بوسنىيەدىن قاتارغا قايتۇرۇلغان ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ تەقدىرى خەۋپ ئاستىدا قالغان

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف
2019-08-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بوسنىيەدىن قاتارغا قايتۇرۇلغان ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ پاسپورتى.
بوسنىيەدىن قاتارغا قايتۇرۇلغان ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ پاسپورتى.
Photo: RFA

ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلغان مۇراجىئىتى

بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن ئابلىكىم يۈسۈپ بىخەتەر بىر دۆلەتكە بېرىپ ئورۇنلىشىش ئۈچۈن قاتاردىن بوسنىيەگە ئۇچۇپ بارغان. ئەمما بوسنىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2-ئاۋغۇست كۈنى ئابلىكىمنى ئايروپىلان بىلەن يەنە قاتارغا قايتۇرۇۋەتكەن. ئۇ دوھا خەلقئارالىق ئايرودرومغا يېتىپ كەلگەندە قاتار دائىرىلىرى ئۇنى تۇتۇپ قالغان ۋە ئىككىنچى كۈنى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئابلىكىم دوھا خەلقئارالىق ئايرودرومدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن. خىتاي لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇر كۈلدۈرگە ئارتىسى ئادىل مىجىتنىڭ تۈركىيەدىكى كۈيئوغلى ئارسلان ھىدايەت دەرھال ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ مۇراجىئىتىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان. ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى سەۋەبىدىن ئابلىكىمنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش مەسىلىسى خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان. 

ئابلىكىم يۈسۈپ مەسىلىسىگە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە قاتار ھۆكۈمىتى ئابلىكىم يۈسۈپنى 3-ئاۋغۇست كۈنى خىتايغا قايتۇرمىغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كەننەس روس قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرچە ئابلىكىم يۈسۈپنى خىتايغا قايتۇرمىغانلىقىدىن خوش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە تۋىتتېردا ئابلىكىمنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتارغا بېسىم ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. كەننەسنىڭ ئېيتىشىچە، ئابلىكىمنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە 24 سائەت بار ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىممۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ: «بىز ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە دائىرىلىرىنى بۇ مەسىلە توغرىلىق خەۋەرلەندۈرۈپ، قاتارنىڭ ئابلىكىم يۈسۈپنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىشىنى سورىدۇق. ئىلگىرىكى يىللاردا خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئىز-دېرەكسىز يوقالغان بولسا، يەنە بىر قىسمى مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. قاتارنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئاساسەن ھەرقانداق بىر كىشىنى ھاياتى ۋە ھۆرلۈكى خەۋپكە ئۇچرايدىغان يەنە بىر دۆلەتكە قايتۇرماسلىق مەجبۇرىيىتى بار. مەن قاتارنىڭ ئابلىكىم يۈسۈپنى خىتايغا قايتۇرماستىن، ئۇنىڭ ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە بېرىۋېلىشىغا يول قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن» دېدى.

ئابلىكىم يۈسۈپ خوتەندە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ بىخەتەر بىر دۆلەتكە بېرىپ ياشاش ئۈچۈن قاتاردىن بوسنىيەگە بارغان. بوسنىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇنقى ۋەزىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە بىر قەدەر ئوخشاپ كەتسىمۇ، ئەمما ياۋروپادىكى بۇ مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن ناھايىتى قويۇق دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. قاتار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 41-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىغان ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغان 50 دۆلەتنىڭ بىرىدۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت