ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر دىيارى 1940-يىللار (4)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2020-10-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكانىڭ 33-مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ھېنرىي ۋاللاسې.
ئامېرىكانىڭ 33-مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ھېنرىي ۋاللاسې.
wikipedia.org

ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان قىزغىنلىقى

1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەشتە دۇنيادىكى قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش خاھىشىدا بولغانلىقى روشەن. غۇلجانى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان ئىنقىلابچىلار باشتىن ئاخىرى ئۆز ئىنقىلابىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش، ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتا سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا تايىنىش يولىنى تۇتقانىدى. لېكىن، 1946-يىلى 6-ئايدا بىتىم ئىمزالانغاندىن كېيىن ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئارىسىدا خەلقئارالىق ياردەمگە ۋە قوللاشقا ئېرىشىشتە دۇنيانىڭ ئۈچ قۇدرەتلىك دۆلىتىنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكاغا ئىنتىلىش خاھىشلىرىمۇ پەيدا بولدى. ئۇلار ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە يۈكسەك سىياسىي ھوقۇقلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە خەلقئارالىق دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىشتە كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ ئىكەنلىكىنى، پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىغىلا تايىنىشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدى. شۇڭا، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىمۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكاغا بولغان ئىنتىلىشى، قىزىقىشى ۋە يۈكسەك ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن. ئەخمەتجان قاسىمى، 1946-يىلى 25-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش مەركىزىدە زىيالىيلارغا سۆزلىگەن نۇتقىدا: «ياۋروپالىقلار ئامېرىكاغا بېرىپ يەرلىك قەبىلىلەرنى قىرىشقا باشلىغان جايدا بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز يەرلىك قەبىلىلەر تەرىپىدىدۇر، كاتىسلار ۋە پىسادونلار قىرىلىپ يوقالغان يەرلىك خەق ئۈچۈن نەقەدەر نەپرەتلىك بولسا، بىز ئۈچۈنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئەمدى شۇ قاتاردا ياۋروپالىقلار، ئامېرىكالىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەشكەن جايلىرىدا بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ئۇلار تەرتىپىدۇر. ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن جەففېرسون، ۋاشىنگتونلار قانچىلىك ھۆرمەتلىك بولسا بىز ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك ھۆرمەتلىكتۇر» دېگەنىدى. ئەخمەتجان قاسىمى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نى يازغان ۋە بۇ دۆلەتنى قۇرغان دەسلەپكى رەھبەرلىرىدىن توماس جېففورسون ۋە جورجى ۋاشىنگونلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن خۇددى ئامېرىكالىقلاردەك ئەڭ يۈكسەك ئورۇندا ئىكەنلىكىنى شەرھىلىگەنىدى.

ئەلۋەتتە، ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۆلەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ گىتلېر ۋە ياپونىيە فاشىزىمنى بەربات قىلىشقا قوشقان تۆھپىسى ۋە ئۇنىڭ دۇنياۋى ھەربىي قۇدرىتى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغىشى تەبىئىي ئىدى. مۇنداق بىر قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانىسى قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلاردا ئامېرىكا قىزىقىشىنىڭ كۈچىيىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىدى.

ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئالدى بىلەن خىتاي گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك سالاھىيەتلەرگە ئېرىشكەن مەسۇد سابىرى بايقوزى، ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانىدى.

مەزكۇر ئۈچ ئەپەندىنىڭ ئامېرىكادىن ياردەم كۈتۈش، ئامېرىكاغا تايىنىش خاھىشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، 1947-يىلىدىن كېيىن جون پاكىستون ئۈرۈمچىدە كونسۇللۇق ۋەزىپە ئۆتىگەن 3 يىلغا يېقىن جەرياندا ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا ئۇيغۇر تىلى تەرجىمانىمۇ بولغان ئىدى. كونسۇلخانە ئىنگلىزچە ئۆگىنىش كۇرسلىرىنى ئاچقان. ھەتتا پاكىستوننىڭ ئۆزىمۇ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە كىرىشكەن بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتتىكى ئاتاقلىق تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئىي ئەينى ۋاقىتتا پاكىستونغا ئۇيغۇرچە دەرسمۇ بەرگەن ۋە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى يەنە ئىنگلىز تىلىدا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش كىتابى ھازىرلىغان، بۇ نۇقتىدىن ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ياخشى چۈشىنىش زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىغانىدى.

قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇللىرى ئۈچ ئەپەندى ھەتتا ئىلى ئىنقىلابىي رەھبەرلىرىدىن ئابدۇكېرىم ئابباسوفلار بىلەنمۇ كۆرۈشكەن ۋە ئۇلاردىن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان.

1947-يىلى 6-ئايدىن كېيىنكى مەسئۇد سەبىرى ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى، كوممۇنىزمغا قارشى، شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ھەل قىلىشتا رۇسلارغا تايانماسلىق ئىدىيىسىگە ئىگە ئۈچ ئەپەندى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدا ئۆز مىللىتىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ھەل قىلىشتا ئامېرىكاغا تايىنىش، ئامېرىكانىڭ ياردەم بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇلىرى كۈچەيگەنىدى. ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىچە، جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى ئۆزى ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەگەردە ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي خەلقلەرنى، يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ھەل قىلىشى، ھېچ بولمىغاندا يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇختارتىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى قوللىسا، خىتاي بۇنىڭغا يول قويۇشى مۇمكىن ئىدى. ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئۈچ ئەپەندى دائىم ئامېرىكا كونسۇلى جون پاكىستون بىلەن ئۇچرىشىپ، ئامېرىكادىن ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلغان.

مەسىلەن، ئەيسا ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ ئۆز ئەسلىمىسى «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» دە قەيت قىلىشىچە، ئۇ دائىم ئامېرىكا كونسۇلى جون پاكىستون بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆھبەت تېمىلىرىدا شەرقىي تۈركىستانىڭ سىياسىي تەقدىرىمۇ بولغان. پاكىستوننىڭ خىتاي تىلىنى ياخشى بىلىش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەيسا ئەپەندىڭ خىتاي تىلىنى ياخشى بىلىش ئالاھىدىلىكى بۇ ئىككى ئەربابنى ئۆزئارا تەرجمانسىز سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەنىدى. ئۇ، ھەر قېتىملىق سۆھبەتتە ئامېرىكانىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ياردەم بېرىشى كېرەكلىكى ۋە باشقا مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرغان.

1949-يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ، جون پاكىستوننىڭ ۋە نەنجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىسىنىڭ ۋاشىنگتونغا يوللىغان مەلۇماتلىرىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئەيسا ئالىپتېكىن، ئوسمان قاتارلىق ئۇيغۇر، قازاق رەھبەرلىرى ۋە تۇڭگان گېنېرال ماچېڭشياڭ قاتارلىقلارنىڭ ئىتتىپاقى شەكىللەنگەنلىكى، بۇ جايدا كومپارتىيەگە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كۈچلەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىمۇ ئەسكەرتىلىپ تۇرۇلغانىدى. خىتاي كومپارتىيە مەنبەلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ھەتتا 1949-يىلى 6-ئايلاردا ئامېرىكانىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى «بۆلگۇنچى كۈچلەر» نى قوللاپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، كومپارتىيەنىڭ بۇ جاينى ئىگىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. گەرچە، ئامېرىكا تەرەپنىڭ مۇنداق بىر پىلانى بولغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار مەلۇم ئەمەس بولسىمۇ، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ كېيىنكى كۆپلىگەن ھۆججەتلىرىدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۈچ ئەپەندىنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىپ، بۇ جايدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرماقچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقان.

ئومۇمەن، ئۇيغۇرلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئامېرىكانىڭ ياردەملىرى ۋە قوللىشىغا تايىنىش خاھىشىنىڭ مەنبەسى 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلانغان بولۇپ، گەرچە 1950-1980-يىللار ئارىسىدا خىتاي ئامېرىكا قارشى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقاتلارنى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلاردىكى ئامېرىكادىن ئىبارەت بۇ دېموكراتىك دۆلەتنىڭ دۇنياۋى ئورنى، دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئوينايدىغان يۈكسەك رولىغا بولغان چۈشەنچىسىنى يوقىتالمىغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت