ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-04-29
خىتاينىڭ مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى خەلقئارا جامائەتچىلىكتە گۇمان پەيدا قىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرى نەق مەيداندىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ باققان.
2013-04-29
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئاخباراتقا، - 23ئاپرىل سېرىقبۇيا ۋەقەسىنى ئېنىقلاشتا ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ،«23 - ئاپرىل سېرىقبويا ۋەقەسىنى تۇغدۇرغان زوراۋانلىق تېررورلۇق گۇرۇھ ئەزالىرىدىن 25 كىشىنى قولغا چۈشۈردۇق» دېدى ۋە ۋەقەنى چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ پىلانلىشىدىكى«زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتىدى.
2013-04-29
ئوتتۇرا ئاسىيادا سۇ مەسىلىلىرى بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشمەكتە. نۆۋەتتە سىر ۋە ئامۇ دەريالىرىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئارىسىدىكى مۇھىم ئىختىلاپلىق نۇقتىغا ئايلانماقتا.
2013-04-29
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 23 - ئاپرېل مارالبېشىدا يۈز بەرگەن «سېرىقبويا ۋەقەسى» گە باغلاپ قولغا ئالغان كىشىلەرنىڭ سانى 25 كە يېتىپ بارغان.
2013-04-29
«8 - نۆۋەتلىك ھەر مىللەت ياش رەھبەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دەپ ئاتالغان خىتاي دېموكراتلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل ۋەكىللىرى قاتنىشىۋاتقان خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى تەيۋەندە داۋاملاشماقتا.
2013-04-29
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى بىلەن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى شۇنداقلا كانادادىكى مەلۇم بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن 10 نەپەر خادىم، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىموفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك مەلۇمات ئالغان.
2013-04-29
گوللادىيەدە تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى. مەزكۇر چاقىرىقىنى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دە زىيارەتتە بولغان تۈركىيە ئاق پارتىيە مىللەت ۋەكىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماھېر ئۈنئال ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويدى.
2013-04-29
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، 29 - ئاپرېل كۈنى ب ب س ئاگېنتلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خەلقئارادىكى تەرەپسىز تەشكىلاتلارنىڭ 23 - ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشنى ھەم ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.
2013-04-29
ئىككى كۈندىن بۇيان تور بېكەتلىرىدە ئۈرۈمچى بۇلاق بېشى كوچىسىدىكى قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەن بالىنىڭ دوختۇرغا ئاپىرىلماي قانسىراپ ئۆلۈش ۋەقەسى مۇنازىرە قوزغىماقتا.
2013-04-29
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 29-ئاپرېل خەۋىرىدە، 23-ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسىدە ئۆلگەن 15 نەپەر كادىر، ساقچىغا « تېررورلۇق ۋەقەسىدىكى قەھرىمان » دېگەن نام بېرىلىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى قەشقەر مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۇلار ئۈچۈن تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
2013-04-29
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 28 - ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىخەنزە شەھىرىدىكى 180 يىللىق تارىخقا ئىگە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
2013-04-29
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى تىبەتلەر ئولتۇرۇشلۇق يۈشۇ بازىرى جىچۈن يېزىسىدىكى 7 نەپەر تىبەت پۇقراسى دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇيۇقسىز قولغا ئېلىنغان بولۇپ، قولغا ئېلىنغان يەتتە كىشىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا بارغان تىبەتلەر ساقچىلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا ئۇچراپ،كۆپ ئادەم يارىلانغان.
2013-04-28
يېقىندا ياپونىيىدە نارا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىۋاساكى ماسامى، مۇراتا ماسايو قاتارلىق تەتقىقاتچىلار بىرلىكتە نەشىرگە تەييارلىغان «ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ مىللىي كىيىمى - ئەتلەس» ماۋزۇلۇق تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
2013-04-28
27 - ئاپرىل كۈنى د ئۇ ق ۋە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، تۈركىيىدىن كەلگەن پرو. در. مۇھەممەد ئۆمەر نەزەر ئەپەندى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەت زالىدا ئۇيغۇرلارغا تىببىي ئىلىملەردىن ساۋات بەردى.
2013-04-28
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرگە ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنى ھەر قايسى ئەل ئالىملىرى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ھەقتە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يازغان نۇرغۇن ئەسلىمىلىرىم بار. ئۆتكەن ئەسىردە ياشىغان ئىمىن ۋاھىدى ئۆزى شاھىد بولغان ئىشلارغا ئائىت مەخسۇس ئەسەر يازغان ئىدى.
2013-04-28
يەكشەنبە كۈنى بېنگال ساقچىلىرى ھىندىستان بىلەن بېنگال چېگرىسىدا چارشەنبە كۈنى بېنگالنىڭ پايتەختى داككادا گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ خوجايىنى مۇھەممەد سوھېل رانانى قولغا ئالغان.
2013-04-28
قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ يېڭى تارىخى رومانى «بارچۇق ئارت تېكىن» نەشىردىن چىقىپ، سېتىلىشقا باشلىدى. بۇ ھەقتە قازاقسىتان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەخسۇس تور بېتى ئۇيغۇرچە ۋە رۇسچە ئىككى تىلدا ئۇچۇر تارقاتتى.
2013-04-28
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى روبېرت بلېيك ئۆتكەن ھەپتىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا سەپەر قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى.
2013-04-28
ياپونىيىنىڭ يېڭىدىن ھوقۇقنى ئىگىلىگەن باش ۋەزىرى شىنزو ئابې يەكشەنبە كۈنى موسكۋا سەپىرىنى باشلىدى. بۇ ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ 2003 - يلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم رۇسىيىنى رەسمىي زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2013-04-27
سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن تۈركىيەلىك ئاخباراتچى ۋە ژۇرنالىست ئەھمەت فارۇق ئۈنسال يازغان: «مەنئىي دۆلەت شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ماقالىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامى ئاڭلىتىلىدۇ. قېنى ئەمىسە، بۈگۈنلۈك پروگراممىمىزغا مەرھەمەت قىلغايسىلەر!
2013-04-27
1988 - يىلى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سەھەردە دولقۇن ئەيسا ۋە ئەركىن قاتارلىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىناسىدا مۇئاۋىن سېكرíتار جانابىل ھەمدە مۇناسىۋەتلىك نازارەتلەرنىڭ نازىرلىرى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى مىللىي مائارىپ مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
2013-04-27
خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن ئاكتىپلار ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە شوئار توۋلاپ، مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى سۆرەپ چىقىپ، بىزنىڭ قاتارغا قوشماقچى بولغان ئىدى ئۇلار قارشىلىق بىلدۈرۈپ مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. مەيداندا ئىشلەۋاتقانلارنىمۇ ۋارقىراپ يۈرۈپ ھەر بىر ئەترەتنىڭ ئادەملىرىنى ئايرىم تىزىپ چىقتى.
2013-04-27
قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن باشلاپ ئۆرلەش، گۈللىنىش ھادىسىلىرى يۈز بەردى.
2013-04-27
بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا توپلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئېغىر يارىلاندۇرغان. ۋەقەنىڭ مارالبېشىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر كۈندىن كېيىن يۈز بېرىشى دىققەتنى چەكمەكتە.
2013-04-27
يېڭى زېللاندىيەدىكى بىرقىسىم ئۆكتىچىلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى ناچارلىق تۈپەيلى يېڭى زېللاندىيەنى خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشكە چاقىردى.
2013-04-27
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى شىمالىي كورىيەنى ئىقتىسادىي جازالاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدىغان يېڭى بىر قانۇن لايىھىسى تونۇشتۇرغان.
2013-04-26
بېيجىڭدىكى غوللۇق ئەرزدارلاردىن ئۆمەرجان ئابلا، ئۆزىنىڭ ۋە باشقا ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ ئەرز - شىكايەت ماتېرىياللىرىنى توردا ئېلان قىلغانلىقى ۋە خەلقئارا ئاخباراتقا مەلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ 2 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
2013-04-26
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەيۋەنگە يېتىپ باردى. ئۇنىڭ تەيۋەنگە قىلغان بۇ زىيارىتى خەلقئارا مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.
2013-04-26
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. ب ب س ئاگېنتلىقى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىۋاتقان بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئېنىقلاش ئىنتايىن قېيىن بولماقتا.
2013-04-26
تۈركىيەدە تۇنجى مەخسۇس ئۇيغۇر تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئالتە ئايدا بىر نەشر قىلىنىدىغان ئىلمىي ژۇرنال ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە باشلىدى.