ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-12-31
30-دېكابىر كۈنى يەكەندە قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنى شۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ ۋولگاگراد شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى بىلەن باغلاشقا تىرىشقان.
2013-12-31
كېرىيىنىڭ ئارىش يېزىسىدا ئۆتكەن ھەپتىنىڭ چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى، خىتاي دائىرىلىرى 4 نەپەر ھامىلىدار ئايالغا قارىتا بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بېرىپ 5 ئايلىقتىن 9 ئايلىققا قەدەر بولغان 4 ھامىلىنى قەتلە قىلغان ئىدى.
2013-12-31
19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ياقۇپ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلۇپ، تارىختا يەتتىشەھەر دۆلىتى ۋە ياكى قەشقەرىيە دۆلىتى دەپ ئاتالغان مۇستەقىل ھاكىمىيەتنىڭ رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدىكى مۇھىم سەھىپىدۇر.
2013-12-31
خىتاينىڭ «21-ئەسىر ئىقتىساد گېزىتى» دە 29-دېكابىر ئېلان قىلىنغان «بۇ يىل ئاز دېگەندە 10 قېتىملىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئاشكارا ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭ 9 قېتىملىقى شىنجاڭدا يۈز بەردى» ناملىق ماقالىدە قىلىندى.
2013-12-31
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشىغا چاقىرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
2013-12-31
ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «سۈرەتتىكى ئاسىيا ئازسانلىق مىللەتلىرى» ناملىق ژۇرنالدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزۈمى» دېگەن تېما ئاساسىدا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان. ماقالە ئاساسلىقى تۇرپان دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان.
2013-12-31
بىشكەك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار 30-دېكابىر كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەدەبىيات، سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەتتە، ئىتتىپاقنىڭ بىر يىللىق خىزمەتلىرى خۇلاسىلەندى ھەمدە نادىر سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.
2013-12-31
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى 29-دېكابىر يەكەن ناھىيىسىدە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ 8 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىردى.
2013-12-31
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، گۇەنتانامودا قېلىپ قالغان ئاخىرقى 3 ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلىپ سىلوۋاكىيەگە يولغا سېلىنغان.
2013-12-31
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى «يەكەن ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا نوتا تاپشۇرۇپ، قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى.
2013-12-31
خىتايدىكى 100 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى سەيشەنبە كۈنى چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى ب د ت نىڭ «ۋەتەنداشلىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى» نى تېزرەك تەستىقلاشقا چاقىردى.
2013-12-31
پاكىستانلىق ژۇرنالىست، ئوتتۇرا ئاسىيا رادىكال ئىسلام مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئەخمەد رەشىد، خىتاينىڭ ستالىن دەۋرىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئۈلگە قىلىپ، ئىسلامنى باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-12-30
پۈتۈن دۇنيا خەلقى يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان مىنۇتلاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە يەنە بىر قانلىق توقۇنۇشنىڭ خەۋىرى تارقالدى.
2013-12-30
كېرىيىنىڭ ئارىش يېزىسىدا دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان بوۋاقلار ئانا قارنىدا ئۆلتۈرگەن، چارشەنبە كۈنىدىن ھازىرغا قەدەر 4 بوۋاق قەتلى قىلىنغان، يەنە 4 ئايلىق بىر ھامىلە ئۆلتۈرۈلۈشنى كۈتۈپ ياتماقتا.
2013-12-30
ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، كېرىيە ناھىيىسى ئارىش يېزىسى شىركە كەنتىدىن 4 بوۋاق ئانا قارنىدىلا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ پەقەت مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە شىركە كەنتىدە، ئانا قارنىدا تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بوۋاقلارنىڭ سانى.
2013-12-30
كانادادا ئولتۇرۇشلۇق شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئىنگلىزچە تاللانغان شېئىرلار توپلىمى يېقىندا نەشر قىلىنىدۇ. شېئىرلار توپلىمىنى ئامېرىكىلىق شائىر ۋە تەھرىر جېفرىي ياڭ نەشرگە تەييارلىغان.
2013-12-30
تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسىي مەسىلىلەر ۋە ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق» ماۋزۇلۇق يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەر جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويدى.
2013-12-30
2013-يىلى 29-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.
2013-12-30
2014-يىل ھارپىسىدا، خىتاي ساقچىلىرى يەكەندە يەنە سەككىز نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتتى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ 15-دېكابىر قەشقەر كونا شەھەردە يۈز بەرگەن 14 ئۇيغۇرنى ئېتىۋېتىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى يەنە بىر قانلىق ۋەقە بولۇپ، قىسقىغىنا ئىككى ھەپتە ئىچىدە ساقچىلارنىڭ ئوققا تۇتۇشى سەۋەبلىك ئارقا-ئارقىدىن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.
2013-12-30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، 30-دېكابىر يەكەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ب ب س ئاگېنتلىقى، تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقى قاتارلىقلاردا بايانات بېرىپ، خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتۇپ، 8 ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
2013-12-30
رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋولگاگراد شەھىرىدە 29-دېكابىر ۋە 30-دېكابىر كۈنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەردى.
2013-12-30
27-دېكابىر كۈنى خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تورىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ياڭ گاڭنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ خىزمىتىدىن توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 30-دېكابىر كۈنى يەنە سىچۈەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى لى زۇڭشىنىڭ خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
2013-12-30
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىسىرنىڭ قاھىرە ساقچىلىرى 29-دېكابىر كېچىدە ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ 3 نەپەر مۇخبىرىنى، ئۆتكەن ھەپتە مىسىردە تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىنغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ تۇتقۇن قىلغان.
2013-12-29
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسىنىڭ بۇ قىسمىدا دىققىتىڭلارغا مەرھۇم پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرى شۇنىڭدەك 2013-يىلى تۈركىيىدە يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەرگە ئائىت پروگرامما سانىلىدۇ.
2013-12-29
سىچۈەن ئۆلكىسى سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى لى چوڭشى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
2013-12-29
29-دېكابىر كۈنى كەچ سائەت 2 لەردە ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە ئورگىنىغا تەۋە چارلاش پاراخوتلىرى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان سېنكاكو ئاراللىرى يېنىغا يېقىن ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن ئۈچ دانە خىتاي پاراخوتىنى سەزگەن.
2013-12-29
يەكشەنبە كۈنى، چۈشتە رۇسىيىنىڭ ۋولگاگراد شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 16 ئادەم ئۆلدى ۋە 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
2013-12-29
يەكشەنبە كۈنى كامبودىژانىڭ پايتەختى پىنونپېن شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى نامايىش يۈز بېرىپ، ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى خۇنسېننى ئىستىپاغا چاقىردى.
2013-12-29
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تەرجىمىچىلىكىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى، خەلق ئىچىگە ياخشى تونۇلغان پېشقەدەم زىيالىي توختى باقى ئارتىشى 29-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە 91 يېشىدا ۋاپات بولدى.
2013-12-28
خىتاي دائىرىلىرى چىڭخەي ئۆلكىسى ناڭچيەن ناھىيىسىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تىبەت راھىبى ۋە ئۇنىڭ 16 نەپەر قوللىغۇچىسىنى جۈمە كۈنى قولغا ئالغان.