ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-08-27
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە تۇرۇشلۇق دائىمىي ئەلچىلىكى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ۋە د ئۇ ق ئۇستىدىن شىكايەت قىلغان.
2019-08-27
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۆپكە تونۇلغان ئوبزورچى يالقۇن روزى 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن لاگېرلارغا قامالدى.
2019-08-27
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئارقىمۇ-ئارقىدىن بايانات ۋە دوكلاتلار ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ساغلاملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى» نىڭ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا كىرىشكەن.
2019-08-27
قۇربان راخماننىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى ئېنىقراق بىلمەكچى بولغىنىدا ساقچىلار تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلىغان.
2019-08-27
دۇنيا بانكىسى ئۆزلىرىنىڭ 2015-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 5 ئالىي مەكتەپنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا 50 مىليون دوللار قەرز پۇل بەرگەنلىكىنى ئاقلىدى.
2019-08-27
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا تۇغماس قىلىۋېتىشى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» نىڭ بىر مۇھىم تۈرى دەپ قارالغان بۇ ھادىسە ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.
2019-08-27
مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «ۋاسلاۋ خاۋىل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ 2019-يىللىق ئاخىرقى 3 نامزاتىنىڭ بىرى بولغان.
2019-08-27
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىللىق مۇددەتتىكى «دەريا-كۆللەرنى رەتكە سېلىش ھەرىكىتى» باشلىنىدىكەن. خەۋەردە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى دەريا-كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ.
2019-08-27
مۆھلەت ئىچىدە تېگىشلىك رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىمىگەن چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلاشقان پېنسىيونېۋرلارنىڭ مائاشىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
2019-08-27
ئاۋسترالىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات شىركەتلىرىدىن «خۇشكا خەۋەرلىرى» يېقىندا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دوكتور دەررېن بايلېر بىلەن بىر يېرىم سائەتلىك رادىئو سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
2019-08-27
تارىخچى موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدىي» ناملىق ئەسىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇقلانغان نۇسخىسى نەشىر قىلىندى.
2019-08-27
مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋەتەن ۋە مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەت ھەم ۋىجداننى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئىدى.
2019-08-26
خىتاي ھۆكۈمىتى 15 دۆلەتتىن كەلگەن مۇخبىرلار ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان.
2019-08-26
25-ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇلدا مەرھۇم ژۇرنالىست ۋە ئەدىب ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.
2019-08-26
«كومپارتىيەگە قارشى مۇستەقىل پارتىيەلەر قۇرۇلتىيى» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق دىركسېن بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
2019-08-26
روزىھاجى ھەمدۇل ۋە مەمەت ھەمدۇل ئاكا-ئۇكا كارخانىچىلار تۇتقۇن قىلىنىپ، زور مىقداردا مال-بىساتىنىڭ توڭلىتىلغانلىقى مەلۇم.
2019-08-26
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 26-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ «پات ئارىدا» ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم سودا سۆھبىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدۇر.
2019-08-26
تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونىغا جايلاشقان قاھرامانماراش شەھىرى بىلەن خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرى دوست شەھەر بولغان.
2019-08-26
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ھېزىم ئىزباقى 24-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئوكلاخوما شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس مۇسابىقىسىدە رەقىبى ئارمونت سامېرسنى يېڭىپ چېمپىيون بولغان.
2019-08-26
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ۋە مۇئاۋىن سېكرېتارى ئەكبەر غوپۇر يېقىندا خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
2019-08-26
ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا يېتىشكەن ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىكى بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتايدا تېخنىكا شىركىتى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەشكە ياردەملەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2019-08-26
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىڭتۇەننى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدا تېخىمۇ كېڭەيتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
2019-08-26
ئاۋسترالىيەدىكى سىدنېي تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى: خىتايدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى پاش قىلىش» تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى.
2019-08-23
مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى «تىك-توك» تور بېتىدىكى بىر ۋىدىيولۇق ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلاردىن غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىلىك ياش ئوقۇتقۇچى ئارسلاننىڭ ئىككى كۈن ئاۋۋال ۋاپات بولغانلىقى ۋە لاگېردا جان ئۈزگەنلىك ئېھتىماللىقى ئاشكارىلاندى.
2019-08-23
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتار ئەمىرلىكى دۆلىتىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەئۇدى بىن ئابدۇراخمان ئەلتانى بىلەن كۆرۈشۈپ، قاتارنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر سىياسىتىنى قوللاپ قويغان ئىمزاسىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.
2019-08-23
23-ئاۋغۇست كۈنى، گۈلزىرە خانىم رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ غۇلجىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئىككىيلەننى لاگېر ئىچىدە يېپىق سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە يېقىندا ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
2019-08-23
باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، «قاتارنىڭ 37 دۆلەت تىزىملىكىدىن چېكىنىشى يالغۇز لاگېرلار مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى قاتارنىڭ دۆلەت ئوبرازىنى قوغدايدىكەن».
2019-08-23
خىتاي ھۆكۈمىتى 23-ئاۋغۇست كۈنى ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5078 خىل ئامېرىكا مەھسۇلاتىغا باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2019-08-23
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ئورگانلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «شەكىلۋازلىققا ئالاقىدار كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ 20 خىل چارىسى» ناملىق ھۆججىتىنى ئىجرا قىلماقتىكەن.
2019-08-23
مېركاتور ئىنستىتۇتى خىتاي تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى بېنجامىن خائاس ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۇيغۇر رايونىغا مەبلەغ سالغان ياۋروپا شىركەتلىرىنى كونترول قىلىشقا چاقىردى.