ئابدۇررېشىت جېلىل قارلۇق: «خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىشكە ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە جاۋاب يوق!»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى، «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور مەمەت ئۆز ئەپەندى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2019-يىلى دېكابىر. تۈركىيە.
تۈركىيە ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى، «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور مەمەت ئۆز ئەپەندى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2019-يىلى دېكابىر. تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق 80 ياشتىكى ئانىسى، بىر قورساقتىن چىققان 5 قېرىندىشى ۋە 24 ئەتراپىدا جىيەنىدىن ھېچ قانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقى توغرىسىدا سىنالغۇ كۆرۈنۈشى ئىشلەپ تارقاتقان. مەزكۇر سىنالغۇ كۆرۈنۈشىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ ساندا كىشى ھەمبەھىرلەنگەن. بۇنى كۆرگەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۆزلىرىگە يېقىن بولغان «ئۇلۇسال قانال» تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل دىپلوماتى چېن ۋېيخۇا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا نۇقىلىق ھالدا ئابدۇررېشىت قارلۇقنىڭ ئېلان قىلغانلىرىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇلار باياناتىدا دوكتور ئابدۇررېشىت جېلىل قارلۇققا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ھەقتە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن تېخىغىچە جاۋاب بەرمىگەن.

چېن ۋەيخۇا باياناتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يالغان خەۋەر تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار توغرىلىق نۇرغۇن يالغان خەۋەر تارقىلىپ يۈرۈپتۇ. مەن بىر خىتاي دىپلومات بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇلارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى دېسەم، بەلكىم ماڭا بەك ئاز كىشى ئىشىنىدۇ. چۈنكى مۇشۇنداق بىر كەيپىيات بار، ئىشەنمەسلىك بار.» 

خىتاي دىپلومات بۇ ھەقتە بىر مىسال بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتىدە بىر ئۇيغۇر پروفېسسور بار ئىكەن. ئۇ تىۋېتتېردىن بىز بەش بالا، ئانام ۋە قېرىنداشلىرىم لاگېردا تەن جازاسىغا ئۇچراپتۇ دەپ يازدى. بۇنى نۇرغۇن كىشى كۆرۈپتۇ. مەن بۇ يەردە ئىككى مەسىلە ئۈستىدە توختالماقچىمەن. بىرىنچىسى، بىز خىتاي ئەلچىخانىسى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ياكى بۇرۇن خىتاي پۇقراسى بولۇپ ھازىر باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بېشىغا بىر ئىش كەلگەن بولسا، بىزگە ئىلتىماس قىلسا بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز. بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. لېكىن بۇ پروفېسسور بىزنىڭ ئەلچىخانىمىزغا كەلمىدى. ئۇ دېگەن ئىشلار راستمۇ ياكى يالغانمۇ؟ بۇنىمۇ بىلمەيمەن. بىز تىۋېتتېردە كۆردۇق، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشقا تىرىشىمىز. يەنە بىرسى ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق 5 قېرىندشىنىڭ سۈرىتىنى كۆرسەتتى. تۈركىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نورمىدىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ، ئاياللارنىڭ قۇرسىقىدىكى بالىنى مەجبۇرىي چۈشۈرىۋېتىدۇ، دېگەن گەپلەر بار. ئەگەر ئۇنداق بولسا، قانداقمۇ ئابدۇرېشىت قارلۇقنىڭ ئاكا ۋە ئۇكىسى بولۇپ، 5 قېرىندىشى بولىدۇ؟ بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدە يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.» 

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي دىپلوماتنىڭ «ئۇلۇسال قانال» تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق بەرگەن باياناتىدىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، تۈرك ئاممىسى ۋە تۈرك زىيالىلىرى ئابدۇرەشىت جېلىل قارلۇقنى سەمىمىي كەيپىياتتا قوللىدى. ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەدە 100 يىللىق تارىخقا ئىگە «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىي بىناسىدا مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئابدۇررەشىت جېلىل قارلۇقنى قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ئەيىبلىدى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

«تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور مەمەت ئۆز ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بىردىن-بىر ئارزۇيىمىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرى بىلەن ياشىشىدۇر. خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ھازىر خىتاي ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ئىرقىدىن ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلماقتا. بۇلارغا قارىتا ھەممىمىز ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك. تۈركىيە دۆلىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى دەۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشى، ئۇلارغا ئىگە چىقىشى كېرەك.»

بۇ ھەقتە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇررېشىت قارلۇق، 80 ياشلىق ئانىسى ۋە 5 قېرىندىشىدىن بەزىلىرىنىڭ جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «2017-يىلى 3-ئايدىن تارتىپ 80 ياشتىكى ئانام، 5 قېرىندىشىم، 24 جىيەنىم بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالدى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىم ئارقىلىق ئەمەس، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىم ئارقىلىق ئۇلار ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتىم، چۈنكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قورقىدۇ. 2018-يىلىنىڭ بېشىدا بىر خىتاي ئوقۇغۇچىمدىن كەلگەن ئېلخەتكە ئاساسلانغاندا، ئۇكام لاگېردا قېيىن-قىستاققا ئۇچراپ مېيىپ بولۇپ قاپتۇ. خىتاي يەنە بىر ئۇكامغا 11 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپتۇ. ئاكام ئۈرۈمچىدە لاگېردا ئىكەن. يېزىدىكى چوڭ ئاكاممۇ لاگېردا ئىكەن. بۇ مەلۇماتلارنى تىۋېتتىردا تارقاتتىم، بۈنى كۆرگەن خىتاي ئەلچىخانىسى تېلېۋىزور ئارقىلىق مېنىڭ سوئالىمغا دەل جاۋاب بەرمەي، مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلىپتۇ.» 

ئابدۇررېشىت جېلىل قارلۇق خىتاي دىپلومات چېن ۋېيخۇانىڭ ئۆزى ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ مۇدىرىغا خەت يېزىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە جاۋاب كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلچىخانىسى 7-دېكابىر كۈنى بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرىغا خەت يېزىپ، سىلىنىڭ خىزمەتچىڭلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز دەپتۇ. مەن 3 يىلدىن بۇيان ئېنىق خەۋەر ئىگىلىيەلمەيۋاتىمەن. ئەلچىخانا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، مەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆيۈمنىڭ ئادرېسىنىمۇ بەردىم. مەن ئۇلارغا ئائىلەمدىكىلەر لاگېردىمۇ ئەمەسمۇ؟ تەن جازاسىغا ئۇچرىدىمۇ-يوق؟ ئۇلار ھاياتتمۇ ؟ بۇلارنى سورىدىم. خىتاي دىپلوماتلار ۋەدە بەرگىلى بۈگۈن 8 كۈن بولدى، تېخىغىچە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم توغرىسىدا جاۋاب يوق.»

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىر يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانىسىنى سوراپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر تارقىتىپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا جاۋاب بەرمىگەن خىتاي ئەلچىخانىسى نېمە ئۈچۈن ئەمدىلىكتە ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇقنىڭ سىنالغۇ كۆرۈنۈشىگە جاۋاب بېرىش ئىھتىياجىنى ھېس قىلىدۇ؟ خىتاي دىپلوماتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتى ئارقىلىق تۈركلەرنى ئىشەندۈرەلەمدۇ؟ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىبىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى خىتاينىڭ ئەمدى تۈرك خەلقىنى ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

بۇ خەۋەرگە تۈركىيەدىكى بەزى تېلېۋىزيە ۋە گېزىتلەر ئورۇن بەردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت