ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-02-26
چارشەنبە كۈنى 37 نەپەر خىتاي گراژدانى بېيجىڭ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، 2 ياپونىيە كارخانىسىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا خىتاي ئىشچىلىرىنى ئېغىر ئەمگەككە سالغانلىقى سەۋەبلىك تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان.
2014-02-26
چارشەنبە كۈنى قىرىم پايتەختى سىمفېروپولدا رۇسلار بىلەن كىيېفنى قوللايدىغان ئۇكرائىنلار ۋە يەرلىك تاتارلار ئىككى تەرەپ بولۇپ نامايىش قىلدى.
2014-02-25
ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنىپ 41 كۈندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى گۈزەلنۇر خانىمغا يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، ئىلھام توختىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن 20-فېۋرال رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
2014-02-25
ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى كېرىيەنىڭ ئارىش يېزىسىدىكى 5 ھامىلىدار ئايال دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ، ئۇلارنىڭ 6 ئايلىقتىن 9 ئايلىققا قەدەر بولغان 4 ھامىلىسى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئىدى.
2014-02-25
رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئانا تىل بىلەن داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئۇنىڭ ئاتا مىراس تېۋىپلىرى يېقىندىن بۇيان خىتاي تىلىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.
2014-02-25
قوش تىل مائارىپى، دەپ ئاتالغان، ئەمما خىتاي تىلىدىن ئىبارەت يەككە تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر يېڭى ئەۋلادلارنىڭ دىلى، تىلى، ئەقلى، پسىخىكىسى ۋە باشقا جەھەتلىرىدە پەيدا قىلىۋاتقان سەلبىي تەسىرلىرى ئاتا-ئانا ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر مۇھىم مەسىلە.
2014-02-25
ئانا تىلنى قوغداش پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيەدىن فىرانسىيەگە بارغان ئۇيغۇرلار، بۇ قېتىملىق پائالىيەت سەپىرىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
2014-02-25
ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان 83 ياشلىق بەدىگۈل ئانا ھاجىيېۋا ئۇيغۇر دىيارىدا ئالىي مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، بىر نەچچە يىل مابەينىدە پارتىيە ۋە دۆلەت مەھكىمىلىرىدە يۇقىرى لاۋازىملاردا خىزمەت قىلدى.
2014-02-25
كانادا خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادانىڭ ئەڭ چوڭ كىنو شىركىتى «Imax» نىڭ غايەت زور تىپلىق 3D كىنو تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغانلىقىدىن ناھايىتى بىئارام بولدى.
2014-02-25
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ قاتتىق قامال ئاستىغا ئالماقچى.
2014-02-25
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ سىرتقا قورال ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى خىتاينى بىئارام قىلدى.
2014-02-25
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 14-فېۋرال ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش خىزمىتىنى باشلىغان.
2014-02-25
ئۇكرائىنا پارلامېنتى بۈگۈن قېچىپ كەتكەن دۆلەت رەئىسى ۋېكتور يانۇكوۋېچنى خەلقئارا سوتتا سوتلاش ھەققىدىكى بىر قارار لايىھىسىنى ماقۇللىدى.
2014-02-25
خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى رەسمىي ئۇقتۇردى.
2014-02-24
2010-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقاندىن بۇيان، قەشقەرنى «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى» دىكى مەبلەغ سېلىش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى، شاڭخەينى قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان شەھەر قىلىپ بېكىتتى.
2014-02-24
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى 5-مارت بېيجىڭدا باشلىنىدۇ. يىغىن ۋاقىتنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.
2014-02-24
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان.
2014-02-24
ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەتسىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر ياش تۇتقۇن قىلىنىپ 6 ئاي تولغان كۈنى دائىرىلەر ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېلوسى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئائىلىسىدىكىلەرگە ئاغزاكى ئۇچۇر بەرگەن.
2014-02-24
ئۇيغۇر ئانا تىلى جىددىي بىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار پارىژ شەھىرىگە يىغىلىپ «خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئانا تىل ھوقۇقى» ناملىق يىغىن چاقىرغان ئىدى.
2014-02-24
خەلقئارا ئانا تىلى بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 2014-يىلى 23-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا 4-نۆۋەتلىك ئانا تىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2014-02-24
خىتاي دېموكراتىك فرونتى تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيەدىكى شۆبىسى ياپونىيەدىكى «ئىلھام توختىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئۇيۇشمىسى» بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىنى ياپونىيەدە كەڭ كۆلەمدە ئاڭلىتىش ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئېلىپ باردى.
2014-02-24
جۈمە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكتور ساراخ سىۋەل خانىمنى تىبەت ئىشلىرىغا مەسئۇل مەخسۇس خادىم قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى.
2014-02-24
شىنخۇانىڭ تۈنۈگۈن يەنى يەكشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ پارىخورلۇققا قارشى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان چېغىدا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشىنى تەنقىد قىلغان.
2014-02-24
رۇسىيە باش مىنىستىرى مېدۋىدېۋ بۈگۈن ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق توپىلاڭنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە «بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىيلىقى گۇمانلىق» دېدى.
2014-02-24
بۇ يىل 1-مارت كۈنى نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان سىياسىي مەھبۇس ھۈسەيىن جېلىلنىڭ 45 ياشقا تولىدىغان خاتىرە كۈنى.
2014-02-24
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىغان پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش تۇرۇش ھەرىكىتى داۋامىدا خىتاينىڭ سابىق دۆلەت ئەربابلىرىدىن جۇ يۈڭكاڭنىڭ يەنە بىر يانتايىقى-لى دۇڭشېڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
2014-02-23
«دۇنيا ئانا - تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 22 - فېۋرال كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولم شەھىرىگە قاراشلىق تېنىستا رايوننىڭ كۈتۈپخانا پائالىيەت زالىدا «ياشلار ئانا - تىل جەمئىيىتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قالايلى» دېگەن ماۋزۇدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
2014-02-23
ياپونىيەلىك مۇسۇلمان ئايال سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنەنىڭ «يېقىلغان خانىش»ناملىق تارىخىي ئەسلىمە كىتابىنىڭ «ئوسمانىڭ ئازابى» دېگەن بۆلىكىدە ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشى ئوسماننىڭ روھى - كەيپىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر قىلغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
2014-02-23
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتلىشىچە، قازاقىستان 2011 - يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ئۈچ يىل ئىچىدە 600 گە يېقىن ئىنتېرنېت تورىنى تاقىۋەتكەن بولۇپ، قازاقىستان تەپتىش دائىرىلىرى، باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە 90 مىڭ تور بېكەت ۋاسىتىلرىى ئۈستىدىن كۆزىتىش ئېلىپ بارغان. ئاساسلىقى تېررورىزم، ئەسەبىيلىك ۋە باشقا قانۇنسىز قىلمىشلارنى تەشۋىق قىلىش كۆزىتىش ئوبيېكتى بولغان.
2014-02-23
ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى ئۇكرائىنىيە سابىق باش مىنىستىرىنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئالقىشلىدى.