ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-01-30
ئامېرىكا شىركىتى پاتېنت ئالغان قوناق ئۇرۇقلىرىنى ئوغرىلاپ خىتايغا ئېلىپ كەتمەكچى بولغان خىتاي ئەر 27 - يانۋاردىكى سوتتا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.
2016-01-30
ئامېرىكىدا زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 31 ئادەم بايقالغان بولسىمۇ، ئامېرىكا سەھىيە خادىملىرى پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكىدا پارتلاش خاراكتېرلىك يامراپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-01-30
28 - يانۋار، ياپونىيە ئۆز ئالدىغا ياسىغان تۇنجى راداردا كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئاشكارىلاپ، دۇنيادا مۇشۇ خىل تېخنىكىغا ئىگە 4 - دۆلەت بولۇپ قالدى.
2016-01-30
بىر خەلقئارالىق كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يېقىندا قىلغان دوكلاتىدا ئافغانىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ دۇنيادىكى چېرىكلىك ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەر ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.
2016-01-29
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تاڭ جىڭلىڭ، ۋاڭ چىڭيىڭ ۋە يۈەن شىنتىڭ قاتارلىق 3 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئۈستىدىن سوت ئاچقان.
2016-01-29
قىرغىزىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى، پېشقەدەم ئۇيغۇر رەسسامى تەلئەت مىررەھىمۇف 2015 - يىلنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئۆزىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزگەن.
2016-01-29
خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان پېتىر داھلىن 26 - يانۋار ئەتىگەندە شىۋېتسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى.
2016-01-29
1941 - يىلى 22 - ئىيۇندا گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش ئاچتى. شۇ كۈنىلا ئەنگلىيە، 24 - ئىيۇندا بولسا، ئا ق ش سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياردەم كۆرسىتىش نىيىتىنى بىلدۈردى.
2016-01-29
بىر خوڭكوڭلۇق مۇتەخەسسىس ماقالىسىدە شى جىنپىڭنىڭ مىخائىل گورباچېفقا ئوخشاش چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق كومپارتىيەنى ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
2016-01-29
خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان پاسپورت ئىشلەشنى ئاسانلاشتۇرۇش مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلىيلەشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولـمىغان.
2016-01-29
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2016-01-29
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان قاغىلىق ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئائىت بىر جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قاغىلىق ناھىيىسىدىكى 29 ياشلىق دورىگەر مەمەتئابلا ئەمەتنىياز ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى قولغا ئېلىنىپ 24 -دېكابىر ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 9 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
2016-01-29
ياۋروپا بىرلىكى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ جىنايەتچى ياكى ئاتالمىش جىنايەتچىلەرنى تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا ئىقرار قىلدۇرۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.
2016-01-29
شىۋېتسىيەلىك رازۋېدچىكلار گۇرۇپپىسى خىتاي مىللىتىدىن بولغان ۋەتەندىشى گۈي مىنخۇانىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا تايلاندقا يېتىپ بارغان. گۈي مىنخۇا ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى غايىب بولۇپ كەتكەن 5 كىتاب سودىگىرىدىن بىرى.
2016-01-29
رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى چىڭخەينىڭ خەيدۇڭ ۋىلايىتى خۇالۇڭ ناھىيەسىدىكى بىر تۈركۈم تىبەت ۋە تۇنگانلار ئۆلكە مەركىزى شىنىڭ شەھىرىگە توپلىنىپ، ئۆز ناھىيىسىنىڭ مائارىپ ۋەزىيىتىدىن شىكايەت قىلغان ۋە دۆلەتتىن مائارىپتا باراۋەرلىك تەلەپ قىلغان.
2016-01-29
سىچۈەننىڭ گەنزى ناھىيىسىنىڭ چوكرى ئىبادەتخانىسىدا توپلانغان 1000دىن ئارتۇق تىبەتلىك بۇددىست، ئامېرىكىدا سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي داھىيسى دالاي لاماغا سالامەتلىك تىلەپ مۇشۇ ئاينىڭ25-ۋە26-كۈنلىرى مەخسۇس دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزگەن.
2016-01-28
خىتاي ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇرچە www.muzikam.com ۋە www.653130.com ناملىق ئىككى تور بەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق مەزمۇندا ئۇچۇر تارقاتتى دەپ قارىلىپ تاقىۋېتىلگەن.
2016-01-28
ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئۇچقۇچى كاپىتان ئەكبەر مەمەتنىڭ خاڭجۇدا ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر ئۇسۇل ئوقۇتقۇچىسى ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۇچرىغان.
2016-01-28
ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا پەيدا قىلغان ئۇنتۇلغۇسىز ئاپەت خاراكتېرلىك زىيىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختالدى.
2016-01-28
خىتاي بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پېتىر داھلىن شىۋېتسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى.
2016-01-28
7-فېۋرال كۈنى توكيودا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدىكەن.
2016-01-28
قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قايتا تىكلەش ۋە يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى.
2016-01-28
ئامېرىكا تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى، ئادمىرال خاررىي خارىس، ئىگىلىك ھوقۇقى ياپونىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ (دياۋيۈ) ئارىلىدا توقۇنۇش پارتلىسا، ئامېرىكا ياپونىيەگە ياردەملىشىپ خىتايغا تاقابىل تۇرىدۇ، دېگەن.
2016-01-28
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى «چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلاردىن 857 كىشىنى قايتۇرۇپ كەلگەن» لىكىنى ئېلان قىلدى.
2016-01-28
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى يېقىندا ئۇيغۇر مۇزىكا تورلىرىدىن ئىككىسىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا زىيانلىق نەرسىلەرنى تارقاتقان، دەپ تاقىغان.
2016-01-28
«پالو ئالتو» ناملىق ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرىنى كۆزىتىدىغان بىر خىتاي تور بۇزارلار گۇرۇھىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2016-01-28
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، لاتىن ئامېرىكىسىدا تارالغان زىكا ۋىرۇسىنىڭ بۇ ئەللەرگە تارقىلىش ۋە يامراپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.
2016-01-27
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان ئەركىنلىك سارىيىنىڭ يىللىق ئەركىنلىك دوكلاتىدا، خىتاي بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا «ئەركىن بولمىغان دۆلەتلەر» قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
2016-01-27
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا، 2015-يىلى خىتايدا ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كەڭ كۆلەملىك بوغۇشقا ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2016-01-27
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپادىكى تۈرك جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى ھەم ھېسداشلىقى كۈچىيىپ بارماقتا.