ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-07-31
18-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە باشلانغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى سۆھبەت مەزگىلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.
2013-07-31
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي چەكلىمىنى مىسلىسىز كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجاب، چۈمبەل ئارتىشىنى، پەرەنجە كىيىشىنى چەكلىگەن ۋە ھىجابلىق ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلارغا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كىرىشىنى، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇشىنى مەنئى قىلغان ئىدى.
2013-07-31
پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ ساقچىخانىغا ئوت قويۇپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن ئىككى كۈن كېيىن، ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان بازىرىدىمۇ بىر مەيدان قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
2013-07-31
د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ۋە ياپونىيە پارلامېنتىغا تەبرىك خېتى يوللاپ، شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ياپونىيە كېڭەش سايلىمىدا غەلىبە قازانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.
2013-07-31
تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان ئافيون ۋىلايىتىدە «شەرقىي تۈركىستان ۋە كەركۈك مەسىلىسى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى. ئافيونقاراھىسار ياشلار مۇنبىرى تەرىپىدىن چاقىرىلغان يىغىن تۈركىيەنىڭ ئازادلىق مارشى بىلەن باشلاندى.
2013-07-31
گوللاندىيەدىكى نامايىش پائالىيەتلىرىدە سەپلەرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، جاراڭلىق شوئارلىرى بىلەن غەزەپلىك چۇقان سالىدىغان، بوينىدا زەنجىر، پۇتىدا كېشەن بىلەن ھەيۋەتلىك قەد كېرىپ تۇرىدىغان بىر كىشى بار. كىشىلەر ئۇنى تاھىرھاجىم دەيدۇ.
2013-07-31
1930-يىللاردىن تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ تەرغىب قىلىنغان ئۇيغۇرلار 1990-يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى تاراتقۇلاردا «بۆلگۈنچى»، «دىنىي رادىكال» ۋە «تېررورىست» قالپاقلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.
2013-07-31
خىتاي دائىرىلىرى ئاتۇشتا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۆي ئاختۇرۇش ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان قانلىق ۋەقەنى مەخپىي تۇتقان بولسىمۇ، مەزكۇر ۋەقە رادىئومىزدا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي ساقچىسىغا ئاتالغان ماتەم مۇراسىمىنى خەۋەر قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
2013-07-31
چارشەنبە كۈنى خىتايدىكى بىر قىسىم ئەرزدار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى يېزىشقا قاتنىشىنى تەلەپ قىلغان.
2013-07-31
ۋاشىنگتون ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پايتەختىدىكى مۇھىم ئابىدىلەرگە سىر چېچىپ بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارى دۈشەنبە كۈنى قولغا ئېلىنغان.
2013-07-31
ۋاشىنگتون ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پايتەختىدىكى مۇھىم ئابىدىلەرگە سىر چېچىپ بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارى دۈشەنبە كۈنى قولغا ئېلىنغان.
2013-07-31
فىلىپپىن دائىرىلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا رازۋېدكا ئايروپىلانلىرى تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، فىلىپپىننى مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
2013-07-30
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تېررورلۇققا، بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى تېررور گۇرۇپپىلىرىغا باغلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان ئەڭ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى.
2013-07-30
5-ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئەڭ ساداقەتمەن بولغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاشلا زەربە ۋە يوقىتىش نىشانى بولغانلىقى يۈزلەرچە پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانماقتا.
2013-07-30
مۇبارەك رامزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن 2013-يىلى 25-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كەڭ-كۆلەملىك ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى.
2013-07-30
ياپونىيە «خىتاي تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا كوللېكتىپ نەشرگە تەييارلانغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىكى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.
2013-07-30
ئابدۇللا قادىرى 1920-يىللاردا يازغان ئىككى رومانى - «ئۆتكەن كۈنلەر» ۋە «مېھرابتىن چايان» بىلەن زامانىۋى ئۆزبېك رومانچىلىقىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 20-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىدا تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ نادىر ئۈلگىسىنى تىكلىگەن ئۇستاز يازغۇچىدۇر.
2013-07-30
ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ھىندىستان-خىتاي چېگرا رايونلىرىدا بارغانچە ئاشۇرۇۋاتقان ئەسكىرى كۈچىگە قارىتا ھوشيار بولۇش ئۈچۈن 45 مىڭ ئەسكەرنى يېڭىدىن ۋەزىپىلەندۈرۈپ خىتاي-ھىندىستان چېگرا بويلىرىغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-07-30
قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ژانىر جەھەتتىن بېيىشىدا ھەر دەۋر ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. بەزى يازغۇچىلار پەقەت پروزىنى تاللاپ ئالغان بولسا، بەزىلىرى شېئىرىيەتنى ياكى دراماتورگىيىنى ئاساسىي ئىجادىيەت يۆنىلىشى قىلىپ تۇتقان.
2013-07-30
بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، بۈگۈن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قاراتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك نەزەربەندىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، نۆۋەتتە تەتىل قىلىپ يۇرتىغا قايتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن توسالغۇغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
2013-07-30
30-ئىيۇل كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىللىگەن مەخسۇس ئۆمەك، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن.
2013-07-30
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇشى ۋە روزا تۇتۇشىغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار يېقىندىن بۇيان فەيسبوك، تىۋىتىر، ئۈندىدار قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە بارغانچە كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر خەلقئارادىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىنىڭ مۇنازىرە تېمىلىرىغا ئايلاندى.
2013-07-30
30-ئىيۇل كۈنى خېبىي ئۆلكىلىك ئوتتۇرا سوت 2008-يىلى يۈز بەرگەن ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان زەھەرلىك جۇۋاۋا دېلوسىدىكى گۇماندار لۇ يۆتىڭ ئۈستىدىن سوت ئاچقان.
2013-07-30
18-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى 30-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە باشلاندى. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە قانداق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
2013-07-29
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلغا كەلگەندە كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان سەنئەتچىلەردىن بىرى نەجاتى شاشماز، يەنى فىلىمدىكى ئىسمى بىلەن پولات ئالەمدار رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىدى.
2013-07-29
مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلاردىن بىرى ياردەمچى ساقچى بولۇپ، ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى فورما كىيىمى بىلەن بولمىغاچقا، نامايىشچىلار قاتارىدا تۇتۇپ كېتىلىپ غايىب بولغان.
2013-07-29
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ مەنىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى، دىئالوگدا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر نەتىجە ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
2013-07-29
1937-يىلى، 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى لۇگوچاۋ ۋەقەسىدىن كېيىن ياپونىيە-جۇڭگو ئۇرۇشى رەسمىي باشلاندى. ياپونىيە ئارمىيىسى كەڭ كۆلەمدە شىمالىي جۇڭگوغا ھۇجۇم باشلىدى.
2013-07-29
ميۇنخېن شەھىرىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرى بۇ يىللىق رامزان كىرگەندىن بۇيان چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ ئىپتارلىق زىياپەتلىرىگە داخىل بولۇپ ۋە ئۇلارنى ئىپتارغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن.
2013-07-29
مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن جۇڭگو تىل ئىستراتېگىيىسى تەتقىقات مەركىزى بىرلىكتە تۈزگەن ئۇيغۇر تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى (ۋ ي س ك) لايىھىسى يېقىندا ئۈرۈمچىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاپ بېكىتىشىگە سۇنۇلغان.