ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى - «قەشقەرلىك بەگلەر» ھەققىدە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-03-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۆزلىرىنى بەگلەر دەپ ئاتايدىغان قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى. 2013-يىلى فېۋرال.
ئۆزلىرىنى بەگلەر دەپ ئاتايدىغان قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى. 2013-يىلى فېۋرال.
RFA/Erkin Tarim

2011 - يىلى تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى « ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەپ تارقاتقاندىن كېيىن ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە تۈرك جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

ئارقىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە تۈرك زىيالىيلار بۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە سەنئىتى ھەققىدە تەتقىقات قىلىشقا باشلىدى. بۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىچىدە قەشقەردىن كۆچۈپ بارغان «بەگلەر» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. بىز بۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن «ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رېژىسسورى، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەرال ئۇچماز خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: مەرال ئۇچماز خانىم سىز ھىندىستاندىكى تۈركلەر ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە ئۇلارنىڭ تارىخىنىمۇ ئاڭلىتىپسىز،ئالدى بىلەن ھىندىستاندىكى تۈركلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز.

جاۋاب: تارىخىي ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇغال دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن مەقسەت موڭغۇللار بىلەن تۈركلەرنى پەرقلەندۈرۈش. بۇنىڭ يەنە بىر مەقسىتى بولسا بۇ تۈركىي مىللەتلەرنى تۈركلەردىن پەرقلىق قىلىپ كۆرسىتىش. بۇ ھەقتە يېقىنقى يىللاردىن بېرى بەزى تەتقىقاتلارمۇ بولدى. ھىكمەت بايۇرنىڭ «ھىندىستان تارىخى» ناملىق ئۈچ توملۇق ئەسىرى بار. ئۇندىن باشقا روبېرت كانفېيلد ھىندىستاندىكى تۈركلەرنىڭ پارىسلىشىپ كەتكەن تۈركلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بەزى بىتەرەپ كۆز قاراشتىكى غەربلىك تارىخچىلار بۇلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ. ئەمما ئومۇمىي دۇنيا تارىخىدا بۇلارنىڭ ئىسمى مۇغال دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. شۇڭا مەنمۇ ھىندىستانغا بېرىشتىن بۇرۇن مۇغال دېگەن نام بىلەن بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم. تۈرك دەپ ئىزدىسەك ھېچقانداق بىر ئۇچۇر تېپىلمايدۇ، ئەمما مۇغال دەپ ئىزدىگەن چاغدا ھىندىستاندىكى تۈركلەر ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، «بابۇرنامە» چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان، كېيىن فارسچىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەم بۈگۈنكى تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىندى. «بابۇرنامە» دە ھىندىستاندىكى تۈركلەرنىڭ تۈرك قەۋمىدىن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.

بۇلارنىڭ مۇغال دەپ ئاتىلىشى ئىنگلىز پادىشاھى جامۇس 1 ۋاقتىدىن باشلانغان. جامۇس 1 ھىندىستانغا ئەلچى ئەۋەتىپ بابۇر بىلەن كۆرۈشىدۇ. بابۇر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇغال دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ.

سوئال: مەرال ئۇچماز خانىم سىز ھىندىستاندىكى تۈركلەر رايونىغا بارغاندىن كېيىن قانداق بىر مەنزىرە بىلەن ئۇچراشتىڭىز؟

جاۋاب: ئۇ يەردىكى تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن. بىناكارلىق تولىمۇ تەرەققىي قىلغان ئىكەن. بۇلار تىلىنى يوقىتىپتۇ، ئەمما ئۇ يەردىكى مەنزىرىنىڭ تۈركىستان رايونىدىكى مەنزىرىلەر بىلەن ئاساسەن پەرقى يوق. ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى، بىناكارلىق ئەسەرلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن ھىندىستاندىكى قۇتۇپ مۇنارىنىڭ دەل ئوخشىشى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردىنمۇ تېپىلىدۇ. بۇ ھەم ھىندىستان بىناكارلىق سەنئىتىنى بېيىتىدۇ. بىز ئۇچراتقان كىشىلەر ۋە مەنزىرىلەر بىزنى ھەيران قالدۇردى.

سوئال: ھىندىستاندىكى تۈركلەرنىڭ قايسى تارىخىي دەۋردە قايسى تۈركىي رايونلاردىن چىققانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بارمۇ؟

جاۋاب: ھىكىمەت بايۇرنىڭ، ئەردوغان مەرچىلنىڭ، سالىم جوھچىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتىققاتلىرىغا قارىغاندا ۋە غەربلىكلەرنىڭ مۇغاللار ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ دەسلەپ 5 - ئەسىردە ئاق ھۇنلار ھىندىستانغا كېلىشكە باشلىغان. 1010 - 1187 - يىللىرى غەزنەۋىلەر مەزگىلىدە، ئاندىن دەلھى تۈرك پادىشاھلىقى مەزگىلىدە ۋە بابۇر مەزگىلىدىمۇ تۈركلەر ھىندىستانغا يەرلەشكەن. تاكى ھىندىستان ئىشغالىغىچە تۈركلەرنىڭ ھىندىستانغا كۆچۈشى ئىزچىل داۋاملاشقان. مەسىلەن، كۆلەمەنلەر، خالاچلار، تۇغلۇقلار، بابۇرىيلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يىلتىزى تۈركلەردۇر. بۇ كىشىلەر ھازىرغىچە كۈلتۈرلىرىنى داۋام قىلماقتا. ئىسىملىرى ئارقىلىق ئۆز كىملىكىنى نامايان قىلماقتا. ئەڭ مۇھىمى بۇلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تۈركلۈك ئېڭى بار ئىكەن.

سوئال: مەرال خانىم ئۆزلىرىنى بەگلەر دەيدىغان تۈركىي خەلق ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز. ئۇلار ھەققىدە قانداق مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇڭلار؟

جاۋاب: شۇنداق ئۇ يەردە قەشقەردىن كەلگەن بەگلەر بار ئىكەن. بۇلارنىڭ يۈزى ئاقۇش كېلىدىكەن. شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئوخشايدىكەن. بۇ تۈركىي خەلقلەر قەيەردىن كەلگەن بولسا شۇ ئەسلى كەلگەن يەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قوغداپ قاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزى ياشىغان رايوننىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچراپتۇ.

بەگلەر بىزگە قەشقەردىن كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. بىز ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىملەردە ئۇلارنىمۇ سۆزلەتتۇق، قەشقەردىكى ئادەتلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئادەتلىرىنى ۋە كۈلتۈرلىرىنى بۇ يەردە قانداق داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى، بالىلىرىغا بۇنى قانداق سىڭدۈرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بەگلەر بەك ياخشى ياشاۋېتىپتۇ. زىيالىيلىرى كۆپ ئىكەن. ئوقۇمىغانلارمۇ بار ئىكەن، ئەمما يەنىلا ئوقۇغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن.

سوئال: رەسمىي بولمىغان ئىستاتېستىكىلارغا ئاساسلانغاندا ھىندىستاندا 20 مىليون ئەتراپىدا تۈركىي خەلق بار ئىكەن. سىز ئۇچراتقان تۈركلەرنىڭ ئۆز تىللىرىنى قايتا ئۆگىنىش مايىللىقى بارمىكەن؟

جاۋاب: بولمامدىغان؟! ئۇ يەردىكىلەر ھەتتا بىر پارچە خەت يېزىپ بىزنىڭ ئۇنى باش مىنىستىرغا تاپشۇرۇپ بېرىشىمىزنى ئۆتۈندى. ئۇ خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان:

«بىزمۇ تۈرك، بىزنىڭ ئاۋازىمىزغىمۇ قۇلاق سېلىڭلار. بىز بۇ يەردە ياشاۋاتىمىز، ئەمما تۈركىيە ۋە تۈركىستان رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىزنى تاشلىۋەتتى. كۈلتۈرىمىزنى ساقلاپ قالدۇق. ئەمما تىلىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق. بىز تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ بالىلىرىمىزنىڭ كۈلتۈرلىرىنى داۋام قىلالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز. كۈلتۈر يوق بولسا ھەممە نېمە يوق بولىدۇ. ھەتتا دىنمۇ يوق بولىدۇ.»

تەتقىقاتچى مەرال خانىم ئۇلارنىڭ تۈركىيىگە بولغان مايىللىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۈركىيىدە ئوقۇتقۇسى بار ئىكەن. ئۇلار بىزگە يا ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيىگە بېرىپ تۈركچى ئۆگەنگۈسى بارلىقىنى، يا بولمىسا تۈركىيىنىڭ بۇ يەرگە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىستان بىلەن ھىندىستان، تۈركىيە بىلەن ھىندىستان رايونىنىڭ كۈلتۈر ئالاقىسى ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار ئۆز ئالدىغا تۈركلەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇپتۇ. گېزىتلەرنى چىقىرىپتۇ. رادىيوسىمۇ بار ئىكەن. تولىمۇ ئەپسۇس، تۈركىستان ۋە تۈركىيە رايونىدىكىلەر بۇلاردىن بىخەۋەر.

سوئال: بۇ فىلىم ئىشلەنگەندىن كېيىن ھىندىستاندىكى تۈركلەر بىلەن تۈركىيىدىكى تۈركلەرنىڭ ئالاقە ئورنىتىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟

جاۋاب: چەتئەلدىكى تۈرك ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىدىن يۈزگە يېقىن ھىندىستانلىق تۈركلەرگە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدىغان بولدى. 20سى تۈركىيىگە كېلىپ بولدى. ھازىر تۈركىيىدە تۈركچە ئۆگىنىۋاتىدۇ. دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ ئۇلارنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلىمەكچى، بەزى ئوقۇغۇچىلار كېلىپ بولدى. ئۇندىن قالسا يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىمۇ ئۇ يەردە شۆبە قۇردى. ئۇلار تۈركلەرگە تۈركچە ئۆگىتىدۇ. ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بۇلارغا سەۋەپ بولۇشى ھەقىقەتەن بىزنى سۆيۈندۈردى.

تولۇق بەت