1949-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇرلار دىيارى، جۈملىدىن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاينى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھاكىمكىيىتى مەۋجۇت بولغان ئازاد رايوننىڭ سىياسىي مەۋجۇتلۇقى جىددىي خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر توقۇنۇشىغا دۇچ كەلگەنىدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك قۇدرەتلىك دۆلەتلىرى قوللاۋاتقان گومىنداڭ، يەنى خىتاي جۇمھۇرىيىتى ھاكىمىيىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى قوللاۋاتقان كومپارتىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇشلىرىدا گومىنداڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندى. ئەمما، خەلقئارا نۇقتىدىن ئالغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېڭەيمىچىلىكى، كوممۇنىزم لاگېرى نامى ئاستىدا شەرقىي ياۋروپانى ئۆز دائىرىسىگە ئىچىگە كىرگۈزۈپ ياۋروپادا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە بېسىم پەيدا قىلىشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ كۈنسايىن جىددىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانىدى. ئامېرىكامۇ 1947-1948-يىلى پرېزىدېنت ترۇمېننىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ياردەم بېرىش، تۈركىيە ۋە گرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم كۆرسىتىش پىلانلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە بېرلىن كرىزىسىنى پەيدا قىلدى ۋە گېرمانىيە تامامەن ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئىككى دۆلەتكە ئايلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە ئاسىيا رايونىدىكى ئامېرىكانىڭ تەسىر كۈچىگە قارشى ھەرىكەتنى كۈچەيتىپ، گومىنداڭنىڭ مەغلۇبىيىتىنى تېزلىتىدىغان كومپارتىيەنى قوللاشلىرىنى كۈچەيتتى.
1949-يىلى 10-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلىشى ئەنە شۇنداق خەلقئارا مۇناسىۋەت ئارقا كۆرۈنۈشى، جۈملىدىن سوغۇق ئۇرۇش ھەم ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى خىتاي سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. تۈركىيەدىكى ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ، موسكۋا خىتايغا ھەر خىل ياردەملەرنى كۆرسەتتى.
1949-يىلى 2-ئايدا ستالىن سىياسىي بىيۇرو ئەزاسى مىكوياننى خىتايغا ئەۋەتىپ، ماۋ زېدوڭغا كوممۇنىستىك خىتايغا ياردەم بېرىش پروگراممىلىرىنى ئېنىق بىلدۈردى ھەم كېلىشىم ھاسىل قىلدى. شۇ چاغدا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن زېمىن دەۋاسى يوقلۇقى، كومپارتىيەنىڭ بۇ جاينى كونترول قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
1949-يىلى 27-ئىيۇنىدىن 8-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە خىتاي كومپارتىيەسى ۋەكىلى ليۇ شاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ، ستالىن بىلەن كۆپ مەسىلىلەردە، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلىش مەسىلىسىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ئەنە شۇ ۋاقىتتا، يەنى 27-ئىيۇل كۈنى ستالىن-ليۇ شاۋچى سۆھبىتىدە ستالىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئارقىغا سوزماي «تېزدىن شىنجاڭنى ئىشغال قىلىشى» ۋە ما بۇفاڭغا قارشى ئۇرۇش قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى.
ئۇ كومپارتىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى1950-يىللىرى ئىگىلەش پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلىپ، ئۇنى مەزكۇر زېمىننى ئىگىلەشكە ئالدىراتتى ۋە ئۆزىنىڭ ھەر خىل ياردەملەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇنداقتا ئۇنىڭ بۇ خىل ئالدىرىتىشىغا سەۋەب بولغان تۈپ ئامىللار نېمە؟
ستالىن ليۇ شاۋچى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئەگەردە «شىنجاڭنى تېز ئىگىلىمىگەندە ئىنگىلزلارنىڭ بۇ جايغا قول تىقىپ، ھىندىستاندىكىدەك مۇسۇلمان مەسىلىسى پەيدا قىلىدىغانلىقى» نى كۆرسەتكەنىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ليۇ شاۋچىنىڭ موسكۋادىكى ۋاقتىدا خىتاي تەرەپنى يەنە داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇر دىيارىغا تېز يۈرۈش قىلىشقا ئالدىراتقان. 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆزىنىڭ غۇلجاغا ئىلى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ ئەنە شۇ مەسىلىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن دېڭ لىچۈنمۇ ئۆز بايانىدا سوۋېت تەرەپنىڭ مۇنداق ئالدىرىتىشىنى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىلانلىرى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ.
داۋامىنى بۇ ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.