ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-09-23
ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ بىر يىلدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە خېجىڭ، يەنى خوتۇنسۇمبۇل ناھىيەسىدىكى بىر لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
2019-09-23
ئۇلار تاشپولات تېيىپقا ئوخشاش قىممەتلىك بىر بىلىم ئادىمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەلىل-ئىسپاتسىز قارىلاشلىرى ئاستىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭگە چاقىرىق قىلدى.
2019-09-23
23-سېنتەبىر ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا 5 يىل بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن بايانات ئېلان قىلىنغان.
2019-09-23
لاگېردىكى زۇلۇم ۋە خورلۇقلارنىڭ مۇقەددىمىسى ئۇنىڭ 3 نەپەر ئەر ساقچى ئالدىدا تۈرمە كىيىمىنى يۆتكەشكە مەجبۇرلىنىشى بىلەن باشلانغان...
2019-09-23
تۈركىيەدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
2019-09-23
دونالد ترامپ سۆزىدە نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە دىنىي ئېتىقاد جامائىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بۇ ساھەدە ئەمەلىي خىزمەت قىلىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
2019-09-23
19-سېنتەبىر كۈنى تاھىر مۇتەللىپ نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» دا قايتىدىن گۇۋاھلىق بېرىپ، ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تېلېفوندا كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقان دادىسى بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ يەنە ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2019-09-21
600 نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا كورلا غەربىي ۋوگزالىدىن مەخسۇس پويىز بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
2019-09-20
قۇززات ئالتاي 18-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، ب د ت نى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تەكشۈرگۈچى مەخسۇس ئەمەلدار تەيىنلەشكە چاقىرغان.
2019-09-20
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەخمۇتجان بارات يېقىندا خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
2019-09-20
رابىيە قادىر خانىم 19-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پىلۇسى خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
2019-09-20
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 42 -نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
2019-09-20
خەۋەردە بانكا ئارقىلىق ئاۋسترالىيەدىكى ئاتا-ئانىسىغا پۇل سالغان ماھىرە ياقۇپ ئىسىملىك 41 ياشلاردىكى غۇلجىلىق بىر ئايالنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىپلەنگەنلىكى، نۆۋەتتە 3 بالىنىڭ ئانىسى بولغان ماھىرە ياقۇپنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىپ، جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2019-09-20
ئاچلىق ۋە ئەندىشىدىن ھالسىرىغان زۇمرەت يەنە بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىنگەن...
2019-09-20
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 42-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلىۋاتقان مەزگىلىدە جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدىكى مەيداندا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
2019-09-20
9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، كانبېررادا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
2019-09-20
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2019-09-19
يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبەبازار بازىرىدىكى چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن 46 كىشىدىن 34 نەپىرىنى كەسكەن ۋە لاگېرغا سولىغان.
2019-09-19
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2019-09-19
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تورىدا ئىلھام توختىنىڭ 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
2019-09-19
2016 يىلى 9-ئايدا گۇمادا يۈز بەرگەن بىر بومبا پارتلاش ۋەقەسىدە پارتلاپ ئۆلگەن، ئەينى چاغدىكى گۇما ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت مامۇت خىتاي بويىچە تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان «دۆلەت شەرىپى» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، «خەلق قەھرىمانى» نامىغا ئېرىشكەن.
2019-09-19
18-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قانچە نۇقتىلىق شەھەرلەردە ئاھالىلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىيە كۆرۈش سىگنال سىستېمىسىنى سىناق قىلىش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلغان.
2019-09-19
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەركەندىكى قەدىمىي تارىخقا ئىگە دوخان پاشا مازارلىقىنى يۆتكەشكە ئائىت ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى بىلەن بۇ ھەقتىكى قۇرۇلۇش پىلانلىرى ئاشكارا بولماقتا.
2019-09-19
1950-يىلى 17-فېۋرال كۈنى ماۋ زېدوڭ ۋە جۇ ئېنلەي بېيجىڭغا قايتىش ئالدىدا ستالىن ئۇلار ئۈچۈن بەرگەن ئۇزىتىش زىياپىتىگە سەيپىدىن ئەزىزمۇ قاتناشتى.
2019-09-19
«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ مۇشتەرىلەر سانىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
2019-09-18
خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خىزمەت بىناسى تېمىغا ئارقىمۇ-ئارقىدىن چۈشۈرۈلگەن فوتو سۈرەتلەر ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغايتتى.
2019-09-18
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەر دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقى، بۇ مەسىلىگە ب د ت ۋە رايون خاراكتېرلىك سەھنىلەردە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2019-09-18
ئامېرىكانىڭ كېلەر ھەپتىدىكى ب د ت باشلىقلار يىغىنىدا بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2019-09-18
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر مۇئاۋىن باشلىقىنىڭمۇ تۇتۇلغانلىقى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ دېلوسىنىڭ بىر-بىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى مەلۇم.