سىن

شىنجاڭ سېنى ئۆي، يەر، ئىش ئورنى ۋە ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ

2020-03-24

يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كەلگەن خىتاي كۆچملەرنلىرىنىڭ ۋىدېيوسى تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. بۇ خىتايلار ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلگەن ئەۋزەل سىياسەتلەرنى ھە دەپ تەشۋىق قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە زور كۆلەمدە يۆتكىگەن مەزگىلدە، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا تۈركۈملەپ ئولتۇراقلاشتۇرغان. بۇ سېلىشتۇرمىلىقى كۈچلۈك ھادىسە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈرگەن. خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىروسى پۈتكۈل دۇنيادا ۋابا بولۇپ كېڭەيگەن مەزگىلدە، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ تەشكىللىك ھالدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى كەڭ كۆلەملىك يۆتكىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۇرگەن يەنە بىر مەسىلە بولغان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ كىشىلەرنىڭ تۈرمە ياكى فابرىكالارغا يۆتكىلىۋاتقان لاگېر تۇتقۇنلىرى بولۇش مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى.

تولۇق بەت