ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-09-27
خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى يەنى شەنبە كۈنى خوتەن شەھىرىدە «دۆلەت بايرىمى»نى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك «مەدەنىيەت-سەنئەت ئارقىلىق ئىناقلىقنى كۈيلەش» خەتتاتلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
2016-09-27
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 26-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق يۈ فامىلىلىك ئايال خىتايغا تېخنىكا جاسۇسلۇقى قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 21 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
2016-09-27
ئامېرىكىدا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى ھىلارىي كىلىنتون بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپنىڭ 26- سېنتەبىر كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق يۈزمۇ-يۈز مۇنازىرىسىدە ئۆز-ئارا كەسكىن بەس-مۇنازىرە قىلىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2016-09-27
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەسىس قىلغان مەمەت ئېلى تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش رەسمىي باشلاندى.
2016-09-27
يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تور بېتىدە ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، 2016- يىل كىرگەن 9 ئايدىن بۇيان،11مىڭ 459 ئۈندىدار سالونىنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2016-09-27
2-ئۆكتەبىر توكيودا شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ياپون تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلماقچى.
2016-09-27
ئالماتادا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا «بىرلىكى ياراشقان مۇستەقىل ئېلىم بار!» تېمىسىدا تەنتەنىلىك مۇراسىم بولۇپ ئۆتتى.
2016-09-27
24 سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە 1960-1970-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە نامى چىققان ئۇيغۇر پۇتبولچى يۈسۈپ مۇسايېۋقا بېغىشلانغان پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتتى.
2016-09-27
خىتاي بىلەن تاجىكىستان ھۆكۈمەتلىرى تاجىكىستان تەرەپنىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان چېگراسىنى قوغدىشىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈشكە ھازىرلانغان.
2016-09-26
پاسپورتى تارتىۋېلىنغان بۆرتالالىق رابىخان مۇسا ئانا ئىككى ھەپتىدىن بېرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئوغلىنى كۆرۈش ئارزۇسىنىڭ توسقۇنلۇق ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان.
2016-09-26
ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە يېقىنقى كۈنلەردە «تەكلىماكان يىغلىمىسۇن» دېگەندەك تېمىلاردا سىنلىق ۋە سۈرەتلىك ئۇچۇرلار يوللانغان.
2016-09-26
2014 - يىلى 15 - يانۋار چارشەنبە كۈنى «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەلقئارا سەھىپىسىدە ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر بېرىلگەن.
2016-09-26
ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، 2015 - يىلى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ناچارلىشىپ، خىتاي پائالىيەتچى ئادۋۇكاتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2016-09-26
د ئۇ ق 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن دىنىي ئەرباپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇلقادىر ياپچاننى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
2016-09-26
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىن چەتئەلگە چىقىپ پەرزەنتلىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى چەتئەللەردە ئوقۇتۇشقا باشلىدى.
2016-09-26
باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى خىتاينىڭ 1 - ئۆكتەبىردىكى دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قانۇنىي رامكا ھازىرلاۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
2016-09-26
ئىسمائىل غاسپىرالى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى چارىكىدە قىرىم تاتارلىرىدىن باشلانغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارىدۇر.
2016-09-26
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇنجى ئېگىزلىك ئايرۇدرۇمى - تاشقورغان ئايرۇدرۇمىنى قۇرۇش پىلانى تەستىقتىن ئۆتۈپ، كېلەر يىلى 3 - ئايدا ئىش باشلىماقچىكەن.
2016-09-26
بۈگۈن، يەنى 26 - سېنتەبىر ئىستىقلال تورى خەۋەر بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش شىتابى ئىستانبۇلدىكى ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2016-09-26
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئائىت بىر قىسىم سوۋېت ھۆكۈمەت ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى توپلاپ، ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىشقا كىرىشكەن.
2016-09-25
خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى يەكشەنبە كۈنى 40 دانە ھەر خىل تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلان چىقىرىپ، ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدا جەڭ قىلىش ئەمەلىي ئىقتىدارىنى سىناق قىلىش ئېلىپ باردى.
2016-09-25
رۇسىيەنىڭ بىر نەپەر ئالەم تېخنولوگىيىسى ساھەسىدىكى ئالىمى خىتاينى مەخپىي پەن - تېخنىكا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن رۇسىيە سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
2016-09-25
خوتەن ۋىلايىتىدىن زاپىسى زور قوغۇشۇن - سىنىك كانى بايقالغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خوتەندىن بايقالغان مەزكۇر قوغۇشۇن - سىنىك كانىنىڭ زاپىسى 19 مىليون توننا ئەتراپىدا ئىكەن، شۇنداقلا بۇ خىتاي بويىچە ئەڭ زور قوغۇشۇن - سىنىك كانى ھېسابلىنىدىكەن.
2016-09-25
خىتاي بىلەن كۇبا دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 56 يىلدىن بۇيان خىتاي باش مىنىستىرى بىرىنچى قېتىم كۇبانى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كۆپ ساندا كېلىشىم ئىمزالاندى.
2016-09-24
چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ بىر ئاي ئۆتمەيلا گۇمىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىشى ۋە ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ ئۆلۈشى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتكەن.
2016-09-24
يېقىندا باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى يوسېف ستالىننىڭ 1950 - يىلى 4 - ئايدا كورىيە مەسىلىسى بويىچە ماۋ زېدوڭغا ئەۋەتكەن سىفىرلىق مەخپىي تېلېگراممىسىنى ئاشكارا قىلدى.
2016-09-24
ئىگىلىنىشىچە، 3 - نۆۋەتلىك خىتاي - ئىران ئاياللار مۇھاكىمە يىغىنى 22 - سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
2016-09-24
18 - سېنتەبىردىن تاكى بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئورگانلار، ئىدارە - جەمئىيەتلەر، كومىتېتلار، تەشۋىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستېراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئىپادە بىلدۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكتىكەن.
2016-09-23
10 - سېنتەبىر كۈنى گۇما ناھىيىسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسىدا يۈز بەرگەن بومبا پارتىلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلار ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.
2016-09-23
ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي دۆلىتى ئىچىدە تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بىردىن بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى.