگە ھازىرغىچە ئۇچۇرى بېرىلمىگەن.
2012-07-30
خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلېكتر تورىنىڭ يېزا-قىشلاقلارغىچە ئومۇملىشىپ بولغانلىقىنى 15-20 يىلنىڭ ئالدىدىلا خەۋەر قىلىپ بولغان ھەم شۇنىڭدىن كېيىنكى ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى ھەققىدىكى دوكلاتلىرىدىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىچە ئېلېكتر ئىشلىتەلمەيۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئېغىز ئېچىلمىغان ئىدى.
2012-07-30
خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى چىدۇڭ شەھىرىدىكى ئاھالىلەر ئالدىنقى كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، شەھەردە پىلانلانغان بىر قەغەز زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
2012-07-30
خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى تۇنجى قېتىم 2000-يىلى تەسىس قىلغان ۋە شۇ يىلى 1000 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى قوبۇل قىلىدىغان سانى يىلمۇ-يىل ئېشىپ، بۇ يىلغا كەلگەندە 8300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.
2012-07-30
خوڭكوڭ مائارىپىدا يولغا قويۇلماقچى بولغان «دۆلەت تەربىيىسى» نامىدىكى دەرسلىك خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ۋە بېيجىڭ تەرەپدارى سىياسىي گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلغان.
2012-07-29
تۈركىيىنىڭ ئاتاقلىق كىنو چولپىنى«بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمدە باش رول ئېلىپ، پولات ئەلەمدار نامى بىلەن كۆرەرمەنلەر ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان نىجات شاشماسنىڭ 21 - ئىيۇل كۈنى ئىستامبۇلدا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ۋە تۈركىيە ياشايدىغان 150 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن تۆت سائەت ئەتراپىدا بىرگە بولۇشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىجابىي تەسىراتلارنى قوزغىغان ئىدى.
2012-07-29
رامازان مناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننى رامازان بىلەن تەبرىكلىدى. پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ تۈركىيە زامان گېزىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ كەرىموفنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش سىگنالىدىن ئىبارەت بولۇپ، مەزكۇر تەبرىكنامە ئۆزبېكىستاننىڭ تۈركىيىدىكى باش ئەلچىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن. باش ئەلچى سۆز قىلىپ، تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان قەرىنداش دۆلەت، ئۇلار ئەبەدىي بىر - بىرىنى قوللايدۇ،دېگەن.
2012-07-29
يەكشەنبە خوڭكوڭدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى بولدى. نامايىشنىڭ تۈپ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ پىلانىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. مەزكۇر پروگرامما بويىچە خوڭكوڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىدە ئۆزگىرىش يۈزبەرگەن بولۇپ، ئاساسلىقى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنى قوللىشى ۋە باسقان مەزمۇنلار بار ئىكەن.
2012-07-28
2012 - يىللىق لوندون ئولىمپىكى 27 - ئىيۇل رەسمىي باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك ئەنگلىيىلىكلەر ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولسا ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئولىمپىكلەرنىڭ بىرى.
2012-07-28
«تەڭرىتاغ» تورنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سەھىيە تارماقلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن يىلى باشلىغان «ئىككى خىل راكىنى تەكشۈرۈش» ھەرىكىتى مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى ئاياغلاشقان.