ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-09-29
يەكشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كۆپ ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى.
2013-09-29
1 - ئۆكتەبىر كۈنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2013-09-29
قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى، يېقىندا ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مەخسۇس «ئانارخان» دراممىسىنى قايتا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشنى قارار قىلغان.
2013-09-29
2000 - 2004 - يىللىرى ئارىسىدا ئىككى مىليارد 800 مىڭ يۈەن بانكا ئامانەت پۇلىنى ئىگىلىۋېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، خىتاينى زىلزىلىگە سالغان گاۋشەن، لى دوڭجې ۋە لى دوڭخۇ قاتارلىق 7 ئادەم 29 - سېنتەبىر كۈنى خاربىن شەھەرلىك ئوتتۇرا تەرىپىدىن سوتلانغان.
2013-09-28
ئانا يۇرتۇم باغرىدا تارىخىمىز ئىزناسى بار،
ياۋغا قارشى شان قۇچۇپ ئۆتكەن دەۋر ھەقداسى بار...
2013-09-28
سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن بىر قىسىم نادىر شېئىرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامى ئاڭلىتىلىدۇ. قېنى ئەمىسە، بۈگۈنلۈك پروگراممىمىزغا مەرھەمەت قىلغايسىلەر!
2013-09-28
ئالمۇتادىكى بىرقانچە ئايغا سوزۇلغان جاپالىق جەريانلاردىن كېيىن مۇنەۋۋەر ئاخىرى كەۋسەرنىڭ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە خەۋەر كۈتۈپ تىت - تىت بولۇپ تۇرغان تىللاخان ئانا نەۋرىسى كەۋسەرنى ئېلىپ دەرھال قازاقىستانغا يولغا چىقىدۇ.
2013-09-28
چۈشلۈك تاماققا ئۆگىنىشتىكى چوڭ ئەترەتنىڭ ئاشخانىسىغا ئېلىپ ماڭغاندا رۇخسەت سوراپ ئۆيگە كىرسەم دادام سىڭلىمنىڭ ئوغلى بىلەن ئۆيدە ئىچى پۇشقاندەك يالغۇز ئولتۇرغان ئىكەن. دادامغا قاراپ: «زېرىكىپ قالدىڭىزمۇ، بالىلار ئىشتىن قايتمىدىمۇ» دېدىم.
2013-09-27
غايىپ ئوغلىنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا جامائەتتىن ئىزچىل ھالدا ياردەم تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان دەرتمەن ئانا پاتىگۈل غۇلام، بۈگۈن مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە نۆۋەتتە بېيجىڭدا نەزەربەنت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
2013-09-27
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 24 - نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىيىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرى يەنى 26 - ، 27 - سىنتەبىر كۈنلىرى مەخسۇس يىغىن چاقىرىلىپ خىتاي ھۈكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بېيجىڭدىن كەلگەن 42 ۋەكىلدىن بالىلار ھەق - ھوقۇقلىرى توغرىسىدا سوئال سورالغان.
2013-09-27
ئۇيغۇر تورچىلىقىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ، چەتئەللەردىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا بۇ ھەقتە ماقالە، ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان، ئەنگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2013-09-27
2013 _ يىلى 25 - سىنتەبىر چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن زەيتىنبۇرنۇ مەدەنىيەت - سەنئەت زالىدا، شەرقىي تۈركىستان كېچىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2013-09-27
ياپونىيەلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى ناكاجىمانىڭ «جۇڭگو دېگەن نېمە؟»، « دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىنكى كۆلەڭگە ئارقىسىدىكى ھەقىقەت» سەرلەۋھىلىك كىتابى يېقىندا ياپونىيە پ ھ پ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
2013-09-27
ئابدۇللا ئالىم تۈركىستانى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ۋەتەنپەرۋەرلىكى بىلەن تونۇلغىنىدەك، ئەرەبلەر ئىچىدىمۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى بىلىمى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن تونۇلغان شەخسلەرنىڭ بىرى.
2013-09-27
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستان رەھبەرلىكى، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ قانۇن قوغداش ئورگانلىرى ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر قازاقىستاندا تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يوقلۇقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئامما مەملىكەتنىڭ جاي - جايلىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋاقەلەردىن كېيىن بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قاراش دەررۇ ئۆزگەردى.
2013-09-27
خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېقىندا «شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىقلىم ئۆزگىرىش دوكلاتى» ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەلگۈسى 100 يىللىق ئىقلىم ئۆزگىرىش ئەھۋالى ھەققىدە بەزى پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2013-09-27
ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي جۈمە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، باش مىنىستىر لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئافغانىستاننىڭ لوگار ئۆلكىسىدىكى خىتاي مەبلەغ سېلىپ ئاچقان ئەينەك مىس كېنىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
2013-09-27
ئامېرىكا مەسئۇل دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2012-يىلى گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئەل-سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى ئۇيغۇر ئەل سالۋادوردىن ئايرىلىپ باشقا بىر دۆلەتكە كەتكەن.
2013-09-27
تۈركىيە يىراق مۇساپىلىك ھاۋا مۇداپىئە ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر خىتاي شىركىتىگە ھۆددىگە بەرگەن. 4 مىليارد دوللارلىق مەزكۇر قۇرۇلۇشنى خىتاينىڭ «جۇڭگو ئۆتكۈر ئەسلىھەلەر ئىمپورت-ئېكسپورت گۇرۇھى» ناملىق شىركەت ھۆددىگە ئالغان.
2013-09-27
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابې جۈمە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ياپونىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئىختىلاپتىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقى، بىراق ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىدىغان ھېچقانداق تەدبىر قوللانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-09-27
ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-09-26
خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى تارقاتقان مەخپىي ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ھېلاجى ئائىلىسىگە ئۈسۈپ كىرىپ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە تەھدىت سالغان.
2013-09-26
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 8-9-ئاي مەزگىللىرىدە «ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلاپ ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىتاي ئىنتېرنېت ساھەسىدە ئاكتىپ ئۇچۇر يوللاپ كېلىۋاتقان تور بلوگ ساھىبلىرىنى قولغا ئېلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى.
2013-09-26
ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ۋاشىنگتوندىن چىقىدىغان «ناتىئونال گېئوگرافىك» ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «بۈيۈك يۈز سىر نامايان قىلىندى» ناملىق مەخسۇس سانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىن تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەر يەنى تارىم مۇمىيالىرىمۇ ئورۇن ئالغان.
2013-09-26
كىچىك مۇجاھىت، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن قەشقەردىكى ئاكىسى بىلەن ئاچىسىنى ئېكىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئۇلارنى قەشقەردىن تۈركىيەگە ئەكەلدۈردى.
2013-09-26
قازاقىستان دۆلەت رەھبەرلىكى، قانۇن ئورگانلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قازاقىستاندا تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يوقلۇقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئامما مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردىن كېيىن، بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قاراش دەررۇ ئۆزگەردى.
2013-09-26
«چۈشۈرگىدىكى ماجىرا ناملىق» كىتاب، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندى يېزىپ نەشرگە تەييارلىغان.
2013-09-26
2013-يىلى 10-سېنتەبىر گوللاندىيەدىكى خەۋەر ۋاسىتىلىرىدە، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى خىتايغا يەتكۈزگەنلىك گۇمانى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئىككى تەرجىماننىڭ ئەيىبنامىسىدە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
2013-09-26
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى دۆلەت كادىرلىرىنىڭ شەخسىي پاسپورتلىرىنى تىزىملاپ، يىغىۋېلىش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.
2013-09-26
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 24-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىتايدىكى بالىلار ھوقۇقى مەسىلىسى بويىچە ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى.