ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-04-20
يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.
2016-04-20
18-ئاپرېل كۈنى قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى كۆرنەكلىك جەمئىيەت ئەربابى، «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرغانجان روزاخۇنوفتىن ئايرىلدى.
2016-04-20
17-ئاپرېل، د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى تارماق تەشكىلاتى بولغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى كۇماموتو ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ھال سوراش خېتى يوللىغان.
2016-04-20
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، د ئۇ ق نىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە مۇشۇ ئاينىڭ 25- ۋە 26-كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ مۈشكۈلاتلىرى» نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدىغان خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلىدۇ.
2016-04-20
خىتايدىكى «سىنا تورى» ۋە باشقا خىتايچە تور مەنبەلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تارىم ئويمانلىقىدىن تارىختىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بايقالغان.
2016-04-20
19-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيا شتاتىدىكى ئوكتون تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلار ياساپ چىققان ماشىنا ئادەم مودېلى ۋىرجىنىيا ۋە مارىيلاند شتاتىدىكى تاللاش مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشتى.
2016-04-20
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 20 - ئاپرېل كۈنى باڭكوك ئېراۋان ئىبادەتخانىسى بومبا پارتلاش ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئىككى ئۇيغۇر ھەربىي سوتتا سوتلانغان.
2016-04-20
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۇڭلياۋ شەھىرىدىكى موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ھەققىدە 20-ئاپرېل كۈنى ئەھۋال ئىگىلىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نارازىلىق نامايىشى باشلانغان زارۇد خوشۇنىنى تۈنۈگۈندىن باشلاپ ساقچىلار قامال قىلغان.
2016-04-19
قەشقەر نەزەرباغ يېزىسىنىڭ يوقىرىقى قازرىق كەنتىدىكى يەر دەۋاسى قىلىۋاتقان دېھقانلار ۋەكىللىرىدىن تۇرغۇن مامۇتنىڭ ئۆتكەن يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قازا قىلغانلىقىنى مەلۇم.
2016-04-19
خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نامراتلىق ئەڭ ئېغىر رايون.
2016-04-19
بۇ يىل 4-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 2015-يىللىق قەھرىمانلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان.
2016-04-19
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ يىل ئاپرېلدىن باشلاپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى» نامىدا تۈرلۈك سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2016-04-19
تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.
2016-04-19
ئۇيغۇر رايونىدا دېھقان ۋە چارۋىچىلارنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش دېگەندەك ناملاردىكى قۇرۇلۇشلار داۋاملاشماقتا.
2016-04-19
گېرمانىيە «مېركاتو خىتاي تەتقىقات مەركىزى» تەتقىقاتچىسى مورىتز رۇدولف ئۇيغۇر ئىلىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ تېررور بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق» دېدى.
2016-04-19
19-ئاپىرىلدىكى خەلقئارا خەۋەرلەردە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ جورىلىرى، بالا-چاقىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سودىغا ئارىلىشىنى تىلغا ئېلىشى دىققەت قوزغىغانلىقى توغرىلىق خەۋەر بېرىلىپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلك ئەھۋالى ئاشكارىلانغان «پاناما ھۆججەتلىرى» ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ئالىي رەھبىرى بولغان شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر تېما ھەققىدە توختالغانلىقى تىلغا ئېلىندى.
2016-04-19
رادىئومىزغا ئۈرۈمچىنىڭ قاتناش ئەھۋالى ھەققىدە ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يول قۇرۇلۇشى، شەھەردە قاتناش قىستاڭچىلىقى پەيدا قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن ۋە ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
2016-04-19
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 18-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى بالىلىرى ساختا ۋاكسىنىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان 67 ئائىلە كوللېكتىپ ھالدا بېيجىڭ 1-ئوتتۇرا سوتىغا ئەرز يوللىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەرزى قوبۇل قىلىنىپ دېلو تۇرغۇزۇلغان.
2016-04-19
19-ئاپرېل سەيشەنبە ئەتىگەن ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى پارتلاشتا 30 غا يېقىن ئادەم ئۆلۈپ، 300 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
2016-04-19
خىتاي سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى خۇاڭ يۈنى«دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» ۋە «جاسۇسلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى، دېلوغا چېتىلغان خۇاڭ يۈىڭ ئايالى ۋە قېيىن ئاكىسى قاتارلىقلارنىڭمۇ «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-04-18
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان ئاخباراتى بولغان تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىل 1-مايدىن باشلاپ يېشىل كارتنىڭ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
2016-04-18
ئۆز ئائىلىسىنىڭ يايمىسىنى قوغداش ئۈچۈن، قولىغا تاياق كۆتۈرۈپ، خىتاي بازار باشقۇرغۇچىلىرىغا غەزەپ بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن 3 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسى ھەققىدىكى سىنئالغۇ تورداشلار ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغىغان.
2016-04-18
گېرمانىيەدىن ئەنۋەرجان، فىرانسىيەدىن مارى ھولىزمان ۋە بېلگىيىلدىن مارتېن شۇلتېر قاتارلىق «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» ئەزالىرى بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
2016-04-18
14-ئاپرېل ياپونىيەنىڭ كيۇشۇ رايونى كۇماموتو ئۆلكىسىدە باشلانغان 6.5 بال يەر تەۋرەشنىڭ قالدۇقى بۈگۈنگە قەدەر 6 بالدىن تۆۋەن 3 بالدىن يۇقىرى ھالەتتە داۋام قىلماقتا.
2016-04-18
تۈركىيە ئاماسيا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلار، «ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇيغۇر ناھىيەسىگە كۆچۈپ كېلىشنىڭ 700-يىللىقى ماقالىلەر توپلىمى» ناملىق كىتاب نەشر قىلدۇردى.
2016-04-18
ئىگىلىشىمىزچە، 15-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكىنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى سېئاتۇل شەھىرىگە جايلاشقان ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى» نىڭ 2016- يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان.
2016-04-18
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، جايلاردا ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» بويىچە كەڭ كۆلەمدە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە باشلىغان.
2016-04-18
شىنخۋا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 15-ئاپرېل كۈنىنى «ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بويىچە تەشۋىق-تەربىيە كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.
2016-04-18
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ چاڭجو شەھىرىدىكى خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن بۇلغانغان جايغا سېلىنغان مەكتەپتە ئوقۇيدىغان 500 نەپەر بالا تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان.
2016-04-18
ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان شىۋېتسىيەدىكى چوڭ-كىچىك تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك، شىۋېتسىيەدىكى بىردىن-بىر مۇسۇلمان ھەم تۈرك مىنىستېر مەھمەت قاپلانغا قىلىنغان سىياسىي ھۇجۇملار بەس-بەستە خەۋەر قىلىندى.