ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2018-12-31
غۇلجا ناھىيىسىدىكى «جيافاڭ كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرى باغچىسى» ناملىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا لاگېردىكىگە تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2018-12-31
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلارغا قاراتقان تەنقىدىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.
2018-12-28
مەزكۇر ۋەقەنىڭ قاراقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا يېزا چوكانجىلغا كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى، ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا-ئانىسى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەكېتىلگەن ئىككى ياشلىق بىر ئوغۇل ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
2018-12-28
«زىمىستان» تورىنىڭ 45 مۇخبىرى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان» ياكى «چەتئەلنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى سىڭدۈرۈشكە قاتناشقان» دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.
2018-12-28
ئۆمەر قانات ئەپەندى «يەرشارى پوچتىسى» ناملىق تور ژۇرنىلىدا «خىتاي چەتئەللەرنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتامدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلدى.
2018-12-28
«ئۆلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى ئەرزۇرۇمدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى.
2018-12-28
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ياش مۇتەخەسسىس ئۇيغۇرلارنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە كۇرسى» ئاچتى.
2018-12-28
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2018-12-28
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان.
2018-12-28
ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىغا دائىر نۇرغۇن سىن ۋە رەسىملىك دەلىللەرنى تارقىتىپ كېلىۋاتقان «زىمىستان» تورىنىڭ خىتايدىكى 40 تەك مۇخبىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2018-12-28
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 28-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمان دۇنياسىنى بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقتىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قورقۇنچلۇق جازالاش قىلمىشىغا قارىتا سۈكۈتنى بۇزۇشقا چاقىردى.
2018-12-28
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت 28-دېكابىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارانى خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشقا، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.
2018-12-28
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئاتالمىش ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇيغۇر ئائىلە ئاياللىرىغا قاراتقان.
2018-12-27
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشىنى، مىللىي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىنى شۇنداقلا ئىسلامىي كىملىكىنى ساقلىشىنى قاتتىق چەكلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جايلاردا خىتاي مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئورگانلارنى قۇرۇپ، مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2018-12-27
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ خەلقئارا نەشرىدۇر. مەزكۇر گېزىت بۈگۈن باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى پاش قىلغان ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.
2018-12-27
تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىليونلارچە كىشى قامالغان لاگېرلارنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى سۈرۈشتە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر تەكلىپ لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2018-12-27
ھىندونېزىيەدىكى «جۇمھۇرىيەت خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيەدىكى بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتلار بۈگۈن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئورگانلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.
2018-12-27
چىرا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدا بېسىلغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، چىرا ناھىيەسىدە 21-دېكابىر كۈنى، «دېھقان-چارۋىچى ئاممىنى تەربىيەلەش كۇرسى» ئوقۇش باشلىغان.
2018-12-27
مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش جەريانى ۋە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.
2018-12-27
مەزكۇر ئەسەر جەي داۋچېرنىڭ غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتلىق ماكانىدىكى بىرنەچچە يىللىق ئەمەلىي ۋە بىۋاسىتە تۇرمۇش تەجرىبىسى ئاساسىدا يېزىلغان.
2018-12-27
2018-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» تۈزۈمىنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى مىسلىسىز كۈچەيتكەن بىر يىل بولدى.
2018-12-27
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭدەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى غەرب تاراتقۇلىرىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇپ كەلمەكتە.
2018-12-27
ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس بىر گۇرۇپپا قۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان.
2018-12-27
ئىستانبۇلدىكى ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تۈركىيەدە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى.
2018-12-26
ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئاتالمىش «جىنايەتچىلەر» نىڭ خىتاينىڭ خېيلوڭجاڭ قاتارلىق جايلارغا يۆتكەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتى بويىچە 25 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كەتكەنلىكى مەلۇم.
2018-12-26
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدىكى ئايرودرومغا 26-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ «جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى» نىڭ ئايروپىلانى قونۇشى بىلەن رەسمىي قاتناش باشلانغان.
2018-12-26
ئۇيغۇر دىيارىدىن مەيلى چەتئەلگە چىققانلىرى بولسۇن، ياكى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە جان بېقىش ئۈچۈن كەتكەنلىرى بولسۇن، كۆپ قىسمى دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇپ ئەكېتىلگەن ۋە ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» كە ئەۋەتىلگەن.
2018-12-26
بۇ يىل 7-ئايدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ خىتايغا يۇقىرى ئۆسۈملۈك تاموژنا بېجى قويۇشى بىلەن خىتايدىكى نۇرغۇن زاۋۇتلاردا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇشتەك بىر ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
2018-12-26
ئالتايدا بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ھالال-ھارامنى سۈرۈشتە قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.
2018-12-26
تۈركىيە بويىچە 37 ياش تەتقىقاتچى «يۇقىرى دەرىجىدە نەتىجە قازانغان ياش بىلىم ئىگىلىرى» بولۇپ باھالىنىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشتى.