كۇچادا ساقچىخانا باشلىقى ھېمىت قارىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلەرگە ھېسسىداشلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-10-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاينىڭ 13-دېۋىزىيەسى «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ ئالدى دەرۋازىسى. 2017-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلى، قۇمۇل.
ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاينىڭ 13-دېۋىزىيەسى «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ ئالدى دەرۋازىسى. 2017-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلى، قۇمۇل.
BITTER WINTER

يېقىندا كۇچالىق مۇھاجىرلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، يۇرتىدىكى ئالاقە تورلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن كۇچا ناھىيە ئۇچا بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ھېمىت قارىنىڭ بىر سورۇندا ئۆز تەۋەلىكىدىن لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېچىنىش تەلەپپۇزىدا تىلغا ئالغانلىقى ئۈچۈن «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» ۋە «جىنايەتچىلەرگە ھېسسىداشلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ كۇچاغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا سابىق ساقچىخانا باشلىقى ھېمىت قارىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى ۋە ئۇنىڭ يېقىندا كۇچادا تارقىتىلغان بىر «ساقچى ئىبرەت فىلىمى» دە كۆرسىتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، كۇچالىق مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرىشىچە، كۇچا ناھىيە ئوچا بازارلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ھېمىت قارى بۇ يىلنىڭ بېشىدا دوستلىرى بىلەن ئولتۇرغان بىر سورۇندا لاگېر قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆز تەۋەلىكىدىن كۆپ ساندا كىشىنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويغانلىقىنى ئېچىنىش تەلەپپۇزىدا تىلغا ئالغان. بۇ گەپنى ئېغىزدىن چىقىرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن كۇچا ناھىيەلىك ج. خ. ئىدارىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان. شۇ چاقىرتىلىشتىن بىر ھەپتە كېيىن ئۇ ۋەزىپىسىدىن توختىتىلغان ۋە تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۈش ئۈچۈن قاماقخانىغا ئەكىتىلگەن. ئىنكاستىن ھېمىت قارىنىڭ مەزكۇر سۆزلىرىنى قايسى ساھەدىكى دوستلىرى بىلەن ئولتۇرغاندا قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئەمما ئىنكاستا ھېمىت قارىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» ۋە «جىنايەتچىلەرگە ھېسسىداشلىق قىلىش» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.


تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقاغا يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى ئوچا ساقچىخانا باشلىقى ھېمىت قارىنى تونۇمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئوچا بازارلىق ساقچىخانىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى سابىق ساقچىخانا باشلىقى ھېمىت قارىنى تونۇيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتە قەيەردە ئىكەنلىكى، تۇتقۇندا ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بەرمىدى. 

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ھېمىت قارىنىڭ بۇ يىل 45 ياشلار چامىسىدا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 2017 ‏-يىلدىن ئىلگىرىكى خىتاينىڭ قاتتىق زەربە دولقۇنلىرىدا ئاكتىپ رول ئالغانلىقى، ئەمما 2017 ‏-يىلدىن كېيىنكى لاگېرلارغا ئادەم توپلاشتا ئىلگىرىكىدەك دەرىجىدە ئاكتىپ بولۇپ كەتمىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇچادىكى يەنە ساقچى خادىمى ھېمىت قارىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى بارلىقىنى بايان قىلدى، ئەمما ئۇنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىن لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ئۇچۇرىنىڭ توغرا-خاتالىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى باشقىلار بىلەن خالىغانچە ئورتاقلاىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. خادىملار يەنە ساقچى باشلىقى ھېمىت قارىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ئوچا بازىرىدىن لاگېردا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېنىق ھالدا قانچە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغىمۇ يۇقىرىنىڭ تەستىقىسىز جاۋاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى كۇچادا قانۇن ساھەسىدىكىلەرگە ئىچكى يىغىن ئېچىپ، ھېمىت قارىنىڭ خاتالاشقانلىقى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئومۇمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. 

ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇچا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە «ساقچى ئىبرەت فىلملىرى» نى كۆرۈۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش جەريانىدا «ئىبرەت فىلىمى» دە ئاتالمىش جىنايىتى ياكى خاتالىقى تونۇشتۇرۇلغان كىشىلەر ئارىسىدا ئوچا بازارلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ھېمىت قارىنىڭمۇ بارلىقىنى دەلىللىدى. بۇ خادىم ھېمىت قارىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىن لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپلىكىگە ئېچىنغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا نەق جاۋاپ بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاتالمىش جىنايەتچىلەرگە ھېسسىداشلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت