ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-11-21
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» لارنى ياساپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2016-11-21
خىتاي تاراتقۇلىرى يېقىندىن بۇيان مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ياش خىتاي كادىرلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا.
2016-11-21
چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇيان رايوندىكى كۈنسېرى جىددىيلىشىپ بېرىۋاتقان مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويغان.
2016-11-21
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى 2016-يىللىق رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
2016-11-21
كانادالىق ئىككى نەپەر ئادۋوكات ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا شىكايەت سۇنۇپ، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش قىلمىشىغا قارشى بىر تەكلىپ لايىھىسىنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغان.
2016-11-21
ب د ت نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مۇنبىرى» يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.
2016-11-21
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى «مەشرەپ مەيدان ئۇسسۇلى» نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتە ئۆتكۈزۈلگەن.
2016-11-20
18-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئاتا تۈرك ئايروپورتىدا 7 نەپەر ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان پۇقراسى نەق 9.5 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى چېگرىدىن ئېلىپ كىرىش جەريانىدا تۇتۇلغان. مەزكۇر كىشىلەر بۇ نەق پۇللارنى تاموژنىغا مەلۇم قىلمىغان ئىكەن.
2016-11-20
ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىغا، بولۇپمۇ تور سەھىپىلىرى قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.
2016-11-20
تۈركىيە پرېزىدەنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند شەھىرىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قايتىش سەپىرىدە قىلغان سۆزىدە تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش ئۈمىدىنى ئىپادە قىلىش بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنى بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلماي كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
2016-11-20
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن پېرۇنىڭ پايتەختى لىمې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى جەريانىدا ئۇچرىشىپ قىسقا ۋاقىت سۆزلەشكەن.
2016-11-20
ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى 1943-يىلى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيوروسىنىڭ 4-ماي كۈنى ئوتكۈزگەن يىغىندا چىقارغان مەخسۇس «شىنجاڭ» مەسىلىسى ھەققىدىكى قارارىنى رۇسچىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى.
2016-11-20
ئىگىلىنىشىچە، سىبېرىيەدىن كىرگەن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى 16-نويابىر كېچىدىن 17-نويابىرغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن.
2016-11-20
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستېرى ۋاڭ يى 13-نويابىر كۈنى ئەنقەرەدە خىتاي-تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستېرلىرى سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشقان.
2016-11-20
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1930-ۋە 1940-يىللىرىدىكى تارىخىي ۋەزىيىتىنىڭ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك تەسىر دائىرىسىدە بولغانلىقى ھەممىگە مەلۇم.
2016-11-20
تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، يېقىندا ئۇكرائىنادىن يولغا چىققان 99 ئائىلىدىكى 529 نەپەر ئاھىستا تۈركلىرى تۈركىيەنىڭ ئەرزىنجان ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلگەن.
2016-11-18
يېقىندا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى مۇخبىرىمىزغا مەكتۇپ يوللاپ، ئاتۇشنىڭ سۇنتاغ يېزا ئازغان كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 79 ياشلىق رەيھاننىسا خانىمنىڭ بېشىغا كەلگەن خاپىلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
2016-11-18
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۈرلۈك سىياسىىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ خەلقئارادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەسىلىلەرگە قىزىققۇچىلارنىڭ كۆپەيمەكتە.
2016-11-18
گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرى بىلەن خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرى «ھەمراھ شەھەر» مۇناسىۋېتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى قۇتلاش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاڭلىتىلغان.
2016-11-18
خىتاي ئېلان قىلغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىلىك پروگراممىسى يەر ئاستى بايلىق زاپاسلىرىغا ئىگە ياۋروئاسىيانىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقچى.
2016-11-18
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
2016-11-18
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى، «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دە خاتالىشىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان خىتاي ئەمەلدارى لى جى 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
2016-11-18
خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى موڭغۇلىيەدىن تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ موڭغۇلىيەنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بۇ يىل 81 ياشلىق بۇ تىبەت لاماسى جۈمە كۈنى كەچتە موڭغۇلىيەگە قاراپ يولغا چىقىشنى پىلانلىغان.
2016-11-18
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ئۇچۇر تېخنىكا شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ تور باشقۇرۇش قانۇنىغا قارشى چىقىشقا چاقىردى.
2016-11-18
خىتاي مۇھىت تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قەشقەر، خوتەن رايونلىرىدا جۈمە كۈنى ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى 500 دىن ئېشىپ كەتكەن.
2016-11-18
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى-ياۋروپا كومىتېتى 16-نويابىر ئۆزىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، خىتاينى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئالغا سۈرۈشكە چاقىرغان.
2016-11-18
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2016-11-17
ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرى داۋامىدا گوللاندىيەگە تەكرار كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 2016-يىلى 16-نويابىر كەچ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى.
2016-11-17
ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخباراتچىلارنى پارتىيىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغان.
2016-11-17
تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2 مىليون 610 مىڭ كىشىنىڭ يىلدا بېرىلىدىغان 2300 سوم ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تايىنىپ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.