ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-10-31
ئىلھام ئەپەندى ئۆز ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىملىق تيەنئەنمىن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ناچارلاشتۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
2013-10-31
شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا قاراشلىق «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى 31-ئۆكتەبىر تىيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەڭ چوڭ زىيان تارتقۇچى» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2013-10-31
خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتى 2008-يىلىغا كەلگەندە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق رەسمىي قانۇنلاشتۇردى.
2013-10-31
نىپپون كېيزاي شىنبۇن گېزىتى، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەگە چېتىشلىق بەش گۇماندارنى قولغا ئالغاندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق ھالدا ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك گۇماندارلارنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-10-31
2013-يىلى 26-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى، ئىستانبۇلدىكى تۈرك ئوجاقلىرى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، «قەلبىمىزنىڭ قانىغان ئىككى يارىسى كەركۈك ۋە شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
2013-10-31
بۇ يىل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا گۈلنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ مەخسۇس تەكلىپى بىلەن كېلىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلغانلىقى ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا ھەر خىل ئىنكاسلارنى قوزغىدى.
2013-10-31
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەخمىنەن 60 مىڭغا يېقىن دەپ سانىلىۋاتقان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ياشلار يۇقىرى ھەربىي ئۇنۋانغا ئېرىشمەكتە. ئۇلارنىڭ بىرى تېخى يېقىندا مايورلۇق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان غەيرەت راخمانوفتۇر.
2013-10-31
قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى 80- يىللىق يېڭى مەۋسۈمىنى يەنە « ئانارخان» ناملىق كلاسسىك دراما ئەسىرى بىلەن باشلىدى.
2013-10-31
بۈگۈن ئىستانسىمىزغا غا كەلگەن ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، ھازىر بېيجىڭ دائىرىلىرى بېيجىڭ تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ئاپتوموبىل كىرالاش ئورۇنلىرىغا كىملىك نومۇرى 60 بىلەن باشلانغان كىشىلەرگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەنلەرگە ئاپتوموبىل كىرالاپ بەرمەسلىك ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن.
2013-10-31
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە يەنە نۇرغۇن ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا. بۈگۈن ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە كەڭ توختالغان.
2013-10-31
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تيەنئەنمېندىكى ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2013-10-31
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەتنى بېكىتىپ چىقىدۇ.
2013-10-30
بۇ قېتىم بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بېرىشى ۋەزىيەت ۋە ۋەقەنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ مەركەزلىك دىققەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
2013-10-30
بۈگۈن بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى رەسمىي ھالدا تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تەشكىللىك ۋە ئالدىن پىلانلانغان بىر «تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى » دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزىگە تارتتى.
2013-10-30
بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى ۋەقەسىنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە جۇڭنەنخەي ۋە خىتايغا كۈچلۈك سىياسىي سىگنال بېرىدىكەن.
2013-10-30
28-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ رىشاتكىسىغا ماشىنا سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ ۋەقە پۈتۈن دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ قىزىق خەۋەر تېمىسىغا ئايلاندى.
2013-10-30
يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ تيەنئەنمېنگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ بۇ خەۋەرگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى.
2013-10-30
10-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا زور ئىنكاس قوزغىدى. 29-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرى بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىشقا باشلىدى.
2013-10-30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چارشەنبە كۈنى تيەنئەنمېندىكى ماشىنا ھۇجۇمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-10-30
خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈندىكى باياناتىدا تيەنئەنمېندىكى ماشىنا ھۇجۇمنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتىدى ۋە ۋەقەگە چېتىشلىقى ئېگىرى سۈرۈلگەن 5 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-10-30
بېيجىڭدىكى ماشىنا ھۇجۇمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىللىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات قانىلى-CNN دە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى.
2013-10-30
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كۆمۈر قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-10-30
ئامېرىكا قانۇنچىلىرى سەيشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىياغا قاراتقان ھەربىي ئىستراتېگىيىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-10-29
رابىيە قادىر خانىم، خىتاينى 28-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى دۇنيادىن يوشۇرماسلىققا چاقىرىش بىلەن تەڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
2013-10-29
بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانى يەنى خىتاينىڭ سىياسىي سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بولۇش ئېھتىماللىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاردى.
2013-10-29
بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقە ئۇچ ئۇيغۇرنىڭ تيەنئەنمىنگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلار خەلقئارا خەۋەرلەردە ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەشكە باشلىغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى(ئا ئۇ ب)نىڭ پوزىتسىيىسىنى سورىدى.
2013-10-29
مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ ئوفىتسېرى خەمىت كەنجىبايېفنىڭ 1945-1950-يىللىرى ئارىسىدا كۆرگەن بىلگەنلىرى ئىچىدە، ئۇنىڭ 1950-يىلى 3-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جەسىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن كۆرگەنلىرى ئۆزگىچىدۇر.
2013-10-29
28-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونىغا جايلاشقان خاتاي ۋىلايىتىدىكى مۇستافا كەمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان قان يېشى تۆكمەكتە» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى.
2013-10-29
10-ئاينىڭ 27-كۈنى توكيودىكى ئەدەبىيات سالۇنىدا تۈرك، ياپون، مالاي ۋە ئۇيغۇر شائىرلىرى جەم بولۇپ، ئۇيغۇر شائىرى ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى خاتىرىلىدى.
2013-10-29
ئۇيغۇر ئېلىدىن ھىجرەت قىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى شۇ ۋاقىتلاردا سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەرلىشىپ قالغان باشقا مىللەتلەرنىڭ سانىدىن ئەلۋەتتە كۆپ ئىكەنلىكىنى پېشقەدەم ئۇيغۇرلار سۆزلىمەكتە.