ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-10-30
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىق چارە - تەدبىرلىرى بارغانسېرى ئەسەبىي، ھەجىۋىي ۋە ھاماقەتچە شەكىللەردە داۋاملاشماقتا. بۇ قاراشنى دەلىللەيدىغان پاكىتلاردىن بىرى بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ ئاقسۇ ئايكۆلگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئاشكارىلاندى.
2015-10-30
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ئۇچۇر مەنبەلىرىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا يەرلىك ئاھالىنىڭ يۈزمىڭلاپ ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتقانلىقى ۋە بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 4% كە چۈشكەنلىكى ئارقا - ئارقىدىن خەۋەر قىلىنماقتا. ھالبۇكى، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئۇچۇر تورلىرىدا كۆزگە چېلىقىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەت ئىزدەش ئېلانلىرىدىكى بەزى بىنورمال مەزمۇنلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
2015-10-30
ئىلھام ئەپەندىنىڭ غەيرەت نىياز قاتارلىق تور يازارلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرى ھەققىدىكى بايانلىرى
2015-10-30
خىتاي دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى ۋۇ شىڭلى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا ئەگەر دەتالاشتىكى دېڭىز رايونلاردا ئېغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلسا ئۇرۇش كەپ چىقىدۇ، دېدى. ئامېرىكا بولسا ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكىتلەش ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرماقتا.
2015-10-30
1933 - يىلى قەشقەردە ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئېلىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى يېقىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدە 12 - نويابىر كۈنىنى «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» ئېلان قىلىش ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلاش پائالىيىتى باشلاندى.
2015-10-30
بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خەشكىلەڭ، ئىلى ۋە جامبۇل ناھىيىلىرى، شۇنداقلا ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق تالغىر، ئەمگەكچى - قازاق، ئۇيغۇر ۋە ياركەنت ناھىيىلىرىدە زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، مائارىپىنى، سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىشتا ۋە ئۇلارنى تەرغىپ قىلىش ۋە يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشتا مەدەنىيەت مەركەزلىرى چوڭ رول ئوينىماقتا.
2015-10-30
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا 9 نەپەر جۇڭگولۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئۆكتىچىسىنى قوبۇل قىلغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار گېرمانىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆرۈشۈش پەيشەنبە كۈنى كەچتە گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان.
2015-10-30
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2015-10-30
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-ئەركىنلىك سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىينىڭ مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغاندا كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلىشىنى تەلەپ قىلدى.
2015-10-30
پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىنى كېچىكتۈرۈشكە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «مەزكۇر قۇرۇلۇش پاكىستاننىڭ كېلەچىكى، مەزكۇر قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈش ھۆكۈمەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى» دېگەن.
2015-10-30
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي قاتارلىق بەزى ئەللەرنى دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە چاقىردى.
2015-10-30
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غەيرىي دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ مەزكۇر رايون ئىقتىسادىدا تۇتقان ئورنىنى كېڭەيتىشكە كىرىشكەن. مەزكۇر پىلان خۇسۇسىي ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ شېرىكچىلىكىدىكى ئىگىلىك شەكلىنى ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىدا يېتەكچى ئورۇنغا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
2015-10-29
ئامېرىكىدىكى توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى 27-ئۆكتەبىر كۈنى، مەزكۇر ئورگان تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان 2015-يىللىق خەلقئارالىق لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپات ساھىبلىرىنى ئېلان قىلدى.
2015-10-29
«مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەڭ بازارلىق كەسىپلەرنىڭ بىرى - سانائەت لايىھىلەش كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردۈم، ئەمما 9 يىلدىن بۇيان خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىدىم!»
2015-10-29
ئىلھام توختى: «مەن ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىلدىم، ئەمما تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرچە تورلار ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئۇيغۇرلارغا ئېغىر يوقىتىش بولدى»
2015-10-29
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92-يىللىقى تۈركىيەدە تەنتەنىلىك ھالدا قۇتلۇقلانماقتا. بۇنىڭدىن 92 يىل بۇرۇن، يەنى 1923-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
2015-10-29
28-ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى تۈركىيە قانال ئا تېلېۋىزىيەسىدە، ياۋروپادا ئېچىلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك كۈرىشى» يىغىنىنىڭ روھى نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئارقىلىق تۈرك خەلقىگە يەتكۈزۈلدى.
2015-10-29
ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ۋىلل سىياسىي ئىقتىساد ژۇرنىلى» نىڭ يېقىنقى سانىدا توئىن يوكوخاما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تىبەتلىك پىما گارپۇرنىڭ «خىتاي دالاي لامانىڭ ئۆلۈمىنى كۈتۈۋاتىدۇ» سەرلەۋىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
2015-10-29
ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى كېرەم كەنجى «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى» ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېرەم كەنجى ئەمىلىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ پارا ئالغان، ئومۇمغا ئائىت يەرلەردىن كىرگەن كىرىمگە مەجبۇرىي ئىگە بولۇۋالغان.
2015-10-29
خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن 35 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بىر پەرزەنت كۆرۈش تۈزۈمىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
2015-10-29
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۇرۇش قىسىملىرىنىڭ گېنېرالى جون رىچاردسون بىلەن خىتاي دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ۋۇ شېڭلى بۈگۈن تېلېكامىرا ئارقىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
2015-10-29
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم «خەلقئارالىق لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. مەزكۇر مۇكاپات مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان.
2015-10-29
تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە دۆلەتلىك شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى نەشرىيات بازىسى قۇرۇلغان.
2015-10-29
يېرىم ئەسىرلىك تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى ئادەتتە ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب تۆرىدىكى مەنىۋى ئورنىنىڭ تۆۋەن ئەمەسلىكى مەزكۇر تىياتىرخانا چېقىلغاندىن كېيىن تولۇق نامايان بولدى.
2015-10-28
3 يىللىق تۈرمە ھاياتى ھەققىدە مۇخبىرىمىزغا مەلۇمات بەرگەن ئەرزدار غوجىمەمەت جاپپار خىتايچە ماتېرىيالنى ئوقۇيالمىغانلىقى ئۈچۈن تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ تەلۋىلەرچە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلدى.
2015-10-28
18-سېنتەبىر كۈنى باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى رادىئومىز ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قاتتىق قامال قىلغان.
2015-10-28
ئاقسۇ ۋە قەشقەردىكى پاختىكارلار كۈنىنى ئېتىزدا ئەمەس، بەلكى مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن كەنتنىڭ تەشكىللىك سىياسىي ئۆگىنىشلىرىدە ياكى ھاشار ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
2015-10-28
ئۇيغۇرچە توربەتلەردىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدىكى «ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى» نىڭ چېقىلغانلىقى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلغان.
2015-10-28
بۈگۈن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان ئەركىنلىك سارىيى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە دائىر يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
2015-10-28
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن 15 ئوقۇغۇچىنى تاللاپ «تۈركىيە-خىتاي ياش دوستلۇق ئەلچىلىرى» نامىدا خىتاينى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئۈچۈن يولغا سالدى.