شىنمېن ياسۇشى: ئۇيغۇرلاردىكى مازارلار ۋە بازارلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013-10-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قەشقەر يېڭى بازاردا سودا قىلىۋاتقان كىشىلەر
قەشقەر يېڭى بازاردا سودا قىلىۋاتقان كىشىلەر
Public Domain


ياپونىيە ئاكاشى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئوتتۇرا ئاسىيا» ناملىق ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمىغا ياپونىيىلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى شىنمېن ياسۇشىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بازارلار ۋە مازارلار» ناملىق ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مازارغا تاۋاپ قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بازارلار ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالغان.

ئۇيغۇر تارىخىي كىتابلىرىدا خاتىرىلىنىشىچە ئۇيغۇرلاردا مازارغا تاۋاپ قىلىش ئادىتى ئۇزۇن تارىخىي جەريانغا ئىگە بولۇپ، ھەر يىلى قەشقەردىكى «ئوردام»مازىرىغا يىغىلغان تاۋاپچىلار، ناغرا - سۇناي، ساتتار - تەمبۇر، راۋابلىرى بىلەن يىل بويى ئون ئىككى مۇقامغا نەغمە قىلىپ شادلىق ئىچىگە يوشۇرۇنغان مۇسىبىتىنى ئىزھار قىلىشىدىكەن. جاي - جايلارنىڭ مۇقامچىلىرى، سازەندىلىرى، ناغرا - سۇنايچىلىرى ماھارىتىنى نامايەن قىلىشىدىكەن.

«ئوردام» مازىرىدىكى پائالىيەتچىلەر ئەجدادلار روھىغا ئاتاپ ئەكىلىنگەن نەزىر - سادىغىلىرىنى يوقسۇللارغا بېرىدىكەن ياكى كۆپچىلىك ئوزۇقى ئۈچۈن داش قازانغا سالىدىكەن.ھەر بىر كىشى تۇغ(شەددە) باغلايدىكەن. قەدىمكى يادىكارلىقلارنى تاۋاپ قىلىپ ئەجدادلار روھىغا ئاتاپ قۇران - تىللاۋەت قىلىدىكەن.

ئۇنداقتا ئۇيغۇرلاردىكى «ئوردام» مازىرىنى تاۋاپ پائالىيىتى زادى نېمە سەۋەبتىن ئېلىپ بېرىلغان ؟ بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تارىخىي ماتېرىياللىرىدا خاتىرلىنىشىچە: ئۇيغۇرلار مىلادىيە 998 - يىلىدىن ھازىرغىچە ھەر يىلى مۇھەرەم ئېيىدا، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىگە جايلاشقان «ئوردام»نى تاۋاپ قىلىدىكەن. تاۋاپچىلارنىڭ سانى ھەر يىلى نەچە تۈمەن،بەزىدە ھەتتا يۈزمىڭدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە يۈز ياشلىقتىن ئون ياشقىچە بولغان ئەر - ئايال، قېرى - ياشلارمۇ بارىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ «ئوردام»نى شۇنچە كۆپ ئۇزاق يىللاردىن بېرى تاۋاپ قىلىشىدا مۇنداق سەۋەبلەر بارىكەن: ئەجداتلىرىمىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى شامان (كۆك تەڭرىچىلىك). ئاتەشپەرەسلىك، بۇددا، مانى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان ئىكەن.

قاراخانىلار شاھزادىلىرىدىن بولغان سۇتۇق بۇغراخان، سامانىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇددا دىنىدىن يېنىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن باشلاپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىسلام دىنى ئومۇملىشىشقا باشلىغان ئىكەن. لېكىن خوتەندىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىماي، تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قاراخانىلار تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن مىلادى 974 - يىلىدىن 998 - يىلىغىچە ئۇرۇشقان.ئۇلار ئارىسىدىكى ھالقىلىق قاتتىق جەڭلەرنىڭ بىرى ئەنە شۇ «ئوردام» چۆلىدە بولغان ئىكەن.

بۇ جەڭدە قاراخانىيلارنىڭ خاقانى ئېلى ئارسلانخان شېھىت بولغان ئىكەن. ئۇيغۇر خەلقى ئارسلانخان شېھىت بولغان ۋە ئۇيغۇر سەركەردىلىرىنىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنغان، كوللېكتىپ قەبرىستانلىق «ئوردام» نى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇزۇلدۇرمەي، تاۋاپ قىلىپ روھىغا سېغىنىپ كەلگەن ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى ياماگۇچى ئۇيغۇر مازارلىقىنى تەتتىق قىلىشنىڭ رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- ئۇيغۇر مازارلىقىنى تەتقىق قىلىش يالغۇز ئۇيغۇر قەدىمقى بىناكارلىق سەنىتىنى تەتقىق قىلىش بولۇپ قالماستىن بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى شىنمېن ياسۇشى بولسا ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مازارلار ۋە بازارلارنىڭ رولى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بوستانلىق شەھەرلەر تەڭرى تەغىنىڭ ئېتەكلىرىگە ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتىراپىغا جايلاشقان.

شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان تۇرپان، كۇچار، قاراشەھەر، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق شەھەرلەر بار. بۇ شەھەرلەردە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان.شەھەرلەر بولسا ئىسلامىي ئۇسۇلدا لاھىيلەنگەن بولۇپ مەسچىتلەر شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. قىز - ئاياللار قىزىل گۈللۈك رەختلەردىن كىيىم كىيىشكەن.ئەگەر سىز بۇ شەھەرلەرنىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز، شەھەر ئىچى مازار، بازارلار بىلەن لىق تولغان. ئۇيغۇر جەمىيىتىدە مازار دىننىڭ مەركىزى، بازار بولسا ئىقتىسادنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. مازار مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىدۇر.

شىنجاڭدىكى مازارلار قەدىمقى ۋە ھازىرقى مازارلاردىن تەركىپ تاپقان. قەدىمقى مازارلارنىڭ بەزىلىرىدە مەسچىت بولۇپ، بۇ مەسچىتلەر تولىمۇ كۆركەم سېلىنغان. قەدىمقى مازارلىقلاردا بەزى بىر قەھرىمانلارنىڭ قەبرىسى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم دىنىي رىۋايەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ قەبرىسىمۇ بار. ئۇندىن باشقا كۆپلىگەن نامەلۇم كىشىلەرمۇ دەپنە قىلىنغان. مازارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ زىيارەتگاھى بولۇش بىلەن بىرگە ھەم تاۋاپگاھىدۇر.

ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا بىرلا ئاللاھ بولۇپ، ئاللاھتىن باشقا نەرسىگە ئېتىقاد قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا مازارغا ئېتىقاد قىلىش ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن. مازارلارغا كۆپلىگەن كىشىلەر توپلاشقان بولۇپ، مازار پەقەتلا دىن ئۈچۈن ئەمەس، كىشىلەر ئۆز - ئارا سۆھبەتلىشىش،يىغىلىش سورۇنىغا ئايلانغان.

بازار بولسا سودا - سېتىق مەركىزى بولۇپ، بىر قىسىم بازارلار مۇقىم دۇكانلاردىن تەركىپ تاپقان.بۇ خىلدىكى بازارلار داۋاملىق ئېچىلىدۇ.ھەپتە ئاخىرىدىكى بازارلار بولسا پەقەت ھەپتىدە بىرلا قېتىم ئېچىلىدۇ.بازاردا ھەممە نەرسە سېتىلىدۇ ۋە سېتىۋېلىنىدۇ.يېزا - قىشلاقلاردىكى كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن ئىشتىلىدىغان ھەممە نەرسىنى بازاردىن سېتىۋالىدۇ.بازار بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان نەرسىلىرىنى ساتىدۇ. شۇڭا بازار ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى شىنمېن ماقالىسىدە قەشقەردىكى مازارلار ۋە بازارلار ھەققىدە ئۆزىنىڭ بىر قاتار قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن بىرگە بۇ ھەقتە مۇنداق توختالغان:

قەشقەردە كۆپلىگەن مازارلار ۋە بازارلار بار. ئاپپاق خوجا مازىرى ئەڭ چوڭ مازارلاردىن بىرى ھېساپلىنىدۇ.ئاپپاق خوجا ئائىلىسى ئۆزلىرىنى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتىشىپ قەشقەردىكى ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك دىنىي ھوقۇقلىرىغا تايىنىپ 17 - ئەسىرىدن باشلاپ قەشقەردە ھۆكۈم سۈرگەن.ئۇلارنىڭ مازىرى تارىخىي كىتابلاردا خاتىرلەنگەن بولۇپ،بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەشھۇر مازارلىقتۇر.بۇ مازارلىقنى زىيارەت قىلغۇچىلار كۆپ بولۇپ،نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مازارلىقتىكى قەبرىلەرنى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قەدىمقى بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بۇ مازارنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىدۇ.ئۇندىن باشقا قەشقەر شەھرىگە يېقىن بولغان بۈۋى ئانام مازىرى ئۆزى ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ ئەمما تاۋاپ قىلغۇچىلىرى ناھايىتى كۆپ مازارلىقتۇر.قىزلار بۇ مازارنى تاۋاپ قىلغاندىلا ئاندىن پەرزەنت يۈزى كۆرەلەيدۇ دەپ قارالغاچقا نۇرغۇنلىغان قىزلار بۇ مازارلىقا كېلىپ مازارلىقتىكى ئۈجمە دەرىخى ۋە تاشلارغا تاۋاپ قىلىشىدۇ. ھەر يىلى ئۈجمە دەرىخىنى ۋە تاشلارنى تۇتۇش پەرزەنت كۆرۈش مۇراسىمى قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە قەشقەردىكى بازارلار ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:

قەشقەرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى قەشقەر بازىرىدا بىر قىسىم دۇكانلار مۇقىم ئېچىلىدىغان دۇكانلار بولۇپ،ياز پەسلىدىكى يەكشەنبە، شەنبە كۈنلىرىدە تاۋۇز، قوغۇن ۋە كۆكتات قاتارلىق قەشقەر ئەتىراپىدىكى يېزىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى بۇ دۇكانلاردا سېتىلىدۇ. كۆپلىگەن خېرىدارلار بۇ يەرگە كېلىدۇ. بۇ بازاردا توپ سېتىش ۋە پارچە سېتىش دۇكانلىرىمۇ بولۇپ، يېزا دېھقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بۇ بارزارغا ئەكىرىپ ساتىدۇ.بۇ بازارنىڭ ئۆزىدىلا مۇقىم دۇكانلار مىڭدىن ئاشىدۇ. جۇڭگودىن ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن كەلتۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارمۇ بار بولغان خەلقارالىق سودا مەركىزى بازىرىدۇر. بۇ خىلدىكى بازارلار ئۇيغۇر ئېلىدە 1980 - يىللاردىن كېيىن يولغا قويۇلغان بازارلار ھېسابلىنىدۇ.

ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فرانسىيىنىڭ پارىج شەھىرىدىكى قەدىمقى ئازارى ئەتىقىلەر سودىگىرى ئەخەت ھاجىم قەشقەردىكى ئۇيغۇر بازارلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت