ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-05-31
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى 2012-يىللىق خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دوكلاتى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى نۇقتىلىق شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى كوزىر قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-05-31
1889-يىلى تيەنئەنمېىن ۋەقەسىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان 100 دىن ئارتۇق كىشى جۈمە كۈنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيە رەھبىرى شى جىنپىڭنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
2013-05-31
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىياتى ۋە مۇساپىرلار ئورگىنى جۈمە كۈنى خىتاي بىلەن لائوسنىڭ 9 نەپەر شىمالىي كورىيەلىك مۇساپىر ياشنى دۆلىتىگە مەجبۇرى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-05-31
31 - ماي ئۇيغۇرلار گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى.
2013-05-31
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھېيگىل، سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا بىخەتەرلىك يىغىنىدا خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي توربۇزارلىرىنىڭ ئامېرىكا تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى توغرىلىق سۆزلىشىدىغانلىقى ۋە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-05-31
بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ «2012 - يىللىق دۆلەتلەر ئەھۋالى ۋە تېررور تەشكىلاتلار تىزىملىكى ھەققىدىكى دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، تىزىملىكتە ئەللىكتىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ ئىسمى يەر ئالغان.
2013-05-31
قىرغىزىستاننىڭ قۇمتور ئالتۇن كېنىدىكى ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان. ھۆكۈمەت تەرەپ ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 50 نەچچە ئادەم يارىلانغانلىقى، 80 نەچچە ئادەم قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-05-31
ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-05-31
ئىجتىمائىي مەتبۇئات ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بىرىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىۋاتقانلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.
2013-05-31
نورۋېگىيەنىڭ پوچتا گەچلىك گېزىتى مۇخبىرى ماي ئېيىدا پۇقرالار ھوقۇقى كۈرەشچىسى چېڭ گۇاڭچېڭنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2010-يىلى ليۇ شاۋبوغا تارقىتىلغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېگەن.
2013-05-30
قارامايدىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىپ، قاراماينىڭ ئۆزىدە تۇغۇلۇپ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇپ كەلگەن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن 5000 دىن ئارتۇق ياشنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلماي، ھەر خىل پاجىئەلەر يۈز بەرمەكتە.
2013-05-30
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەتقىقاتچىلىرى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان «خىتاينىڭ تۆمۈر مۇشتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىنىي ئەركىنلىكى» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمە سىياسىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
2013-05-30
مىللىي زىددىيەتكە پېتىپ قالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىڭتۇەننىڭ كۈچەيتىلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىش سىياسىتى، رايوندىكى ئىختىلاپنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىۋەتكەن.
2013-05-30
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ئاققۇنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشى بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا.
2013-05-30
ئىستانبۇلنىڭ بەيئوغلى شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، «شىنجاڭ-ئاتا يۇرت» نامىدا ئېچىلغان رەسىم كۆرگەزمىسىگە رۇخسەت بەرگەنلىكىنى «دىققەتسىزلىك» دېدى ۋە ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-05-30
يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى شىمالىي ئامېرىكا شۆبىسى بىلەن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىكتە كانادانىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك مەدەنىيەت فېستىۋالىغا قاتناشتى.
2013-05-30
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكادا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ئامېرىكا مۇداپىئە تەتقىقاتلىرى مۇنبىرىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ خىتاي خاككىرلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ بىر قىسىم ھەربىي قوراللىرىنىڭ لايىھىسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-05-30
مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ قايتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدا ئۇنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىلغان.
2013-05-30
خىتاي ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋىې خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەقىبى ئاستىدىكى ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇم ھەيكەللەرنى 6 دانە چوڭ تىپتىكى داتلاشقان تۆمۈر ساندۇق ئىچىگە قاچىلاپ چىقىپ، ئۇنى ۋېنىتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر گۈزەل سەنئەت فېستىۋالىغا قاتناشتۇرغان.
2013-05-30
ئۇيغۇر رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئېلان قىلغان سانلىق رەقەمگە قارىغاندا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 76 مىڭ 966 نەپەرگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ زور «ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلار قوشۇنى» بارلىققا كەلگەن.
2013-05-30
سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسەد لىۋاندىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايانات بېرىپ، رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنغان S-300 تىپلىق راكېتالىرىنىڭ دەسلەپكى بىر قىسمىنىڭ سۈرىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە دائىرىلىرى تېخى بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات بېرىپ، بۇنىڭ راستلىقىنى دەلىللىمىگەن.
2013-05-29
غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ يېزا بايكۆل كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان تۇرسۇن تۇرغۇننىڭ 8 مو بۇغدايلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى يېرىم كېچىدە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن.
2013-05-29
گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە چاقىرىلغان «مەدەنىيەت دىپلوماتىيىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق» ماۋزۇلۇق، دۆلەت ئەربابلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان خەلقئارالىق ئالىي يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2013-05-29
ياپونىيە دۆلەت ئاساسىي مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش تەتقىقات ئورگىنى بىلەن ھىندىستان ۋىۋېكاناندا خەلقئارا فوندى بىرلىكتە ھازىرلىغان ياپونىيە-ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تەكلىپ لايىھىسىدە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كىرگۈزۈلدى.
2013-05-29
بۈگۈن 1962-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن 29-ماي ئىلى-چۆچەك خەلقلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىش ھەرىكىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى قانلىق باستۇرۇشىنىڭ 51 يىللىق خاتىرە كۈنى.
2013-05-29
مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك كۈرەش تارىخىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلاشتەك قەيسەر روھنى قالدۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە مول مەزمۇنلۇق شېئىرىي مىراسلارنىمۇ قالدۇرۇپ كەتتى.
2013-05-29
يېقىندا، «مەرىپەت» تور بېكىتىدە، «ئىللەتلىرىمىز ۋە ئۇنى تۈزەش چارىلىرى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مىللەتتىكى ئاجىزلىق نۇقتىلىرى ۋە ئۇنى يېڭىشنىڭ چارىلىرى تەپسىلىي سۆزلەنگەن.
2013-05-29
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش رەئىسى يۈي جىڭشىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، «دىنىي رادىكاللىق» قا داۋاملىق زەربە بېرىش، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قارشى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى تەكىتلىگەن.
2013-05-29
خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسى دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىللىق ئۈرۈمچى ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ 2-سېنتەبىر ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2013-05-29
ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ئوباما 7-ئىيۇن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كالىفورنىيە شتاتىنىڭ رانچو مىراج بازىرىدا كۆرۈشكەندە تور جاسۇسلۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.