ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-12-13
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 48 نەپەر جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن مىنۇچىن، سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر رۇسلارغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا كەسكىن ۋە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.
2019-12-13
گېرمانىيەلىك ئاتاقلىق تۈرك پۇتبول چولپىنى، ئىسپانىيە ئارسېنال كوماندىسىنىڭ پۇتبولچىسى مەسئۇد ئۆزىل 13-دېكابىر كۈنى تىۋېتتېردا پىكىر يېزىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
2019-12-13
خىتاينىڭ مەۋجۇت خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى قايتا بېكىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق» پرىنسىپلىرىنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2019-12-13
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 13-دېكابىر جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ ۋاقىتلىق كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى، خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىغان 160 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان ۋاقىتلىق سودا كېلىشىمىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2019-12-13
ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تورى 13-دېكابىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەركىنلىكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2019-12-13
مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى ئۇيغۇر بولۇپ، تۇتۇلغانلار مەزكۇر مەكتەپتىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ 15 پىرسەنتىگە يېتىدىكەن.
2019-12-13
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدا، مەزكۇر قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلىرى تەھلىل قىلىنغاندىن سىرت، تۈرك دۇنياسى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشقا چاقىرىلدى.
2019-12-13
تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا، خىتاي ماللىرىنى ئىستېمال قىلماسلىققا چاقىردى.
2019-12-13
چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ مۇراسىمغا ناھىيەلىك ۋە يېزا ھاكىمىيەت مەسئۇللىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋە ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار، يېزا تۇرغۇنلىرى قاتناشتى.
2019-12-13
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2019-12-13
مەزكۇر پروگراممىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تەقدىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك جىددىي ۋە ئۆتكۈر تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
2019-12-13
48 نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلەر» گە قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى
2019-12-13
2017-يىلدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر سانىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن سوت خادىملىرى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.
2019-12-12
ئۆزىنى كۈلپەتلەر كۈتۈپ تۇرغان ئانىنىڭ ئوغلىغا ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن رۇخسەت بەرگەن ئېگىلمەس-سۇنماس روھى ھەممە كىشىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.
2019-12-12
د ئۇ ق 7-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن 3 چوڭ پائالىيەت نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.
2019-12-12
گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھەم بالۇچىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
2019-12-12
ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەمدە زور كۆلەملىك باستۇرۇش مەسىلىسى خەلقئارانىڭ زور غۇلغۇلىسىغا سەۋەب بولغاندىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ھىندونېزىيە دەرھال ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرغا قامىلىشى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە سوئال قويدى.
2019-12-12
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى بىلەن بىريۇسسېلدىكى ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇر كرىزىسى ۋە لاگېرلار ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
2019-12-12
ئۇيغۇر دىيارىدىكى تورلاشقان نازارەتنىڭ ئاللىقاچان خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ چىققانلىقى كۆپ تەرەپلەردىن مەلۇم بولماقتا. بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇنىڭدا نۇقتىلىق پايلاش نىشانىغا ئايلىنىشى بۇنىڭدا ئەڭ تىپىك ھادىسە ئىكەن.
2019-12-12
بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى بىر قىسىم ئادەم بېدىكلىرى پاكىستاننىڭ نامرات رايونلىرىدا يەرلىك قىز-چوكانلارنى خىتايدىكى «بايلارغا خوتۇن بولۇش» قا قىزىقتۇرماقتا ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئاياللار ئاساسىي جەھەتتىن خىرىستىيان دىنىدىكىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەمدىلا 15-16 ياشقا كىرگەن گۆدەك قىزلار ئىكەن.
2019-12-12
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى راندىي شرايۋېر 12-دېكابىر كۈنى رەسمىي ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ زور دەرىجىدىكى ھەيرانلىقىغا سەۋەب بولدى.
2019-12-12
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قارا چاپلاشتا ئەيىبلىگەن ھەمدە لاگېردىكىلەرنىڭ ئاللىقاچان جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
2019-12-12
قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە خەلقئارا ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.
2019-12-11
«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە ئىككى نەپەر قازاق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
2019-12-11
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسىم ماتېرىيالى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان.
2019-12-11
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرى قاتارىدا چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ بىر سوت ھۆكۈمنامىسىمۇ ئاشكارىلانغان.
2019-12-11
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا ئائىت تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئىچ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش ۋە ئەمەلىيەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا زور رول ئوينىغان كانادا پۇقراسى ئولسى يازىجىنىڭ ئالبانىيەدىكى خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇشى دىققەت قوزغىدى.
2019-12-11
10-دېكابىردىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق» كۈنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوخشىمىغان سورۇنلاردا تىلغا ئېلىندى.
2019-12-11
كانادانىڭ ئىككى نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى كانادا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.