ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-07-31
تۈنۈگۈن شۆھرەت زاكىر بېيجىڭدا قىلغان سۆزىدە ئاتالمىش «تەربىيەلەش» تىكى كىشىلەردىن 90 پىرسەنتىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
2019-07-31
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ 90 پىرسەنتى قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش» نى قانداق زىچ ماسلاشتۇرغانلىقىنى مەدھىيەلىگەن ئىدى.
2019-07-31
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن ھەرىكىتى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.
2019-07-31
30-ئىيۇلدا بېيجىڭدا ئېچىلغان «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش» نامىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن 2022-يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى سەككىز مىڭ كىلومېتىردىن ئاشۇرۇلىدىغانلىقى، ئايرودروم سانىنىڭ 30 غا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2019-07-31
ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلار «ئىككى يۈزلىمىچى» ياكى باشقا نامدىكى بەتناملار بىلەن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى مائاش ۋە تۈرلۈك تەمىنات ۋەدىلىرى بىلەن مىڭلىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇرلار دىيارىغا بېرىپ ئىشلەشكە چاقىرىق قىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاپ كەلگەن ئىدى.
2019-07-31
2014-يىلىدىكى «28-ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقى» ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس قانلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرىدۇر.
2019-07-31
بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلغان «ھالال» بەلگىلىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتى ھازىر بېيجىڭ شەھىرىدە ئىجرا بولۇشقا باشلىغان.
2019-07-31
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2019-07-31
خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا بولماقتا.
2019-07-31
لاگېرلار مەسىلىسى دۇنياغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن مالايسىيا ئۇيغۇرلارغا ھەسسىدارلىق بىلدۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
2019-07-31
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىغا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» ھەمدە «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» دېگەن تېمىلار بويىچە مەخسۇس كۇرس ئېچىلدى.
2019-07-30
خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2019-07-30
ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دەماللىققا توختاپ قالغان سودا سۆھبىتى 30-ئىيۇل كۈنى شاڭخەيدە قايتىدىن باشلاندى. ھازىر گەرچە سۆھبەتنىڭ قانداق نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم بولسىمۇ، بۇ ھەقتە خىتاي ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇردى.
2019-07-30
يېقىندا «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» (UNPO) تەپسىلىي بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىش ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ ئاۋازىنى تۇنجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كەسكىن تەنقىدلىدى.
2019-07-30
نامەلۇم كىشىلەر گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ تاماقخانىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.
2019-07-30
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە نازۇك مەسىلىلەردىن بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپ بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كېلىشكە مەخسۇس بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2019-07-30
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا سانى ئانچە كۆپ بولمىغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ بىرى بىر قىسىم كىشىلەر كەلگۈسىدە تېخىمۇ يۇقىرى مەنسەپ پەشتىقىغا چىقىدۇ دېگەن قاراشتا «سىياسىي چولپان» دەپ ئاتايدىغان ئەنۋەر تۇرسۇن ھېسابلىنىدۇ.
2019-07-30
ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە مەسچىت، قەبرىستانلىقلارنىڭ چېقىپ تاشلىنىشى توغرىسىدا بىر قىسىم ئالىملار «بۇ ھادىسىلەر سېپى ئۆزىدىن قىرغىنچىلىق، ھېچبولمىغاندا بۇلارنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى،
2019-07-30
ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دە يارىلانغان كەنت سېكرېتارى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشى «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ قارىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەكېتىلگەن.
2019-07-30
سۇسان سورنتون باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر سىياسىيون ۋە ئىلىم ئەھلى پرېزىدېنت ترامپ ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى.
2019-07-30
يېقىندىن بۇيان خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلغانلىق ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.
2019-07-30
نۇرسۇلتان شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى سېرىكجان بىلاشئوغلىغا بېرىلگەن مىرزاقاماق جازاسىنى بەش ئايدىن بۇيان 3 قېتىم ئۇزارتقان ئىدى.
2019-07-30
تۈركىيەگە كەلگەن زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرى تۈركىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
2019-07-29
خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق 37 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى داۋراڭ قىلغان ئىدى.
2019-07-29
تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ ئىككى بالىسى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپلىق خەۋەرلەر غۇلغۇلا قىلىنماقتا.
2019-07-29
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى قاتارىدا 2014-يىلى 28-ئىيۇل كۈنى سەھەردە يۈز بەرگەن «ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.
2019-07-29
ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرىس پەيىن خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە خەلقىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە مۇداخىلە قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2019-07-29
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن ۋە شىتۇتگارت شەھەرلىرىدە «يەركەن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
2019-07-29
خوڭكوڭ ۋالىيسىنىڭ خىتايغا «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھەسى» پەيدا قىلغان ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش داۋام قىلماقتا.
2019-07-29
ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى، نوپۇزلۇق ئۇيغۇرشۇناس فرېدىرېك ستار 26-ئىيۇل «ۋول-ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى تىل-يېزىق ۋە ئەنئەنىگە ئىگە تۈركى خەلق ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.