قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-02-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. 2020-يىلى 5-فېۋرال. ئالمۇتا، قازاقىستان.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. 2020-يىلى 5-فېۋرال. ئالمۇتا، قازاقىستان.
RFA/Arslan

مەلۇمكى، بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسىي مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 1997-يىلى 5-فېۋرالدا غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشلارنى، خاتىرىلەش مۇراسىملىرىنى، كۆرگەزمىلەرنى ۋە باشقىمۇ خىلمۇ-خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىر يەرگە جەم بولۇپ، غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن شېھىتلارغا ئاتاپ نەزىر ئۆتكۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان.

بۇ يىلمۇ 5-فېۋرالدا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «ئارزۇيۇم» رېستورانىغا يىغىلغان ئۇيغۇرلار خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر مۇراسىمنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوف باشلىق قۇرۇلتاينىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ئۇيۇشتۇردى. ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ناھىيەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ، 200 دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى. 

ئەنە شۇ ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ھۈسەنجان ئەيسا ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قۇربان بولغان قان-قېرىنداشلىرىنى ئەسلەش، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىزنىڭ قانچىلىك قىينىلىۋاتقالىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇنى پۈتۈن دۇنيا بىلدى. دۇنيادا بىرىنچى ئورۇنغا ئۇيغۇر مەسىلىسى چىقتى. دولقۇن ئەيسا باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرىكىتىنى توغرا دەپ ئويلايمەن ھەم شۇ يولدا ماڭىمىز. ھازىر بىز بىلەن بىللە ئىشلەۋاتقانلار ئىچىدە ئوتى بار ياشلىرىمىز كۆپ. شۇ ياشلىرىمىزغا رەھمىتىمىزنى ئېيتىمىز.»

مۇراسىمگە رىياسەتچىلىك قىلغان تونۇلغان سەنئەتكار سەيدالىم ئامۇتوف 1997-يىلى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن نامايىشتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى، ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە زۇلۇمنىڭ توختىمىغانلىقىن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بۇ يەرگە ئەنە شۇ جەرياندا قۇربان بولغانلارنى ئەسلەش ئۈچۈن يىغىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئازادلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن تىلشۇناس ئالىمە زەينەپ ئىسلاموۋا «غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە دوكلات قىلدى. 

ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز دوكلاتىدا ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت، شۇ جۈملىدىن ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمى، ۋۇخەن ۋىرۇسى، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ، سىياسەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئوخشاش مەسىلىلەرگە شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇشى يىلى يانۋار ئېيىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

مۇراسىمغا قاتناشقان تاتار-باشقۇرت بىرلەشمىسىنىڭ رەھبىرى ئىلمۇرات ۋافىن، دۇنيا ئەزەربەيجانلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى خاتام رادجابوف بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر ئازابلارنى تارتىۋاتقان قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆز خەلقلىرى نامىدىن ھېسسىداشلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇستەقىللىققا ئېرىشىدىغان كۈنىنىڭ يىراق ئەمەسلىكىگە ئۈمىد قىلدى. 
مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرى خىتاي لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان شاھىت تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئەسلىمىلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەندى. ئىككى قېتىم خىتاي لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن بۇ لاگېرلاردا ئورۇن ئېلىۋاتقان ۋەھشىلىكلەر، قىيناشلار، خورلۇقلار ھەققىدە توختىلىپ، ئەنە شۇ قېرىنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەشنى ھەرگىز توختىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈم غۇلجالىق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ‹5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى› دېگەنلىكى ئۈچۈن يېتىپ كەلدىم. مۇشۇنداق يىغىنلىرىمىزنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن قەھرىمان غوجامبەردىگە رەھمەت. بىزنىڭ ئىنقىلابىمىز بۇ ھەققانىي كۈرەش. بۇ كۈرەشنىڭ غەلىبە قازىنىدىغىنىغا مەن ئىشىنىمەن. ھەر بىرىمىز مىللىتىمىز ئۈچۈن نېمە قولۇمىزدىن كەلسە، شۇنى قىلىشىمىز كېرەك.»

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان زىيالىيلار، سەنئەتكارلار، تىجارەتچىلەر ۋە باشقىمۇ ناتىقلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەقىبلەش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇلار يەنە كۆپ ئەسىرلىك تارىخقا، باي مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كۆرسىتىۋاتقان ھېسسىداشلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت