سىن

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يېڭى دوكلات «يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ھەققىدە يىغىنى ئېچىلدى

2020-03-18

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يېڭى دوكلات «يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ھەققىدە يىغىنى ئېچىلدى مەزكۇر 2020-يىللىق يېڭى دوكلات ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ ئېلان قىلىنغان. ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ باشقا ئەزالىرىدىن جېيمىس مكگوۋېرن، ماركو رۇبىئو، كىرىس سىمىس، جېف مېركلېي، جەنىفىر ۋىكىستون، توماس سوئۇزى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەمدە بۇنىڭ داۋامى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئومۇملىشىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلمىسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل جىنايەتكە شېرىك بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى دېگەنلەر ھەققىدە سۆز قىلدى. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﯨﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ، ﯞﻩ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴلەر ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. يېغىن تەشكىللىگۈچى پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە بولغان كۆچلۈك ئىنكاسى ۋە ئەتراپلىق چۈشەنچىسى ھەم گۇۋاھلىق بەرگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتى شۇنداقلا يېغىننىڭ باش تېمىسى بولغان ئۇيغۇر ئىلىدە يۈرگىزىلىۋاتقان مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسىنى ئەتراپلىق يورىتىپ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا سىياسىتىدە قانچىلىك مۇھىم ئۇزۇن تۇتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رادىئورىمىز ئاڭلارمەنلىرى ۋە تور سەھىپىمىز مۇشتىرلىرى دىققىتىگە ئامېرىكا سىياسىيونلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى ھەم ئۇيغۇر ئاكتىۋىس باشلامچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن كۈچلۈك ئۇتۇقلىرىنى تۇنجى قېتىم تەپسىلىي تەرجىمە قىلىپ تارقاتتۇق.

تولۇق بەت