ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2017-07-21
21-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئەتىگەنلىك ناشتا ۋاقتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 2 كىشى ئۆلگەن، 55 ئادەم يارىلانغان. پارتلاش خاڭجۇ شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بىر رايوندا مەيدانغا كەلگەن.
2017-07-21
يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەسكەرلىرى بۇتاندا بىر-بىرىگە قارشى شىددەت بىلەن خىرىس قىلىپ كەلمەكتە.
2017-07-21
مىسىر ھۆكۈمىتى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن مۇشۇ ئاينىڭ بەشىدىن باشلاپ تۇتقۇن قىلغاندىن بېرى، خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگىلا ئۇچراپ قالماي، يەنە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.
2017-07-21
خىتايدا تاپاۋىتى بىلەن مال-مۈلكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 1.5 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان بايلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىگە كۆچمەن بولۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
2017-07-21
بۇ سەھىپىدە، شۇ ھەپتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋە خەلقئارالىق مۇھىم خەۋەرلەر ئەسلىتىپ ئۆتىلىدۇ.
2017-07-20
خوتەن ۋالىيسى ئېزىز مۇسا خوتەن ناھىيىسىدىكى ئون مىڭلىغان ئاممىنى مەيدانغا يىغىپ، ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەپ قەسەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان.
2017-07-20
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا-خىتاي تەرەپ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىساد سۆھبىتىدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ ھېچقانداق ئورتاق بايانات بەرمەسلىكى دىققەت قوزغىدى.
2017-07-20
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت بولغان نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرىنىڭ قەشقەردىكى زىيارىتىگە ئاساسەن يازغان بىر پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
2017-07-20
ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىن تۇغقان يوقلاش ۋە ئوقۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن قازاقىستانغا چىقىپ-كېلىۋاتقان قازاقلارغا قاراتقان تەقىبنى كۈچەيتكەن.
2017-07-20
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇشما سۋاراج ھىندىستان پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، «ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسىدا خەلقئارا ھىندىستاننىڭ مەيدانىنى ياقىلايدۇ» دېگەن.
2017-07-20
خىتاي مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تارقىتىۋېتىش ياكى ياندۇرۇپ ئەكېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك كۈچىنى تولۇق ئىشقا سېلىۋاتماقتا.
2017-07-20
بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، سۆھبەت خاتىرىسى ئاساسىدا ماقالىلەر ئېلان قىلدى.
2017-07-20
خىتاينىڭ تۇنجى يۈرۈش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئىدى.
2017-07-20
89 ياشلىق نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئەپەندى 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ھايات قالغان شاھىتلىرىنىڭ بىرى.
2017-07-20
تۈركىيە ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ تۈگۈنى، تارىخى يىپەك يولىنىڭ ئۆتىڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىپەك يولىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.
2017-07-19
بۈگۈن خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىندىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكى، بولمىسا جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ماقالىدا ئىسلام دىنى بىلەن خرىستىئان دىنىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن يات دىن ئىكەنلىكى، بۇ دىنلارنىڭ خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
2017-07-19
نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبو ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تەقىب ۋە نازارەتلىرى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى قوللىغۇچىلىرى ئاۋازىنى چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى، ئەمما ئۇنىڭ چەتئەللىك قوللىغۇچىلىرى ھەر خىل شەكىللەردە تەزىيەلىرىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
2017-07-19
ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۈگۈن يەنە 12 نەپەر ئاساسى قاتلام ئەمەلدارىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيەدىن قوغلانغانلىقى ۋە دېلوسىنىڭ ئەدلىيەگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2017-07-19
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇكاڭ تۈنۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا ھىندىستان تەرەپنى دەتالاشتىكى دوكلام رايوندىن چېكىنىشكە يەنە بىر قېتىم چاقىرغان.
2017-07-19
بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوباما دەۋرىدە خىتايدا ئەلچى بولغان جون ھۇنتىسمەن ئەپەندىنى رۇسىيە ئەلچىلىكىگە نامزات كۆرسەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2017-07-19
دۈشەنبە كۈنى مىسىر ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ باش ئىستىخبارات ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2017-07-19
ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات جەمئىيىتى مىسىردا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن مىسىر ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت ئەۋەتتى.
2017-07-19
خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خىتايدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
2017-07-19
ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.
2017-07-19
ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆز ۋاقتىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنى تەييارلىغان ئىدى.
2017-07-19
1944-1949-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسىتىگە ئائىت بىر قىسىم سوۋېت مەخپىي ئارخىپلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.
2017-07-18
«خوتەن گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 5-ئىيۇل كۈنى قاراقاش ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئابلەت سالامەت قاتارلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدارنى «پارىخورلۇق» قىلمىشى تۈپەيلىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
2017-07-18
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ بىلىم يۇرتى بولغان «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مەكتەپ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى مەكتەپ مۇدىرى ۋەلى باراتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىش قەسەمياد يىغىنى» غا قاتناشقان.
2017-07-18
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى «سىنا تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چيۇ يۇەنپىڭ قاتارلىقلار مەخسۇس ئۈرۈمچىگە بېرىپ قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىر بىلەن كۆرۈشكەن، شۇنىڭدەك «خىتاي دۆلەتلىك مۇھاجىرلار ئىشلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىغىنى» نى بىرلىكتە ئېچىش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن.
2017-07-18
«خوڭكوڭ ئەركىن نەشرىياتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2017-يىللىق «يىپەك يولى ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى» نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇسابىقە بۆلىكىدە ئىجرا بولۇۋاتقان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ باشقا ھېچقانداق يول بۆلىكىدە كۆرۈلمىگەن بىر ھادىسە، دەپ كۆرسىتىلگەن.