ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-09-30
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 27-سېنتەبىر كۈنى تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي باستۇرۇشى كېڭىيىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىغا ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
2019-09-30
30-سېنتەبىر كۈنى فرانسىيەدە «ۋاسلاۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
2019-09-30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تىزگىنسىز باستۇرۇشى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەقىب قىلىشىغا قارشى ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2019-09-30
خىتايدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقاندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسى نامايىشچىلارنىڭ قورشاۋىدا قالدى.
2019-09-30
خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان پەيتتە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيە پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
2019-09-30
مالايسىيا باش مىنىستىرى مۇھەممەت ماخاتىر خىتاي ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچى بەك كۈچلىك بولغاچقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۇنى تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2019-09-30
ۋاشىنگتوندا 29-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن «ۋاشىنگتون تۈرك فېستىۋالى» بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا بايرام تۈسى قوشتى.
2019-09-30
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 27-سېنتەبىر كۈنى كەچتە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.
2019-09-30
2019-يىللىق «لانتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ لائۇرىيانتى ۋىليام بروۋدېر 27-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ «ماگنېتىسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
2019-09-30
ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنېي ۋە مېلبورىن قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
2019-09-30
ئامېرىكانىڭ «لوس-ئاجېلىس ۋاقتى» گېزىتى28-سېنتەبىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپ توغرىسىدا ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، تاشپولات تېيىپتەك «دۇنياۋى سەۋىيەدىكى بىر تەتقىقاتچى» نىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى خىتاي تەرىپلەپ كېلىۋاتقان «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ كۈلكىلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2019-09-30
مەلۇمكى، مۇشۇ يىلنىڭ 2-سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ جاڭائۆزەن شەھىرىدە ۋە باشقىمۇ شەھەرلەردە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى بولۇپ ئۆتتى.
2019-09-30
مەزكۇر پروگراممىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تەقدىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك جىددىي ۋە ئۆتكۈر تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
2019-09-29
قازاقىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتى 24-سېنتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھەرلىك ئەدلىيە مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەسمىي تىزىمغا ئېلىندى
2019-09-27
مايك پومپېيو 26-سېنتەبىر كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ زۇۋان سۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
2019-09-27
ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا «خىتاينىڭ 70 يىللىق باستۇرۇشقا قارشى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك نامايىشى» ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
2019-09-27
ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارىيا ئارېنا 27-سېنتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تاشپولات تېيىپ، ساتتار ساۋۇت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئالىم ۋە ئەدىبلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.
2019-09-27
ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇۋەققەت ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلىس ۋېللس پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن كەشمىر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
2019-09-27
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى رەئىسى جىم ئىنخوف بىلەن دېموكراتىك ھەيئەت ئەزاسى جەك رېد تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا مەكتۇپ يېزىپ، چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان.
2019-09-27
«تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكى» نىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتىدىن قارىغاندا، تاھىر ھەسەننىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرى ياكى يىل ئوتتۇرىلىرى تۇتۇلغانلىقى مەلۇم.
2019-09-27
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئاق تاشلىق كىتابلىرىدا خىتاينىڭ «بۆلۈنۈشى ۋە پارچىلىنىشى» دىن سۆز ئېچىشى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋال ئىكەن.
2019-09-27
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ نامايىشنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن «تەييارلىق كومىتېتى» قۇرۇپ چىققان بولۇپ، قانچە ئونلىغان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ نامايىش ئۈچۈن بىرقانچە ئايدىن بۇيان تەييارلىق خىزمەتلىرى بىلەن ئالدىراش بولغان.
2019-09-27
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2019-09-27
«مېنىڭ پۇل تېپىپ باي بولۇش ئىستىكىم يوق، ئۆز كەسپىمگە-گۈزەل سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق، خەلقىمگە بولغان مۇھەببەت مېنى ئىجادىيەتكە ئۈندەپ كەلدى»
2019-09-26
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇشتىكى ئاتالمىش «جۇڭگو چۈشى» خەلقئارادا، جۈملىدىن ئامېرىكادا كۈچلۈك ئىنكاسى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2019-09-26
ئۇلار مەزكۇر شىكايەتتە ئۆزلىرىنىڭ تۇتۇلۇشىغا دادىسىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كۆپچىلىكنى دادىسىدىن ئىبرەت ئېلىشقا دەۋەت قىلغان.
2019-09-26
ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي مۇئاۋىن ۋەكىلى جوناسان كوھېن، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
2019-09-26
لوندوندىكى «خىتاي كوللېگىيەسى» ناملىق مۇستەقىل خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئېلىپ كۆچۈرىۋاتقانلىقىنىڭ ئورۇنلۇق بىر گۇماندىن ھالقىغان رېئاللىق ئىكەنلىكى دەلىللىگەن.
2019-09-26
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 25-سېنتەبىر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تۇتقۇندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە شۇنداقلا چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خىتايغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلاشنى توختىتىشقا چاقىردى.
2019-09-26
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.