ئادۋوكات زۆھرە ھەمرايېۋا: بىز ئاكا-ئۇكا شەھرىزات ۋە شاھدىيارنى قوغداشنى توختاتمايمىز

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-10-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تاتارلار قازاندا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «لاگېرلار» غا سولاش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى. 2018-يىلى 26-دېكابىر.
تاتارلار قازاندا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «لاگېرلار» غا سولاش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى. 2018-يىلى 26-دېكابىر.
idelreal.org

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى رۇسىيە تەركىبىدىكى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازان شەھىرىدە تۇرۇپ، سىياسىي پاناھلىق ئالالمايۋاتقان قوش كېزەك ئاكا-ئۇكا شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە خەۋەرلەرنى تارقاتماقتا. ئۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەھرىزات بىلەن شاھدىيار 2015‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن قازانغا كېلىپ، «فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» غا ئوقۇشقا چۈشكەن. ئەمما ئۆتكەن يىلى ئۇلارنىڭ ۋىزىسى پۈتۈپ، ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ئوقۇش شەرتنامىسى بىكار قىلىنغان. خەۋەرلەردە يەنە ئۇلارنىڭ دادىسىنىڭ ئۇيغۇر، ئانىسىنىڭ تاتار بولۇپ، ھەر ئىككىسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.

18-ئۆكتەبىردە «موسكۋا ساداسى» رادىيوسى ئېلان قىلغان «خىتايغا يېنىپ كېلىش دېمەك يىغىۋېلىش لاگېرىغا چۈشۈش» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇلار دۇنيا تاتار قۇرۇلتىيى پروگراممىسى بويىچە ئوقۇشقا كەلگەن بولۇپ، ئەمدى خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، مۇبادا يۇرتىغا يېنىپ بارسا، ئۇلارنى سۆزسىز يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىدىكەن. ئۇلارنى پەقەت پاناھلىق ئېلىش مەسىلىسىنىڭ ئىجابىي ھەل قىلىنىشى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدىغان بولۇپ، ھازىرچە بۇ ئىلتىماسى رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ كەلمەكتىكەن. 

بىز شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەت بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سۆھبەت ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ھازىرچە پەقەت ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن سۆزلىشىش مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى زۆھرە ھەمرايېۋا خانىم بىلەن ئالاقىلەشقىنىمىزدە ئۇ مۇنداق دېدى: «2018-يىلى ئۆكتەبىردە ئۇلار ئۇنىۋېرسىتېتتىن چىقىرۋېتىلدى. ئۇلارنىڭ ۋىزىسى تۈگەپ، ھازىر ئۇلار رۇسىيە تېررىتورىيەسىدە رۇخسەتسىز يۈرۈۋۈۋاتىدۇ دېگەن سۆز. ئۇلار ›ئەگەر يۇرتىمىزغا قايتساق، بىزنى ئايرودرومدىنلا لاگېرغا ئېلىپ كېتىدۇ‹ دەۋاتىدۇ. بىز كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە ۋاقىتلىق پاناھلىق بېرىش ھەققىدە ئەرز سۇنغان بولساقمۇ، ئەمما ئەرىزىمىز ھەل بولمىدى. مۇشۇ يىلى ئىيۇندا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بۇ قارارى ئۈستىدىن قازان شەھىرىنىڭ ناھىيەلىك سوتىغا ئەرز بەردۇق. بىر بالىنىڭ ئەرزى يەنە رەت قىلىنغاندىن كېيىن بىز تاتارىستاننىڭ ئالىي سوتىغا ئەرز قىلدۇق. يەنە بىر بالىنىڭ ئەرزى ناھىيەلىك سوتتا تېخى قارالمىدى. قاچان قارىلىدۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.»

يۇقىرىدا ئېيتىلىپ ئۆكەندەك، شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەت «فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» دا بىلىم ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋىزىسىنىڭ پۈتكەنلىكىدىن ئوقۇشتىن چىقىرىلغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز زۆھرە ھەمرايېۋادىن بۇ مەسىلىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «مانا بۈگۈن بىز بۇ گېزەك ئاكا-ئۇكىلار بىلەن بىللە قازان فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا باردۇق. بىز بىلەن يەنە بىر ئادۋوكات بولدى. بىز بۇ بالىلارنى ئۇنىۋېرسىتېتقا قايتىدىن كىرگۈزۈشكە بولامدۇ دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇلار ئىلتىماس يېزىشىمىزنى مەسلىھەت قىلدى. ئەمما شۇنداقتىمۇ بىرىنچى نۆۋەتتە رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ۋاقىتلىق پاناھلىق ئىلتىماسىنى ماقۇللىشى لازىمدۇر. بۇ ئىش ئىجابىي ھەل بولسا، سۆزسىز ئۇنىۋېرسىتېتقا ئېلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن. مەن بۇ يەردە تاتار جامائەتچىلىكىگە، ئاددىي پۇقرالارغا رەخمىتىمنى ئېيتىمەن. ئۇلار بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇشىنىڭ ھەققىنى ئۆز ھۆددىسىگە ئېلىۋاتىدۇ. پاناھلىق ئىلتىماسى ھەل بولمىغان تەقدىردە، بىز ياخشى بىلىمىز، بۇ يەردە سىياسەت بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى ئەلگە چىقىپ كېتىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپىمۇ يوق ئەمەس. ئەمما بىز ئاكا-ئۇكا شەھرىزات ۋە شاھدىيارنى قوغداشنى توختاتمايمىز».

زۆھرە ھەمرايېۋانىڭ پىكرىچە، بالىلار دۇنيا تاتار قۇرۇلتىيى پروگراممىسى بويىچە ئوقۇشقا كەلگەچكە ئۇلارنىڭ ۋىزا مەسىلىسىنى مەزكۇر قۇرۇلتاي ۋاقتىدا ئويلاشقان بولسا، ئۇلار مۇنداق ئېغىر ئەھۋالغا قالمايتىكەن. ئۇلارنىڭ ئوقۇش چىقىمىنى دۇنيا تاتار قۇرۇلتىيى كۆتۈرگەن بولۇپ، ھازىر مەبلەغ ئاجرىتىش توختىتىلغانىكەن. 

زۆھرە ھەمرايېۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار تونۇشلىرىدىن ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن. ئاخىرقى قېتىم ئۆتكەن يىلى تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكىنىدە ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېنىپ كەلمەسلىكىنى جېكىگەن ئىكەن. ھازىر ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە بولمىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىكەن.

قازان شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان، ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ قازان شەھىرىدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان خەلقلەرنى قوللاپ يالغۇز كىشىلىك نارازىلىق نامايىشىنى ئۇيۇشتۇرغان تاتار ياشلىرىنىڭ «ئازادلىق» ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى رافىك كارىمۇللىن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ رۇسىيە-تاتارىستان ھۆكۈمىتىمىز ئۇلارنى قايتۇرۇشنى قارار قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ ئىككى كىشى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى خالىمايدۇ. ئۇلارنى قايتۇرسا، خىتاي دەررۇ لاگېرغا ئەۋەتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ لاگېردا ئىكەن. ئەلۋەتتە، بۇ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. بۇ يەردىكى تاتار جامائەتچىلىكى بۇ ئىشتىن قاتتىق قايغۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا كەلسەك، بەزى تونۇشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئوقۇش پۇلىنى ئۇلار ئۆز يانچۇقىدىن تۆلىگەن.»

رافىك كارىمۇللىن شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەت مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىشىغا بەزى تەشكىلاتلارنىڭمۇ قىزىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت