بىر ئەسىرلىك مەخپىي دوكلات: ئابدۇللا روزىباقىنىڭ بولشېۋىكلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىشى(3)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2020-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
يەتتىسۇ تەۋەسىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشقان سىياسىي ئەربابلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئابدۇللا ئەخمەت ئوغلى روزىباقىيېف.
يەتتىسۇ تەۋەسىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشقان سىياسىي ئەربابلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئابدۇللا ئەخمەت ئوغلى روزىباقىيېف.
RFA

ئۇيغۇرلارنىڭ سانى

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ 1922-يىلى، 11-ئاينىڭ11-كۈنى رۇسىيە كوممۇنىستلار پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سېكرىتارى ستالىنغا يوللىغان «ئۇيغۇر ئارىسىدىكى خىزمەتلەر» ماۋزۇلىق دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى، يەنى ئەينى ۋاقىتتىكى تاشكەنتنى مەركەز قىلغان تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە پەرغانە ۋادىسى، يەتتىسۇ ۋە باشقا جايلاردىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشۇش ئەھۋالىدۇر. 

ئابدۇللا روزىباقىيېف مەزكۇر دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، 1922-يىلى، تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىكى، يەنى پەرغانە ۋادىسى، يەتتىسۇ ۋە باشقا جايلاردىكى قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيەدىن كۆچۈپ چىقىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ سانى 800 مىڭ ئىدى. ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ مەزكۇر سانلىق ئۇچۇرى ناھايىتى قىممەتلىك بولۇپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتىسۇدىكى ھەم باشقا جايلاردىكى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئاھالىلىرىنىڭ ھەقىقىي سانىنى بىلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف ئۆزىنىڭ 1923-يىلى رۇسىيە كومپارتىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسىغا يوللىغان يەنە بىر دوكلاتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا 700 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقىنى قەيت قىلغان. 1924-يىلى، قادىر ھاجى پەرغانە ۋادىسىدا 500 مىڭ ئەتراپىدا قەشقەرلىق ئۇيغۇرلار بارلىقىنى قەيت قىلغان، 1925-يىلى، تاشكەنتتىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈن تۈركىستاندا 600 مىڭ ئۇيگۇر بارلىقىنى، بۇلارنىڭ 300 مىڭىنىڭ ئۆزبېكىستادا، 115 مىڭىنىڭ قازاقىستاندا، 1 5مى مىڭىنىڭ تۈركمەنىستاندا، 70 مىڭىنىڭ قىرغىزىستاندا ئىكەنلىكىنى يازغان. «كەمبەغەللەر ئاۋاز» گېزىتى ماقالىسىدە بولسا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى قوشسا بىر مىليوندىن ئاشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇللا روزىباقىيېف ۋە باشقىلار پەرغانە ۋادىسى ھەم باشقا جايلاردىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئېلىشتا ئۆزلىرى ئىگىلەپلا قالماستىن بەلكى سابىق چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق ئۇچۇرلىرىنىمۇ ئاساس قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى پەرغانە ۋادىسى قەشقەرىيە تەرەپلەردىن 19-ئەسىردىن باشلاپ كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بىرقەدەر جايلار ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ داۋاملىق كەلگەنىدى.

ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ستالىنغا يوللىغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنە شۇ ئۇيغۇرلاردىن 1921-يىلى 6-ئايغىچە 80 نەچچە تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتلارغا 12 مىڭ ئادەم ئەزا بولغان. 1921-يىلى، 6-ئايدىن كېيىن ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىدا 55 ياچېيكا قۇرۇلۇپ 6 مىڭ ئادەم ئەزا بولغان. بىراق، بۇ تەشكىلات تارقىتىۋېتىلىپ، دېھقانلارنىڭ «قوشچىلار ئىتتىپاقى» غا قوشۇۋېتىلگەن. ئەمما، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەزا بولىدىغانلار كۆپىيىپ، يەتتىسۇ ئوبلاستلىق ئۇيغۇر كوممۇنىستلىرى كومىتېتى قۇرۇلغان. بۇ ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشىشى يۇقىرى بولغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ۋەتىنىدە ئىنقىلاب قوزغاپ، خىتاي مىلىتارىستلىرىنى يوقىتىشنى ئۈمىد قىلغانىدى. 

قازاقىستاندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، مەرھۇم رابىك ئىسمايىلوفنىڭ ھايات ۋاقتىدا بايان قىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپى ئەسلىدە پەرغانە ۋادىسى، يەنى ئۆزبېكىستانغا جايلاشقان بولۇپ، 1930-يىللارغىچە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەكتەپلىرى، تىياتىرلىرى بولغان، ئەنجان ئۇلارنىڭ مەركىزى ئىدى. تاشكەنت ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. بىراق 1937-يىلى ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي تۈردە ئۆزبېك دەپ يازدۇرۇلۇغان، نەتىجىدە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزبېكلىشىپ كەتكەنىدى.

ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ستالىنغا يوللىغان دوكلاتىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، «قەشقەرىيەدە كوممۇنىستىك ئىنقىلاب ئۈچۈن بىۋاسىتە تايىنىدىغان ساپالىق پرولېتارىيات مەۋجۇت ئەمەس». ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، «قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيەدىكى ئىنقىلاب ئېلېمېنتلىرىغا خىتاي تەرەپدارلىرى ۋە ئەمەلدارلارغا قارشى ئاشكارا كۈرەش قىلىۋاتقان ياش ئۇيغۇرلار ( قەشقەرلىق، تارانچى، تۇڭگان)نى، ئىلغارلىق تەرەپدارلىرى، يەنى كونا روھانىيلارغا قاشى جەدىد مەكتىپى ئېچىش بايرىقى ئاستىدا، يېڭىچە ئوقۇتۇش مېتودلىرىنى تەرغىپ قىلىۋاتقان، ئىلغارلىق تەرەپدارلىرى-موللىلار يەنى دىنىي ئىسلاھاتچىلارنى كىرگۈزۈش كېرەك» ئىكەن.

ئەمما، سوۋېت رۇسىيەسى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىدە ئىنقىلاب قوزغاش ئارزۇسىنى قوللىمىغان بولۇپ، 1920-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتكەنىدى.

تەپسىلاتىنى يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

تولۇق بەت