ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كاتىپى ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ رەپىقىسى رىزۋانگۈل خانىم ۋاپات بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2020-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كاتىپى ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ رەپىقىسى رىزۋانگۈل خانىم. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئەنىق ئەمەس)
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كاتىپى ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ رەپىقىسى رىزۋانگۈل خانىم. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئەنىق ئەمەس)
RFA/Féruze

20-ماي كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە خىزمەت قىلغان ۋەتەنپەرۋەر-شائىر ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ رەپىقىسى ۋە تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوفنىڭ ئانىسى رىزۋانگۈل ئەخمەتجاننى باقى دۇنياغا ئۇزاتتى.

رىزۋانگۈل خانىمنىڭ يولدىشى ئابدۇرېشىت ئىمىن 1949-يىلى 8-ئايدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە قازاغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا» ئىتتىپاق «ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئىدى. ئابدۇرېشىت ئىمىن تونۇلغان شائىر ۋە» ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى «نىڭ مۇخبىرى بولۇپ، ئۇنى ئەخمەتجان قاسىمى كۆپ جايلارغا ئۆزى بىلەن بىرگە خىزمەتكە ئېلىپ بارغانىدى.

رىزۋانگۈل خانىم ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ قازاسىدىن كېيىن پەرزەنتلىرىنى ئۆزى بېقىپ ئۆستۈرگەنىدى. رىزۋانگۈل ھاجىم ئەخمەتجان قىزى 1925-يىلى غۇلجا شەھىرىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ دەسلەپ دىنىي مەكتىپىدە ئوقۇپ، كېيىن بوغالتىرلىق دەرسلىرىنى تۈگىتىپ غۇلجا شەھىرىدىكى گىلەم فابرىكىسىدا بوغالتىر بولۇپ ئىشلىگەن.

1949-يىلى رىزۋانگۈل خانىم، يولدىشى ئابدۇرېشىت ئىمىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، گېنېرال ئىسھاقبېك مۇنونوف قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ھازىرغىچە سىرلىق ۋەقە دەپ قارىلىۋاتقان ئايروپىلان پاجىئەسىدە قازا قىلغاندا ھامىلىدار بولۇپ، ئۇ ئۈچ كىچىك پەرزەنتى بىلەن قالغانىدى.

1961-يىلى رىزۋانگۈل ھاجىم تۆت بالىسى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ بىشكەك شەھىرىگە ئورۇنلاشقان. ئۇ، بىشكەك شەھىرىدە زاۋۇت-فابرىكىلىرىدا ئىشلەپ باللىرىغا ئىلىم تەربىيەسى بېرىپ، ئۇلارنى دادىسىغا ئوخشاش مىللەتپەرۋەر روھتا تەربىيەلىدى. بۇ ھەقتە رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى رەھىمجان ھاپىزى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف ۋە ئائىلىسىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈپ، مەرھۇمەنى قەھرىمان ئانا دەپ تونۇيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە تۇغۇلغان گۈلبۇستان ئابدۇرېشىت، يەنى رىزۋانگۈل ھاجىمنىڭ قىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەرھۇم ئاتا-ئانىسىدىن غۇرۇرلىنىدىغانلىقىنى، ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىنى مۇھاجىرەتتە قانچىلىك قىيىنچىلىقلار بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، پەلسەپە پەنلەرنىڭ كوندىدات دوكتورى ئەكبارجان باۋۇدۇنوف ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

رىزۋانگۈل ھاجىمنىڭ ئوندىن ئوشۇق نەۋرە ۋە يىگىرمىدىن ئوشۇق چەۋرىسى قالدى.

رىزۋانگۈل خانىم شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقان تارىخىي شاھىتلار ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر بىشكەك ۋە ئالمۇتا شەھەرلىرىدە 1944-1949-يىللىرىدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان كىشىلەر ناھايىتى ساناقلىقلا قالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت