سىن

10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ كامېرى: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى داۋانچىڭدىكى 10 مىڭ كىشىلىك لاگېرنى زىيارەت قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 22-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ يىل ئاپرىل ئېيىدا بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان زىيارەتكە قاتنىشىپ، خىتاي ئۆزى «ئۈرۈمچى 3-نومۇرلۇق تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى» دەپ ئاتايدىغان لاگېرنى كۆرگەن. مۇخبىرنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئۇلار بۇ ئورۇندا زىيارەت قىلغان كامىر بۇ زور قۇرۇلۇشنىڭ پەقەت بىر بۆلىكىدىكى 240 كامېرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ «تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى» خىتاي بويىچە، ھەتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى 220 ئىنگىلىز ئەكىر، يەنى 890 مىڭ 340 كۇۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ۋاتىكان شەھەر دۆلىتىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى مۇخبىرلارغا بۇ ئورۇندا قانچىلىك ئادەم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرمىگەن، بىراق مۇخبىرلار بۇ ئورۇننىڭ ئاز دېگەندە 10 مىڭ ئادەمنى سىغدۇرۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

تولۇق بەت