شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىسىدە 1997-يىلدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» (1)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-02-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن بىر كۆرۈنۈش. 1997-يىلى 5-فېۋرال. غۇلجا.
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن بىر كۆرۈنۈش. 1997-يىلى 5-فېۋرال. غۇلجا.
YouTube

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغان 1949-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىغان نارازىلىق ھەركەتلىرى يۈز بەردى ۋە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى. بۇندىن 23 يىل ئىلگىرى، يەنى 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى غۇلجا شەھىرىدە قانلىق باستۇرۇلغان غۇلجا ياشلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

ھازىرغا قەدەر مەزكۇر نامايىش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت مەنبەلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلەر ۋە شاھىتلار بەرگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 1997-يىلىدىكى 5-فېۋرال نامايىشىغا قاتناشقانلار 1000 دىن 3000 نەپەرگىچە ئىكەن. ھالبۇكى، نامايىش سەۋەپلىك تۇتقۇن قىلىنىپ جازالانغانلار 3000 دىن 5000 غا قەدەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

1997-يىلدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىكى قىرغىنچىلىققا شاھىت بولغانلاردىن نورۋېگىيەدىكى پەرھات ئابدۇللا ئەپەندى، ئابدۇرىشىت ئەپەندى ۋە غۇلجا نامايىشىغا قاتناشقان دانىيەدىكى ئابدۇللا ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

نورۋىگىيەدىكى پەرھات ئابدۇللا ئەپەندى ۋە ئابدۇرىشىت ئەپەندىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، يەنى قىشنىڭ ئەڭ سوغۇق بولۇۋاتقانقان مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىرى مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تىنچلىق بىلەن نارازىلىق نامايىشىنى قۇراللىق ساقچىلار ئارقىلىق قانلىق باستۇرغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنىدىكى قانلىق باستۇرۇشتا خىتاي ساقچىلىرى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىشلىق كىيىملىرىنى سالغۇزۇۋېتىپ، كالتەكلەپ ئۇرۇش، سوغۇق سۇ چېچىش، سوغۇق كامىرلارغا قاماش، ئىتقا تالىتىش، چاپچالدىكى سۇ تۈرمىسىگە قاماش، قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل دەھشەتلىك قىيناش ۋاستىلىرى قوللانغان ئىكەن. تۇتقۇن قىلىش نامايىشتىن كېيىنمۇ بىرنەچچە ئايغا قەدەر داۋاملاشقان.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەرف ئېنىق ساننى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا شۇ كۈنىدىكى نامايىشتا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە ئاي ئىچىدە تەھمىنەن 3000-دىن 5000 غىچە بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. 

1997-يىلى 6-ئايدىن 1998-يىلى 11-غىچە داۋاملاشقان بىرقانچە قېتىملىق سوتتا نامايىشقا قاتناشقانلار ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىدە بولغان دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلارغا ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى قاتارلىق ئېغىر جازالار بېرىلگەن. 

شاھىتلاردىن نورۋېگىيەدىكى پەرھات ئابدۇللا ئەپەندى بىلەن ئابدۇرىشىت ئەپەندىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، غۇلجا تەنتەربىيە مەيدانىدا 1997-يىلى 6-ئايدا تۇنجى قېتىملىق ئوچۇق سوت ئېچىلغان. 

پەرھات ئابدۇللانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سوتتا نامايىش جەريانىدا «ئادەم ئۆلتۈرگەن، تېرورلۇق قىلغان، ئۇرۇش-چېقىشقا قاتناشقان، ئەكسىيەتچى شوئار توۋلىغان» دېگەن باھانىلاردا 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. سوتتا يۈسۈپ تۇرسۇن، غاپپار تەلئەت، نۇسرەت مەرۇپ، ئىبراھىم قاسىم قاتارلىق ياشلارغا ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلىنىپ، شۇ كۈنى ئېتىشقا بۇيرۇلغان. قالغانلارغا مۇددەتسىز ۋە 10 يىلدىن ئارتۇق مۇددەتلىك قاماق جازالىرى ھۆكۈم قىلىنغان. 

شاھىتلاردىن ئابۇرەشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ كۈنى سوت مەيدانى خىتاي قۇراللىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنغان. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ئېلىپ ماڭغان ساقچى ئاپتوموبىللىرى كوچىلاردىن ئۆتكەندە بىر قىسىم ئۇلار بىلەن ۋىدالاشقان. ئەمما ئالدىن ئالا كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بىنالارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇراللىق ساقچىلار ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ۋىدالاشقان ئاھلىلەرگە ئوق چىقارغان. 

ھالبۇكى، غۇلجا ياشلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى تەشكىللىگۈچىلەر دەپ ئېلان قىلىنغانلاردىن ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل چاپچالدىكى سۇ تۈرمىسىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن. نامايىش باشلامچىلىرىدىن ئابدۇمېجىت ئۈستىدىن بىر يىلدىن كېيىن سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

تەپسىلاتىنى يوقىرىق ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت