ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-06-29
6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناھا شەھىرىدە يۈزلىگەن ياپونلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش قىلدى. نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ،«ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!» «ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق» «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى توختىتىلسۇن!» «شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايلار چىقىپ كەتسۇن!»دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.
2013-06-29
سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن بىر قىسىم نادىر شېئىرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامى ئاڭلىتىلىدۇ. قېنى ئەمىسە، بۈگۈنلۈك پروگراممىمىزغا مەرھەمەت قىلغايسىلەر!
2013-06-29
2006-يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ 7 يىللىق خاتىرە مۇراسىمىدا ئانا تىلنى قوغداشنىڭ مۇھىم ۋە شەرەپلىك ۋەزىپە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2013-06-29
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان ۋە خوتەن شەھەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھۇجۇملار كەينى - كەينىدىن يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى 29 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدە چوڭ تىپتىكى بىر ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ كۈچ كۆرسەتتى.
2013-06-29
كورىيە پايتەختى سېئۇلدىكى خەلقئارا ئايرودرومىدا كورىيە چېگرا خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان دولقۇن ئەيسا ئۈچ - تۆت كۈنگە سوزۇلغان مۇرەككەپ جەريانلاردىن كېيىن ئاخىرى دۇبەيگە قاراپ ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىلىدۇ. بۇ ئايروپىلان دۇبەيگە ئۇچامدۇ ياكى بېيجىڭغىمۇ؟ بۇ سوئال تېخىچە ئۇنىڭ كاللىسىدا گۇمان ھالىتىدە تۇرماقتا ئىدى.
2013-06-29
قىزىل سايدىن بىزنى ئۇدۇل قادىر ئارىسىدىكى بۇغداينى ئورۇش ئۈچۈن ئورمىغا ئېلىپ كەتتى. ئەتىگەن سائەت سەككىزدە قىزىل سايدىن يالغۇز ئات يولى بىلەن تاققا چىقىپ سايغا چۈشۈپ دېگەندەك، يۈك - تاقلىرىمىزنى دۈمبىمىزگە ئارتىپ ماڭدۇق. شۇنچە ئۇزۇن يولنى تولۇق قوراللانغان بىر قانچە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قامچىلاپ ھەيدىشى بىلەن پىيادە يۈرۈپ كەچ سائەت ئون بىلەن ئۆمۈلىگۈدەك بولۇپ، ئاران يېتىپ كەلدۇق.
2013-06-29
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «فوربىس» ژۇرنىلىدا كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى بارغانچە ئېشىۋاتقان بولۇپ، كۆپلىگەن ساھەلەر خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىشقا باشلىغان.
2013-06-28
بۈگۈن خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيەسى خوتەندە يەنە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ۋەقەنىڭ تىنچىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.
2013-06-28
لۈكچۈندە ساقچىخانىغا ئوت قويۇپ، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتايدىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى ۋە ئۇيغۇر خەلقنى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
2013-06-28
5 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ دۈزجە شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا داۋاملاشتى.
2013-06-28
ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاخىرىقى ئېقىمىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى ھەمدە لوپنور ۋادىسىدىكى 260 مىڭ مودىن ئارتۇق تەبىئىي توغراقلىقنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكى مەلۇم.
2013-06-28
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسىگە قاتناشقان، ياشلارنى ۋەتەنسۆيەر قىلىپ تەربىيىلەش يولىدا ئۆز ھەسسىنى قوشۇۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر غازىسى، 85 ياشلىق بوۋاي ئابلىمىت بەكرى ئاكىنى بېشكەك تەۋەسىدە تونۇمايدىغان ئۇيغۇر يوق.
2013-06-28
قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەرەققىياتىدا، جۈملىدىن ئۇنىڭ پروزا، پوئېزىيە ۋە دراماتورگىيە ساھەلىرىدە قەلەم تەۋرەتكەن ئاتاقلىق يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، بولۇپمۇ مىللىي ئازادلىق كۈرىشى ھەققىدە سالماقلىق ئەسەرلەر يېزىپ قالدۇردى.
