ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-06-21
نۇرىمانخان ئانا يالاڭ كەنتىدە دېھقانلارنىڭ ھازىرغىچە ھاشارغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا كەنتتىكى يەتتە مەسچىتنىڭ ئالتىسى تاقىلىپ، پەقەت بىرلا مەسچىتنىڭ ئوچۇقلۇقىنى بايان قىلدى.
2016-06-21
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ رايون باشلىقى يېقىندا بېيجىڭ دائىرىلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ، خوڭكوڭلۇق بەش كىتاب سودىگىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا سوراق قىلىنىشىنىڭ «بىر دۆلەتتە، ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» سىياسىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك تەلەپ قىلغان.
2016-06-21
تۈركىيەنىڭ بەنگۇتۈرك تېلېۋىزىيە قانىلىدا 20-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى كەچتە «ئۇيغۇر ئالىمى ئىلھام توختى ۋە شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.
2016-06-21
گۇاڭجۇ 75 -ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 10 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە نۆۋەتتە گۇاڭجۇ 1 -قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكى تاسادىپىي ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ 10 ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتتى.
2016-06-21
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلى رامزاندا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ 2015-يىلىدىكىدىن پەرقى يوقلۇقىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ قاتتىقلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2016-06-21
17-ئىيۇندا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە ئۇنىڭ ئۇچۇمكارلىرىغا شاھادەتنامە تاپشۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
2016-06-20
بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئېمتىھانى ئاخىرلىشىپ ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە، يەنى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى دائىرىلەر گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇيدىغان 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى مەلۇم.
2016-06-20
ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ چاغراق يېزىسىدىكى 49 ياشلىق ئېلى ياسىننىڭ ئائىلىسىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە دىنىي ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى.
2016-06-20
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۈگۈن رايوندىكى «قوش تىللىق مائارىپ» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» تەربىيەسى ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى، يەسلىلەردىكى «قوش تىللىق تەربىيە» نىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنىڭ 90% كە يېقىنلاشقانلىقىنى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ قاپلاش نىسبىتىنىڭ 70% كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
2016-06-20
16-17-ئىيۇن كۈنلىرى ئىلى ۋادىسىدا ياققان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن غۇلجا، توققۇز تارا، كۈنەس، نىلقا، موڭغۇلكۈرە قاتارلىق ناھىيەلەردە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى ۋە مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەرگەن.
2016-06-20
ئىگىلىنىشىچە، 16-ئىيۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئاقسارايدا تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان.
2016-06-20
گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75-ئوتتۇرا مەكتەپ «شىنجاڭ سىنىپى»نىڭ 133 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 10 نەپىرى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. مەكتەپ ۋە يەرلىك دائىرىلەر قاتتىق مەخپىي تۇتقان ۋەقە يېقىندا تاسادىپىي ئاشكارىلىنىپ قالدى.
2016-06-20
تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «زامان» گېزىتى بىلەن «يېڭى سۆز» گېزىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمى، بولۇپمۇ دىنىي بېسىمى بايان قىلىنغان ئىككى چوڭ ماقالىگە ئورۇن بېرىلگەن.
2016-06-20
«تۈركىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەدە تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى (سىناق) سانى يېقىندا نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
2016-06-20
19-ئىيۇن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى توكيودىكى ئوتسۇكا مەسچىتىنىڭ ئىپتارلىق پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋە ئىپتاردىن كېيىن تەشكىلاتىنىڭ خۇلاسە يىغىنى چاقىرغان.
2016-06-20
ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بويىچە ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە يەرلەشتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.
2016-06-20
پائالىيەت 2016-يىلى18- ئىيۇن كۈنى گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان مەزكۇر جەمئىيەت يېغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلدى.
2016-06-20
كانادا ھۆكۈمىتى جاسۇسلۇق، تېررورلۇق شۇنداقلا دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئەندىشىسى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ كانادادىكى خۇاۋېي شىركىتىدە ئىشلەيدىغان 3 كىشىنىڭ دائىملىق ئىقامەت تەلىپىنى رەت قىلغان.
2016-06-20
رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن 18-ئىيۇن شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت قورۇسىنىڭ مەيدانىدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئۈچۈن ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى.
2016-06-19
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە تارىخى ئۇزۇن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»دا تەكشۈرۈش خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەندە بىر قاتار مەسىلىلەر قاتارىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشقا چاقىردى.
2016-06-19
خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى قاش تېشى سودىسى مەركىزى - شىفوسى بازىرىدىكى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىن قوش تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، مەزكۇر مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىگە ئىشلەتكەن.
2016-06-19
قاھىرە سوت مەھكىمىسى سابىق مىسىر پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىغا دۆلەتنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى پاش قىلىش جىنايىتى ئارتىپ يەنە بىر مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
2016-06-19
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يەكشەنبە كۈنى ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا خىتاي بېلىقچى پاراخوتلىرىغا قارىتا ھۇجۇم قىلىپ پاراكەندىچىلىك قىلىش ۋە ئوق چىقىرىش ۋەقەسى سادىر قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
2016-06-19
خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ لۇفېڭ شەھىرى ۋۇكەن كەنتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لىن زۇليەن 18 - ئىيۇن كۈنى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن پارا ئېلىش قىلمىشى ئارتىلىپ، تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، 19 - ئىيۇن كۈنى 3 مىڭدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى سايلىغان لىن زۇليەننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
2016-06-19
باش شتابى لوندونغا جايلاشقان بىر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەۋەرلەر تورىنىڭ 17 - ئىيۇن كۆرسىتىشىچە، يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلى ھاۋاسىدىكى بۇلغىنىش دەرىجىسى خىتايدىكى ئەڭ بۇلغانغان خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
2016-06-19
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پەيشەنبە كۈنى خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى سۈنئىي توۋەن تۇتۇشنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
2016-06-19
فىلىپپىن خىتاي ئۈستىدىن خەلقئارا سوتقا سۇغان تېررىتورىيە شىكايەتنىڭ نەتىجىسى چىقىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا 4 دانە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە AE - 18 G «گروۋلېر» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە 120 ھەربىي خادىمنى فىلىپپىنغا ئەۋەتكەن.
2016-06-19
پاكىستان ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەتلىرى قىسقا قانلىق توقۇنۇشتىن كېيىن تاقاپ قويۇلغان تورخام چېگرا ئېغىزىنى 18 - ئىيۇن قايتا ئاچتى.
2016-06-18
14 - ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ۋە بىر قىسىم تۈركلەر مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ئەنقەرە جەبەجى مازارلىقىدىكى قەبرە بېشىغا بېرىپ قۇرئان تىلاۋەت ۋە دۇئا قىلدى.
2016-06-17
ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىكى 6 - كەنت دېھقانلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ھاشارغا سېلىنغانلىقى ۋە بۇ ھاشارنىڭ روزى ئىبادىتىدىكى دېھقانلارنى ئېغىر دەرىجىدە چارچىتىۋاتقانلىقى پاش قىلىندى.