ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-07-25
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2014-07-25
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى چېگرادىكى رۇسىيە توپچى قىسىملىرىنىڭ موسكۋاپەرەس قوراللىق بۆلگۈنچىلەرگە قارشى سەپ تۇتۇپ تۇرغان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى توپقا تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-07-24
ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەت سىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق ئۈچەيلەننىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، يەنى 11-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغانلىقى مەلۇم.
2014-07-24
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، يېقىندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىستراتېگىيە ۋە تېررورلۇق تېمىسىدىكى ئىككى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىسمى ھەققىدە مەلۇمات سورىدى.
2014-07-24
شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان قوزغىغان«پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» دولقۇنىدا ھازىرغىچە 30 دىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.
2014-07-24
ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار رامزان مەزگىلدە بىرلىكتە ئىپتار قىلىش، رامزان ئېيىنى تۈرلۈك چەكلىمە ۋە بېسىملار ئاستىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلارغا دۇئا قىلىش شەكلىدە ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن.
2014-07-24
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستان دائىرىلىرى تېررورلۇققا زەربە بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىر قىسىم گۇماندارىنى سوتلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا سۈرىيەدە جەڭ قىلىپ قايتىپ كەلگەنلەرمۇ بار ئىكەن.
2014-07-24
خىتاي ھۆكۈمىتى، شى جىنپىڭ بىلەن شىنزو ئابېنىڭ بۇ يىل 11-ئايدىكى ئۇچرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە تەرەپكە بەزى مەسىلىلەردە شەرت قويغان ۋە بۇ شەرتلەر ھازىرلانغاندىلا ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2014-07-24
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاۋا، تۆمۈر ۋە ئۇزۇن يوللۇق قاتناش تۈگۈنلىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويغان بەلگىلىمىلەر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
2014-07-24
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش خىزمىتىگە يەنە 2 يېرىم مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان.
2014-07-24
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنى بۇزۇش ۋە ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.
2014-07-24
ئۈرۈمچىدىكى قاتناش دائىرىلىرى 23-ئىيۇل كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتوبۇسلاردا بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن خالىسانە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان پۇقرالارنى تىزىمغا ئېلىشقا باشلىغان.
2014-07-24
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان2014-يىللىق «ئىنسان تەرەققىياتى دوكلاتى» دا خىتاي 91-ئورۇنغا تىزىلدى.
2014-07-24
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن بىخەتەر، دەپ كۆرسەتتى.
2014-07-23
17 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇلباسىتنىڭ قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكىنى ئۈچۈن ئەتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 3 ئاي ئۆتكەندە مەرھۇمنىڭ ئانىسى ئامىنەم ئەينى ۋاقىتتىكى كەلپىن خەلقىنىڭ قارشىلىق نامايىشىغا سەۋەب بولغان بىر قىسىم ئامىللارنى ئاشكارا قىلدى.
2014-07-23
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ پۇرچاقچى يېزا ئاياق پۇرچاقچى كەنتىنىڭ سېكرېتارى رەجەپ ئىسلام، مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى تەراۋىھ نامىزى ۋاقتىدا مەسچىتكە ئۈسۈپ كىرىپ قارا تىزىملىكتىكى 6 نەپەر گۇماندارنى يېتەكلەپ ئاچىقىپ مەسچىتنى قورشاۋ ئالغان ساقچى ۋە ئەسكەرلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.
2014-07-23
تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى بۇ يىللىق رامزان مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئۆز خىزمەت بىناسىغا ئېسىپ ئۇيغۇر خەلقنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2014-07-23
شۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەزكۇر دۆلەتتە تۇرۇشلۇق تۈرك كونسۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار تۈرك ۋىزىسى ئېلىشتا يولۇقۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.
2014-07-23
ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھەسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشقا باشلىغان.
2014-07-23
ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا خوجىنىياز ھاجىم رەھبەرلىكىدە قۇمۇل دېھقانلىرىنىڭ مىللىي-ئازادلىق قوزغىلىڭى يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى مەيدانغا كەلگەن ئىدى.
2014-07-23
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ رامزان ئېيىدىكى پەرزلەردىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىغا ئېچىنىپ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
2014-07-23
خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرى چارشەنبە كۈنى تور پائالىيەتچىسى دوڭ رۇبىننى توردا «پىتنە-ئىغۋا» تارقىتىپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش، قانۇنسىز سودا قىلىش، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئوبرازىغا، جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىقلار بىلەن ئەيىب، 6 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
2014-07-23
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنى 10 ئاي ئومۇمى يۈزلۈك پېچەتلەنگەندە 80 % ئۇيغۇر تور بېكىتى ۋەيران قىلىنغان.
2014-07-23
ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ما خەييۈن، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە داۋاملىق يول قويسا، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە باشقا رايونلاردا خىتايغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
2014-07-23
دۈشەنبە كۈنى نامازشام ۋاقتىدا ئۈرۈمچى ئات بەيگە مەيدانى مەھەللىسىدە 4 نەپەر تۇڭگان ۋە قالغىنى ئۇيغۇر 27 كىشى قانۇنسىز توپلانغان، دەپ ئەيىبلىنىپ، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
2014-07-23
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى نەۋىي پىلاي ئىسرائىلىيەنىڭ گازاغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.
2014-07-22
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا كەلپىن ناھىيىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنغا يېپىق سوت ئېچىلىپ، ئۇلارغا 6 ئايدىن 7 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.
2014-07-22
9-ئىيۇل كۈنى ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا يۈز بەرگەن 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەزكۇر يېزىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ شەرت-شارائىت پەرقلىرى ئاشكارىلاندى.
2014-07-22
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالغان 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا كۆمۈر سانائىتى يەرمەنكىسى 22-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئېچىلىشقا باشلىغان. بۇ يەرمەنكىگە خىتاي ۋە چەتئەللەردىن 1019 شىركەت قاتناشقان.
2014-07-22
ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇققا باغلىنىپ قولغا ئېلىنىشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ ئورۇن ئالماقتا.