2013-06-28
ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-06-28
خوتەن شەھىرى خانئېرىق بازىرىدا 28-ئىيۇن جۈمە نامىزىدىن كېيىن جۈمەدىن يانغان ياشلار بىلەن ئۇلارنى نازارەت قىلىپ ماڭغان ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ كۆپ ئادەم يارىلانغان.
2013-06-28
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى پىچان لۈكچۈن بازىرىدا 26-ئىيۇن كۈنى يۈز بەرگەن ساقچىخانا، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە قۇرۇلۇش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دەپ ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى دېمىگەن ئىدى.
2013-06-28
رادىئومىز قارامايدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قارامايدا يىللاردىن بۇيان ئىشسىز قالغان 5000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئالتە ئايدىن بۇيان ئەرز قىلىش، نامايىش قىلىش ۋە جىم ئولتۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان قارامايلىق ئانىلار ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان.
2013-06-28
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى 26-ئىيۇن پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىدە،«بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلىيالمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.
2013-06-28
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسىدىن كېيىن، قۇمۇلدا تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان تېررورلۇق توقۇنۇش ۋەقەلىرىگە قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن.
2013-06-27
پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ئوت قويۇپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە مۇخبىرىمىزمىڭ يەرلىك دائىرىلەر ۋە ئاھالىلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئاز دېگەندە 35 كىشى، ھۇجۇمچىلاردىن 11 كىشى ئۆلگەن.
2013-06-27
27 - ئىيۇل كۈنى پىچاننىڭ لۈكچۈن بازىرىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەقە ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھەممىسىدە كەڭ ئورۇن ئالدى. خەۋەرلەردە، خىتاي ئاخباراتلىرىدىن پەرقلىق ھالدا رايوننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ھەقتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ پىكىرلىرى بېرىلدى. بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «سەئۇدى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان باشماقالىدە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەزى تەۋسىيەلەر بېرىلدى.
2013-06-27
26 - ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى يوشۇرۇپ، ۋەقە ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمەسلىكى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى.
2013-06-27
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستەچى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامەنت ئەزاسى ئۆزجان يېنىچېھرى ۋە كۆپ ساندا ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى لۈكچۈندە يۆز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
2013-06-27
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى 26-ئىيۇن پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
2013-06-27
غەرب مەتبۇئاتلىرى «26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى» گە يەر بېرىش بىلەن بىرگە، 23-ئاپرېل سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەمدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ دەرىجىسى ۋە ئۈزلۈكسىزلىكى ھەققىدە دۇنياغا يەنە بىر قېتىم كەڭ ئۇچۇر تارقاتتى.
2013-06-27
5 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنى تۈركىيىنىڭ دۈزجە شەھىرىگە يېقىن فەنەرباغچە پۇتبۇل كوماندىسىغا قاراشلىق مېھمانخانىدا داۋام قىلىۋاتىدۇ.
2013-06-27
قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئاتاغلىق ئەدىپلەر قاتارىدىن ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئىگىلىگەن شائىر، يازغۇچى ۋە دراماتورگ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتراكچىلىرىدىن بىرى، سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى.
2013-06-27
خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان چىڭخەي ۋە سىچۇەندىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىدىكى بۇتخانىلارنىڭ دىنىي داھىي سۈپىتىدە دالاي لامانىڭ رەسىمىنى ئېسىشىغا ۋە ئۇنى ياد ئېتىشىگە يول قويغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
2013-06-27
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پىچان لۈكچۈندىكى ۋەقە ھەققىدە بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى.
2013-06-27
23 - ئىيۇن كۈنى خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيىسى جاھانباغ يېزىسىدا بىر ۋەقە يۈز بېرىپ، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، جاھانباغ يېزىسىدىكى بىر ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان 6 - 7 نەپەر خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىسى 23 - ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەقەلىكنىڭ سەۋەبى ۋە قاتىللارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىق ئۇچۇر يوق. ئەمما يەرلىك ئاھالىلەر ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ھازىر گۇمان بىلەن ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.