تۈركىيەدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ كەچمىشى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىدىقۇت خەۋىرى
2015-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دوتسېنت ئەردەم ئۇچار ئەپەندى
دوتسېنت ئەردەم ئۇچار ئەپەندى
Photo: RFA


تۈركىيەدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار 1930 - يىللاردا باشلانغان ئىدى. 80 يىلدىن بېرى بۇ تەتقىقات ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، تەتقىقات دائىرىسى كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ساھەسى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلارمۇ كۈندىن كۈنگە كۆپەيدى. يېقىنقى يىللاردا بۇ ساھەدە يېڭى بىر تۈركۈم ياش ئۇيغۇرشۇناسلار يېتىشىپ چىقتى. بۇلارنىڭ بىرى دوتسېنت ئەردەم ئۇچار ئەپەندى بولىدۇ. بىز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ كەچمىشى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشى ھەققىدە ئەردەم ئۇچار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇخبىر : تۈركىيەدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى قانداق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتى؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز:

ئەردەم ئۇچار: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى تۈركىيەدە 1930 - يىللاردا رەشىت رەھمەت ئارات كەلگەندىن كېيىن باشلانغان. رەشىت رەھمەتى ئارات گېرمانىيىدە ئوقۇپ يېتىشكەن ئالىم. كېيىن ئاتاتۈركنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنى باشلاتقان.

مۇخبىر : ئەردەم ئەپەندىم، تۈركىيىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ بۈگۈنكى ئاساسلىق ۋەكىللىرى كىملەر؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلەمسىز؟

ئەردەم ئۇچار: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ ھازىرقى ۋەكىللىرىگە قارايدىغان بولساق، 2 - ۋە 3 - ئەۋلاتتىن ئوسمان فىكرى سەرتقايا، سەما بارۇتچۇ ئۆزۆندەر، جەۋال قايا، مەھمەت ئۆلمەز قاتارلىق ئىسىملار ئېسىمىزگە كېلىدۇ. شىناسى تېكىن، سەمىھ تەزجان قاتارلىق ئالىملارنىمۇ تىلغا ئېلىش كېرەك. بۇ كىشىلەر رەشىت رەھمەتى ئاراتتىن كېيىن يېتىشكەن. بۇ ئۇستازلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر تۈركۈم ياش ئۇيغۇرشۇناسلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۈگۈن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 10’دىن كۆپ ياش ئۇيغۇرشۇناس بار. ئىسىملىرىنى ئاتاشقا توغرا كەلسە، ئەردەم ئۇچار، ئەنگىن چەتىن، سەرقان شەن، خاقان ئايدەمىر، ئۆزلەم ئايازلı، ھاكەر توقيۈرەك، ئۈمىت ئۆزگۈر دەمىركى، زەكىنە ئۆزەر تۇرال، مەغپىرەت كەمال، زەمىرە غۇلجالى، فەرۇھ ئاغجا قاتارلىقلارنى ئېيتىپ ئۆتۈش مۇمكىن.

مۇخبىر: ئەردەم ئەپەندى، تۈركىيەدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ يەنى بۇ ساھە نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك مۇھىم؟

ئەردەم ئۇچار: بۇ تەتقىقاتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى شۇكى، ھازىر بىز قەدىمكى تۈرك تىلى دەپ ئاتاۋاتقان تۈرك تىلى تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ سۆز بايلىقىغا ۋە ماتېرىياللىرىغا ئىگە بولغان دەۋرى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدۇر. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز بايلىقى قەدىمكى زامان تۈرك تىلى سۆز بايلىقىنىڭ يۈزدە 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. مەيلى مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرى بولسۇن، مەيلى قۇتادغۇ بىلىك ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى بولسۇن، بۇلاردىكى سۆز بايلىقى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز بايلىقىغا يەتمەيدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە مانى يېزىقى بىلەن يېزىلغان يازما ماتېرىياللار ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭدىن باشقا بۇ ماتېرىياللارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر بۇددىزم دەۋرىگە ئائىت بولۇپ بۇددىزم دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم.

