ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-03-31
بۇ پروگراممىمىزدا تۆۋەندىكى ئىككى ماقالىنى ئاڭلايسىلەر: «1933 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھىسى (2)» ۋە «ياپونىيە ھەربىي رازۋېتكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت توپلىغان ئۇچۇرلىرى».
2013-03-30
بۇ ھەپتە سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر. «باھار تەلقىنلىرى» ناملىق شېئىردىن بەھر ئالىسىلەر. ئاخىرىدا «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامى ئاڭلىتىلىدۇ. قېنى ئەمىسە، بۈگۈنلۈك پروگراممىمىزغا مەرھەمەت قىلغايسىلەر!
2013-03-30
گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى ھايات ئىليار ئۆمەرنى ياشاش ئۈچۈن يېڭى يول تېپىشقا ئۈندەيدۇ. ئائىلىسى بىلەن ميۇنخېندا جەم بولغاندىن كېيىن ئۇ كۆز ئالدىدىكى رېئاللىق ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. قانداق قىلغاندا ئائىلە ۋە بالىلىرىنى خاتىرجەم ھاياتقا ئىگە قىلىش، يات ئەلدە پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان ئىقتىسادىي ئاساسنى يارىتىش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇش خىيالى ئۇنىڭ كاللىسىدىن نېرى كەتمەيدۇ. نۇرغۇن كۈزىتىش ۋە ئويلىنىشلار ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش، كىچىك ئىشتىن ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش شۇنداقلا پەرزەنتلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇدىغان شارائىتنى يارىتىش قارارىغا كېلىدۇ.
2013-03-30
قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت داۋامىدا راۋاجلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر. ئۆز ئۆتمۈشىدە بىر قاتار تارىخىي، سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى بېسىپ ئۆتكەن ھەم ھەتتا يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگىمۇ دۇچ كەلگەن بۇ ئەدەبىيات كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىچىدە ئابرۇيمۇ قازاندى.
2013-03-30
بىرىنچى ئاشخانا بىلەن بىزنىڭ ئەترەتنىڭ ياتاقلىرى ساي ئاخىرىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان. ئىككىنچى ئاشخانا بولسا ساينىڭ يۇقىرىسىدىكى تاغ بىلەن ساينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۈزلەڭلىك مەيدانغا جايلاشقان ئىدى. بىز ئۈچ ۋاقلىق تاماقنى ئىككىنچى ئاشخانىدىن غىزالىناتتۇق، چۈنكى ئۇ كۆمۈر كېنىغا يېقىن ئىدى.
2013-03-30
شىمالىي كورىيە شەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيەگە قارشى ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكى جاكارلىدى.
2013-03-30
ئامېرىكا پيوياڭنىڭ بۇ تەھدىتىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، شىمالىي كورىيەنىڭ تەھدىتلىرىنىڭ ئىلگىرىكىگە تەھدىتلەردىن پەرقسىز ئىكەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.
2013-03-30
تىبەت رايونىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىگە 36 سائەت بولغان بولسىمۇ، تاش - تۇپراق ئاستىدا قالغانلاردىن پەقەت بىرىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.
2013-03-30
دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى شەنبە كۈنى بېرما مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زوراۋانلىقلار مەسىلىسىدە بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-03-29
يۇرتى قەشقەر توققۇزاقتىن بولغان، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان قۇربانگۈل مىجىت، 17 ياشلىق ئوغلى ئالىمجان ھېلاجى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىب بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقنىڭ زەنجىرسىمان بىر يۈرۈش تۈرلىرىنىڭ ئازابلىرىنى بىر-بىرلەپ تېتىپ چىقماقتا.
2013-03-29
ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگەن تونۇلغان سىياسەتچى مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 4-يىللىقى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەنمەكتە.
2013-03-29
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئەينەك سەنئەتچىسى ۋە ئۇيغۇر خوتەن قەغەزچىلىك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئوغۇزخان ئەپەندى، ئىستانبۇلنىڭ قەغەزخانا ناھىيىسىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن ئېچىلغان قەدىمىي ئۇيغۇر خوتەن قەغىزى ياساشنى رەسمىي باشلىدى.
2013-03-29
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىدىكى قار-مۇزلار بىلەن قاپلانغان گرېنلاند ئارىلىغا كەسپىي پراكتىكا قىلىش ئۈچۈن بىر نەپەر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى يېتىپ بارغان.
2013-03-29
2014-يىلىدىن باشلاپ ياپونىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش كىتابلىرىغا سېنكاكۇ ئارىلى، كورىيە-ياپون ئارىسىدىكى تاكېشىما ئارىلى قاتارلىق ئاراللارنىڭ ياپونىيە زېمىنىغا تەۋە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تارىخىي چۈشەنچىلەر كىرگۈزۈلىدىغانلىقى جاكارلىغان.
2013-03-29
كانادانىڭ نېكسان نېفىت شىركىتىنى خىتايغا بىر مىليارد 500 مىليون دوللارغا سېتىشتەك چوڭ كۆلەملىك سودىغا كىرىشىشى، كانادادىكى خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى كۈنلۈكى ئاستىدىكى ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم بىرلىك ئاستىدا كانادادا خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇشىغا سەۋەب بولدى.
2013-03-29
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەتكە قىلىنىدىغان ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرغان. ئەمما « ياردەم بېرىش » نامى ئاستىدا قىلىنىۋاتقان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا زادى قانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت.
2013-03-29
خىتاي دائىرىلىرى تۈرمىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبونىڭ قېيىنئىنىسى ليۇخۈينى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن رەسمىي قولغا ئالغان. ئەمما ئۇنىڭ تۇغقانلىرى بۇنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-03-29
ئۇيغۇر ئېلى بىلەن خىتاينى تۇتاشتۇرىدىغان لەنجۇ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى جىددىي داۋام قىلماقتا. بۇ قۇرۇلۇش خىتاي بويىچە ئىككى ئۆلكىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيىسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1776 كىلومېتىر.
2013-03-29
خىتايدىكى چەتئەل كارخانىلىرى يېڭى رەھبەر شى جىنپىڭنىڭ تىجارىي مۇناسىۋەتلەرگە توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقان بيۇكراتلىقنى ۋە چەتئەل مەبلىغىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.
2013-03-29
ئامېرىكا پەيشەنبە كۈنى راداردا كۆرۈنمەيدىغان بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى جەنۇبىي كورىيە ئاسمىنىدا ئۇچۇرغاندىن كېيىن، بۈگۈن شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئامېرىكىغا ئائىت نىشانلارغا زەربە بېرىشكە تەييار قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
2013-03-28
خىتاينىڭ قەشقەر ۋە كورلا سوت مەھكىمىسى 26-مارت كۈنى 20 ئۇيغۇرنى تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي خىتاينىڭ مەزكۇر ھۆكۈملىرىنى تەنقىد قىلدى.
2013-03-28
2013-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە قارىتىلىۋاتقان خىرىسلار» ماۋزۇلۇق يىغىندا 60 ئەتراپىدا ئىلمىي ماقالە سۇنۇلغان ئىدى.
2013-03-28
قەشقەر ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى 19 نەپەر ئۇيغۇرغا، بايىنغولىن ئوبلاستى بىر نەپەر ئۇيغۇرغا «دۆلەتنى پارچىلاش، تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاش، چەتئەلگە قېچىشنى ئۇيۇشتۇرۇش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
2013-03-28
قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئۇيغۇر تىلىدا ژۇرناللار چىقىشقا باشلاپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، شۇنداقلا مەشھۇر ئۇيغۇر نامايەندىلىرى ھەققىدە قىزىقارلىق ماتېرىياللارنى ئېلان قىلغان ئىدى.
2013-03-28
گەرچە رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى بۇ ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكەن بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئورتاق ئىستراتېگىيىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈشتى.
2013-03-28
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ يىللىق نورۇز پائالىيىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىش ئۈچۈن، گوللاندىيىدىن ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن، يۇقىرى ئاۋازلىق ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى ئوپېرا ناخشىچىسى ئايگۈل ھەسەن خانىم، 28-مارت كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزدا زىيارەتتە بولدى.
2013-03-28
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ چەتئەل مەبلىغى چاقىرىپ، بىر قىسىم غەرب ئەللىرىگە قاراشلىق شىركەتلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سېلىشقا دەۋەت قىلماقتا.
2013-03-28
ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ خىتايغا چېتىشلىق شىركەتلەردىن تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋېلىشىنى چەكلىدى.
2013-03-28
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورى بۈگۈن باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىنتېرنېت، قول تېلېفون ۋە باشقا ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق قىلغانلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن.