ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-05-31
نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مازار ۋە قەبرىلىرىنى كەڭ كۆلەملىك چېقىش ياكى يۆتكەش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.
2019-05-31
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2019-05-31
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويغان مەسچىتلەرنى چېقىش، قۇببە مۇنارلىرىنى ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش شەكلىنى «شەرق ئۇسلۇبى» غا ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگانلار ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. CNBC
2019-05-31
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنسنىڭ يېقىندا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2019-05-31
ئامېرىكادىكى «بازفېد» ناملىق ئاخبارات ئورگىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكادىكى بەزى ئاتاقلىق ئۇنىۋېرسىتېت، ۋەخپە ۋە پېنسىيە فوندىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشىغا ياردەم بەرگەن خىتاي كارخانىلىرىنى مەبلەغ ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
2019-05-31
«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومى يېقىندا ئۇيغۇرچە، تىبەتچە، موڭغۇلچە، قازاقچە، كورېيەچىدىن ئىبارەت 5 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلغان.
2019-05-30
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى 30-ماي كۈنى بىر خەۋەر تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جەمئىي 500 مىڭدىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ خىزمەت كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
2019-05-30
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلىرىنى تېزرەك جازالاشقا چاقىرغان.
2019-05-30
30-ماي كۈنى، خىتاينىڭ شىنخۇا تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەۋەردىن قارىغاندا ئۇيغۇر رايونلۇق تەبىئىي بايلىقلار نازارىتى ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك كان بايلىقلىرى چىقىدىغان 8 كاننىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى خىتاي مىقياسىدا كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشقا چىقارغان.
2019-05-30
ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى گېنېرال جوسېف دانفورد چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر ئىستراتېگىيە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللىرىنى قوراللاندۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك، دېگەن.
2019-05-30
خىتاي ئامېرىكانى «تىجارەت تېررورلۇقى» قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلىتى ۋە شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەر ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تىجارەت تېررورلۇقى قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكانىڭ قىلغىنى تىپىك ئىقتىسادىي زومىگەرلىك ۋە بىر تەرەپلىمىلىك» دەپ قاقشىغان.
2019-05-30
مەككىدە داۋام قىلىۋاتقان بىر قاتار خەلقئارالىق ئىسلام مۇھاكىمە مۇنبىرى يىغىنلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان جىددىي ۋەزىيەت تىلغا ئېلىنمىغان.
2019-05-30
كانادا برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتى بۇ يىل 30-ئاپرېل كۈنى خۇ ئەنگاڭنى تەكلىپ قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەتكەن.
2019-05-30
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2010-يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىنكى 2-5 يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئاتالمىش نەتىجىلەر مەدھىيەلەنمەكتە.
2019-05-30
200 كىشىلىك ھەقسىز لەغمەن بىلەن غەرب كىشىلىرىگە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش ئاز كۆرۈلىدىغان ئۆزگىچە بىر ئۇسۇلدۇر.
2019-05-30
رۇسىيەدە ھازىر تەخمىنەن 5 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى موسكۋا ۋە باشقا بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەرگە تارقالغان.
2019-05-30
پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ: «خىتاي مۇئاۋىن ئەلچىسى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا مېنى پەقەت قانائەتلەندۈرەلمىدى».
2019-05-30
ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى «قانۇنسىزلىق، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكى دەپسەندە قىلىنغانلىق» دەپ قارار بېرىلدى.
2019-05-29
29-ماي كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس مەخسۇس سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى تېزدىن قويۇۋېتىشكە چاقىرىق قىلدى.
2019-05-29
ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى جىددىي داۋام قىلىۋاتقاندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان «تارىخىي خاراكتېردىكى تەھدىت» دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئالدى.
2019-05-29
باش شتابى بېيجىڭدىكى «كەڭ نەزەر پەن-تېخنىكا شىركىتى» (Megvii) 2011-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ چىراي تونۇش تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ كەلمەكتە.
2019-05-29
ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان «ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا بىر قىسىم قازاقلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەققىدە كۆپلەپ ئۇچۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ بۇ مەسىلە ئىزچىل خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقانىدى.
2019-05-29
ئۇيغۇر دىيارىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان لاگېرلار كۈچلۈك غۇلغۇلىغا سەۋەب بولۇۋاتقاندا خىتاي گوۋۇيۈەنى «كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى (2019-2021-يىلى)» نى بېسىپ تارقاتتى.
2019-05-29
ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننا شەھىرىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان بىر دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.
2019-05-29
«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان.
2019-05-29
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، يۇرتىدا قالغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ئومۇميۈزلۈك بىر ئەھۋالغا ئايلاندى.
2019-05-29
ئۇيغۇر قىزى نىگارە نىزامىدىن ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىش مۇراسىمىدا سۆلىگەن نۇتقىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ۋە ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان.
2019-05-29
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتمەكتە.
2019-05-28
«مالايسىيا يەرلىكلەر ئىتتىپاقى» يەنى قىسقىچە ئاتىلىشى «بەرساتۇ» ناملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ ئومۇمىي كېڭەش ئەزاسى، ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى رائىس ھۇسسىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ۋە مالايسىيا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
2019-05-28
ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن بۇيان تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇكاڭ 27-ماي، دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى ئۈزۈشكە چاقىرغان.