مۇخبىر : ئەردەم ئەپەندى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە نېمە سىزچە؟

ئەردەم ئۇچار: ھازىر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى قىيىنچىلىقلار ۋە مەسىلىلەردە ئەڭ مۇھىم مەسىلە قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستلارنى چۈشىنىشتە بىزگە ياردىمى بولىدىغان خىتايچە، سوغدىچە، سانسىكرىتچە ۋە تىبەتچىنى بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تۈركىيە بولماسلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرى بۇ تىللارنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر ياكى بولمىسا بۇ تىللارنى بىلىدىغان كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىق قىلىشقا مەجبۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى ئالىملار، ئۇستازلار چەتئەللەردە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەھۋال تۈركىيىدىكى تەتقىقاتلار ئۈچۈن پايدىلىق بولمايۋاتىدۇ. لېكىن ھازىر تۈركىيەدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ساھەسى بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن يېتىشىپ چىقىدىغان تەتقىقاتچىلار بىلەن بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولغۇسى.

مۇخبىر: ئەردەم ئەپەندى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقات نىشانى نېمە؟

ئەردەم ئۇچار: بۈگۈن ئۈچۈن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆزلۈكىنى پۈتتۈرۈشتۇر. ھازىر بۇ سۆزلۈكنىڭ «ئا» ۋە «ئە» ھەرىپى نېمىسچە ۋە تۈركچە قىلىپ بېسىلدى. بىراق باشقا ھەرپلەر تېخى نەشىر قىلىنمىدى. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم نىشان بۇ سۆزلۈكىنى پۈتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ سۆزلۈك پۈتسە، قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم سۆزلۈكىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىمىز.

مۇخبىر: ئەردەم ئەپەندى، ئۆزىڭىزنىڭ تەتقىقاتىدىن بىراز مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟

ئەردەم ئۇچار: مەن دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالەمنى«ئالتۇن يارۇق»نىڭ 5 - كىتابى ھەققىدە تەييارلىغان ئىدىم. دوتسېنتلىق دىسسېرتاسىيەمنى بولسا «ئالتۇن يارۇق»نىڭ 9 - كىتابى ھەققىدە تەييارلىدىم. تەتقىقاتىمدا كۆپرەك تېكست نەشرى ۋە بەزى سۆزلەرنىڭ ئېتىمولوگىيىسى ئۈستىدە توختالدىم. ھازىر «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ قاھىرە نۇسخىسىنى نەشىرگە تەييارلاۋاتىمەن. بۇددىست ئۇيغۇر تېرىم ۋە ئۇقۇملار سۆزلۈكىنى تەييارلاۋاتىمەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەر ئۈستىدە ئېتىمولوگىيەلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن.

مۇخبىر: ئەردەم ئەپەندى، بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقان ياشلاردا نېمىلەرنى تەۋسىيە قىلىسىز؟

ئەردەم ئۇچار: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقان كىشىلەرگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىم مەنبە تىلى بولغان خىتايچىنى، يەنى قەدىمكى خىتايچىنى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز بولسىمۇ سوغدىچە، سانسىكرىتچە ۋە تىبەتچە ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى كېرەك. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ماتېرىياللىرىنىڭ يۈزدە 80 پىرسەنتى نېمىسچە. شۇڭا بۇ ساھەدە ئىشلىمەكچى بولغان ياش تەتقىقاتچىلار نېمىسچىنى ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياپونىيىدىمۇ مۇھىم ئۇيغۇرشۇناسلار بار. شۇڭا، ياپونچىمۇ مۇھىم.

مۇخبىر: ئەردەم ئەپەندىم، بۇلارغا قوشۇپ قويسام دەپ ئويلىغان باشقا بىر نەرسە بارمۇ؟

ئەردەم ئۇچار: ھازىر تۈركىيەدە ۋە چەتئەللەردە ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئالىملار بار. تۈركىيەدە بۇ خىل تەتقىقاتلارنى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ساھەسى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلارنى بىر يەرگە توپلاش ئۈچۈن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ ئىنستىتۇت قۇرۇلسا، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، دىنى، خەلق ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ئۈستىدە بىر تەرەپتىن مۇتەخەسسىسلەرنى يېتىشتۈرگىلى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تەتقىقاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت