سېناتور مارشا بلاكبۇرن NBA نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇملارغا كۆز يۇمۇپ ئەخلاقىي جەھەتتىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-08-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى سېناتور مارشا بلاكبۇرن
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى سېناتور مارشا بلاكبۇرن
c-span.org

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى سېناتور مارشا بلاكبۇرن «ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» دە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى-NBA نى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇملارغا كۆز يۇمۇپ ئەخلاقىي جەھەتتىن مەغلۇپ بولدى، دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىدا ئىجتىمائىي ئادالەت بايرىقىنى كۆتۈرۈشكە ئالدىرايدىغان NBA ئۇيغۇر ئېلدىكى مەشىق بازىلىرىدا يۈز بەرگەن دەپسەندىچىلىك ۋە خورلاشلارغا كۆز يۇمغان.

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ESPN دە بېرىلگەن بىر پارچە خەۋەردە، ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى قاتارلىق جايلىرىدا ئاچقان مەشىق بازىلىرىدا تەربىيىلىنىۋاتقان ياش توپچىلارنىڭ خارلىنىدىغانلىقى، خىتاي مەشقاۋۇللارنىڭ ئوقۇغۇچى توپچىلارنى ئۇرىدىغانلىقى، ئۇلارغا نورمال مائارىپ تەربىيەسى بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. 

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەشىق بازىلىرىدا ئىشلەيدىغان ئامېرىكىلىق مەشقاۋۇللار يەرلىك خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەقىبلىرىگە ئۇچرىغاندىن سىرت، ئۆي ئىجارە ئېلىشتىمۇ قىيىنچىلىققا يولۇققان ئىكەن. 

سېناتور مارشا بلاكبۇرن ئوبزورىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «NBAنىڭ شىنجاڭدىكى پوزىتسىيەسى، خىتاي كومپارتىيەسىگە باھاسى مۇۋاپىق بولسىلا ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە، ھەتتا ئادەم ھاياتى ئۈستىدىمۇ سالا قىلىشقا بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت كۈچلۈك ئۇچۇرىنى يوللىدى.»

ئۇ ئوبزورىدا NBA نىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئامېرىكىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئاممىۋى نارازىلىقلاردا باشقا چوڭ شىركەتلەرگە ئوخشاشلا ئىجتىمائىي ئادالەت بايرىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى، نۆۋەتتە «قارىلارنىڭ ھاياتىمۇ قەدىرلىك» دېگەن شوئارنىڭ بىرلەشمىگە ئەزا 300 ئەتراپىدىكى توپچىنىڭ مايكىسىغا بېسىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

ئۇ، بۇ يەرگە كەلگەندە مۇنداق يازغان: «ئەمما رەسمىي ئىجازەت بېرىلگەن ھېسداشلىق بىلدۈرۈشلەرنى NBA نىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بىلەن سېلىشتۇرۇلماي تۇرالمايسىز.» 

ئۇ ئوبزورىدا يەنە NBA نىڭ «ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۆلتۈرۈلىدىغان» ئۇيغۇر ئېلىدە 

2019-يىلىدىن بۇيان مەشىق بازىلىرى تەسىس قىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇ مۇنداق يازغان: «بۇ ئەسلىھەلەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە ئولتۇرۇش بىلەن سېسىق نامى تارالغان، مەجبۇرىي سىياسىي قايتا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن پۇقرالار ئەڭ كەڭ كۆلەمگە قامالغان بىر رايونغا جايلاشقان ئىدى.»

ئۇ NBA خادىملىرىنىڭ يىللاردىن بېرى بۇلارنى بىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەنلىكى، ئۇلاردا ھېچقانداق ئەخلاقىي جىددىيلىشىش كۆرۈلمىگەنلىكى، پەقەت ئۇلارنىڭ «ئەقىلگە مۇۋاپىق ھالدا تەن ئالماسلىق» پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە NBA ھوستون راكېتا كوماندىسىنىڭ باش دىرېكتورى داريل مورېينىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشنى قوللاپ تارقاتقان تۋىتتېر ئۇچۇرى سەۋەبلىك NBA گە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك پوزىتسىيەدە بولغان ۋە NBA نى كەچۈرۈم سوراتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت